ئالەم بوشلۇقى(ئېغىرلىق تارتىش كۈچى يوق) شارائىتىدا ھۆل لۆڭگىنى سىقسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئالەم بوشلۇق پونكىتى رادىئوسى ئاڭلىتىشىدا، كانادا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدىكى Chris Hadfield داۋاملىق كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى يېڭىچە تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەمما، Hadfield يېقىندا ئېلان قىلغان بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلار ئەمەلىيەتتە ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ بايقىغان نەرسىلەر بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ قىززىقتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئىزچىل يەر شارىدا ياشاۋاتىدۇ.
بۇ كانادالىق ئالەم ئۇچقۇسى ئالدىنقى ھەپتە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى YouTube دا ئېلان قىلغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ ھۆل لۆڭگىنى سىققان جەريانلار ئېلىنغان. بۇ ئاڭلىماققا ئادەتتە نورمال ئادەملەر كۆرسەتكەندەك ئاددىي تۇيۇلىشى مۇمكىن، ئەمما يەرشارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى بولغاچقىلا، قولدىكى لۆڭگىنى سىقىشنىڭ ئوڭايلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئېغىرلىق كۈچى نۆل بولغاندا، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. Hadfield بىر دانە ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ۋاكۇئۇم قىلىپ ئورالغان لۆڭگىسىنى مىسال قىلغان ۋە كەينىدىن بىر خالتا سۇنى لۆڭگىگە تۆككەن.
بۇ چاغدا ئويلىمىغان ئىش يۈزگەن. Hadfield لۆڭگىنى سىققان ۋاقىتتا، سۇ خۇددى نۇر گەردىشىگە ئوخشاش لۆڭگىنىڭ ئەتراپىغا يېپىشىۋالغان بولۇپ، قارىماققا خۇددى بىر كۈچ مەيدانىدەك كۆرۈنەتتى، باشقا سۇ تامچىلىرى بولسا ئۇنىڭ بىلىكىنى بويلاپ ئۈستىگە ئۆرلەپ، خۇددى ئالەم بوشلۇقى قۇرۇتلىرى ئالەم ئۇچقۇسىنى يەۋەتمەكچى بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئاددى ئەمما تەپەككۇرنى ئويغىتىدىغان تەجرىبە، بىر گۇرۇپپا 10-يىللىقتىكى كانادالىق ئوقۇغۇچىلارنى يېقىندا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، ئالەم، تەجرىبە، سىرلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,759 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: wring-out-washcloth.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزى ياسىۋالغان يۇقىرى ئېلىكتر بېسىملىق «گىلادىئاتور» خەنجىرى – لازىم بولغاندا خەنجىرىمنى چىقىرىپ قاتتىق توۋلايمەن!!
- كېيىنكى يازما > تولا غەۋغا قىلمىسۇن، بولكاڭنىمۇ چانايمەن! يېمەكلىكلەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقىلى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- بىز تۇرىۋاتقان ئالەم – گەرچە تەسەۋۋۇر قىلىنغان كارتون بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدىكى ئالەم بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن
- ئالەم بوشلۇقىدا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چېچىنى قانداق يۇيىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- SpaceX Grasshopper راكېتاسى ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يەنە يېڭىلاپتۇ
- «لەيلىمە» پولات زەنجىر ھەققىدىكى كىچىك تەجرىبە، پرىنسىپىنى چۈشىنەمدىكەنسىز؟
مەنمۇ گىلەم تالىشىپ باقاي،داۋان داۋاي!
خەپ
ئەتىگەندىن بىرى ساقلاپ ئولتۇرۇپمۇ دىۋانغا كىچىكىپ قاپتىمەن
لېكىن ما ئويۇن بولدىكەن
مىنىڭمۇ شۇنداق شارائىيتتا لەيلەپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ، كىچىمىدە مارىئو (موگو) نىڭ لەيلەيدىغان بىر نۇسقىسى بولىدىغان لەرزان موگو دەپ ئاتاپ ئوينايتتۇق، شۇنىڭغا ئامراقتىم مەن؟
لەيلەپ باقسىڭىز تازا بۇلىدىكەن ، ساياھەت قىپ كىرگەنلەر باغۇ ،بەلەت باھاسى 35مىليۇنكەن شۇ ، دوللار جۇما ھې ھې ھۇ
لەرزان موگۇ ، ۋا خا خا !ھېجەپ ئوماق ئىسىم قۇيۇپتىكەنسىلە ، بىز قۇيرۇقلۇق موگو دەيتۇق ، ئاشۇ شۇمۇ يا
پۇرسەتپەرەس
خۇماداشلار دىن مۇشۇ توغۇرلۇق بىر گەپنى سوراي دەپ تۇرسام بۇ توغۇرلۇق تىمىمۇ يوللىنىپتۇ .
دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلىقىدا كىيىدىغان كىيىمى نەچچە توننىدىن ئاشىدۇ دىشىدۇ ، مەن ئۇلاغا قارشى ناھايتى يەڭگىك بولىدۇ دىدىم . ئۇلامۇ ئۆزنىڭكىنى توغرا دەپ مەنمۇ ئۆزۈمنىڭكىنى توغرا دەپ ……..
سىلە بىرنىمە دەپ باقساڭلار
نەچچە توننا دىگىنى سەل ئېشىپ كىتىپتۇ ، لىكىن بىز ئويلىغاندەك يەڭگىلمۇ ئەمەسكەن ، دۆلتىمىزدىكى باللا ئالدىنقى قېتىم ئۇچقاندا كەيگىنىنى 120كىلو دەپتۇ ، تەننەرخى 30مىليۇنكەن ، ئالاي دەپتىم بولدىلا
ھە ئەسلى مۇنداقكەندە …
بۇ تەجىربە بويىچە ئېتقاندا Hadfield لۆڭگە ۋە ئادەم بەدىنى ئالەم بوشلۇقىدا سۇغا نىسبەتەن بىرخىل تارتىش كۇچى ھاسىل قىلدى دەپ قارامدۇق؟
بۇنى لۆڭگە ۋە ئادەم بەدىنى ئالەم بوشلۇقىدا سۇغا نىسبەتەن تارتىش كۇچى ھاسىل قىلغانلىقتىن ئەمەس ، سۇ مولىكۇلالىرىنىڭ ئۆز ئارا تارتىشىش كۈچى سەۋەبىدىنمىكى دەيمەن.
ئالەم بوشلۇقىدا ھاجەت قىلماقمۇ بىر ئىش ئىكەن جۇمۇ ( بولۇپمۇ ئالەم كىمىسى ئىچىدە ) …
دۇم يىتىۋېلىپ تەرەت قىلسىڭىزلا ھەممە ئىش تامام
ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن…
سۇ مولىكۇلىرىنىڭ تارتىش كۇچى سەۋەبىدىن بولسا سۇ دانچىلىرى ئالەم بوشلۇقى شارائىتىدا باشقا جىسملارغا ئوخشاش لەيلەپ تۇراتتغۇ دەيمەن ھەم نىمە ئۇچۇن پەقەت ئادەم بەدىنى ۋە Hadfield لۆڭگە يېپىشىپ باشقا جىسىملارغا يېپىشمايدۇ؟
لۆڭگىنى سىققاندا سۇ لۆڭگىنىڭ سىرتىغا چىقىدۇ. ئەمما ئېغىرلىق كۈچى بولمىغاچقا تۆۋەنگە ئېقىپ كەتمەي، يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى (سىندا ئېيتىلغان surface tension، خەنزۇچىدا 表面张力 ) نىڭ تەسىرىدە لۆڭگە ۋە قولغا يىپىشىپ تۇرىدۇ. بۇ كۈچنى يىڭەلىگەندە ئەتراپقا چاچرايدۇ. خۇددى سىندا بەزى سۇ تامچىلىرى ئەتراپقا چاچرىغاندەك.
ئاجايىپكەن دىسى توۋا بىز تىخى ياش بىزگىمۇ پۇرسەت كۆپ باللا شۇندامۇ يا ئابومجان ئىدىش
بۇ ئادرىسقا بىر كىرىپ كۆرەپ بكەن http://xjtanha.com/etot_kuyux.asp?ID=4847
مېنىڭمۇ ئاسماندا ئۇچۇپ باققۇمبا خەنكوك قا ئوخشاش
مەن بۇ تورخۇمار بىلوگىنى ، بەك بەك بەك ياقتۇرىمەن
تورخۇمارنىڭ ھەممە يېرى مەن ئۈچۈن دىۋان ! دىۋان ! دىۋان ! دىۋان ! دىۋان ! دىۋان ! دىۋان ! دىۋان !
يائاللا ، ھەيران قالدىم دېسە ، مارىستا ياشاشقا تىزىملىتىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچتىم ، كۆنەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن
قالتىسكەن جۇمۇ ، مېنىڭ مۇ ئايشارىغا چېقىپ باققۇم با،،،،،،ھې ھې ھې