نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

«لەيلىمە» پولات زەنجىر ھەققىدىكى كىچىك تەجرىبە، پرىنسىپىنى چۈشىنەمدىكەنسىز؟

«پولات زەنجىر» بولسا ئادەتتىكى كىچىك بىر قورال. ئادەتتە پەنجىرىنى ئېچىپ تاقاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، نەچچە كويچەنگە خېلى جىق ئورام سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىدىن ياخشى پايدىلىنالىسىڭىز، ئىنتايىن قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگىلى بولىدۇ.

لەيلىمە پولات زەنجىر

سىز پەقەت زەنجىرنىڭ بىر ئۇچىنى ئىستاكاندىن چىقىرىپ قويۇپ بەرسىڭىزلا، پەسكە چۈشىۋاتقان زەنجىرنىڭ ئۇچى شىددەت بىلەن ئىستاكان ئىچىدىكى باشقا زەنجىرلەرنى تارتىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاڭلىماققا ئادەتتىكى بىر ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. يەنە ئازراق دەپ بېرەي: زەنجىر ئىستاكاندىن پەسكە پەقەت ساڭگىلاپلا چۈشمەيدۇ، بەلكى ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىدۇ.

پىرىنسىپى:

چۈنكى زەنجىرنىڭ پەسكە چۈشۈش تېزلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، بىر ئۇچى پەسكە چۈشكەن چاغدا، ھەرىكەت نۇقتىسىدىكى يەنە بىر ئۇچى ئىستاكاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىدۇ. يۆنىلىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشى ئىستاكاندىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان زەنجىرگە شەكىل ئۆزگەرتىشكە ئانچە كۆپ ۋاقىت بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدا بىر غايەت زور كۈچ شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، زەنجىر يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇن بۇ كۈچ سەۋەبىدىن ئۈستىگە لەيلەپ كۆتۈرۈلۈپ، رەسىمدىكىدەك ھالەت شەكىللىنىدۇ.

تەجرىبىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاماشىبىن 2013.07.11 , 02:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تەجرىبە نىمە ئىشلارغا ئەسقاتا؟ كۆپچىلىك بىر دەپ باقمامسىلەر كۆز قاراشلىرىڭلارنى. مەنغۇ قاراپ ھۇزۇرلىنىپ قويدۇم شۇ…..:mrgreen:

    • فىرقەت 2013.07.11 , 02:22

      ئۇنداق دېسىڭىز بولماس؟ ھەممە نەرسە چوقۇم ئەسقېتىشى كېرەكمۇ؟ ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرىدىغان ئىش بولسا كىشىنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    • تاماشىبىن 2013.07.11 , 02:35

      ئازىراق بامۇ ما ئاداشتا، خەتنى چۈشۈنۈپ ئوقۇيلى مۇنداق. مەن ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرايلى دېگەن گەپنى قىلمىدىمغۇ؟! كۆپچىلىكمۇ ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا بىرە نەرسىگە ئەسقاتىدىغان قىزىقارلىق بىر نەتىجە چىقىپ قالامدىكىن دېدىم شۇ.

    • فىرقەت 2013.07.11 , 02:47

      مەندە بار يوقلىقىنى تالاشمايلى. چۈشىنىپ ئوقۇيلى دەپسىز، مەن ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق چۈشىنىپ يازغان گەپتى ئاۋۇ. ئەمىسە قېنى كۆپچىلىك بىر نېمە دەپ باقسۇن. مەندەك چۈشەنگەنلەر ئىنكاسىمدىكى سازكەننى بېسىپ قويۇڭلار، سىزدەك چۈشەنگەنلەر تۇنجى ئىنكاسىڭىزنى مازكەننى بېسىپ قويسۇن. قانداق؟:smile:

    • ئابومجان 2013.07.11 , 08:28

      ئىنكاسىڭلانى ئۇقۇپ خېلى ئويلاپ باقتىم ، بىرەسىڭلا خاتا گەپ قىغاندەك ئەمەس ، ئۆزەڭلانىڭكىنىلا توغرا دەپ قارىۋامماي قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپمۇ ئازراق ئويلاپ بېقىڭلا باللا، ئىشقىلىپ ئۇلۇغ رۇزا رامىزاندا كەڭ قورساق،ئەپۇچان بولغۇلۇق…(ئەتىگەندە دەرس ئۈتۈپ كەتتى ما ئابومېك دەپ قامماڭلا جۇمۇي)

  2. ئابومجان 2013.07.11 , 08:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاماشىبىننىڭ ”ئازىراق بامۇ ما ئاداشتا “دىگەن ئىنكاسىنى كۈرۈپ توختى پۇكان ھېكايىسىدىكى بىر كىچىككىنە ۋەقە ئىسىمگە كەپ قالدى :
    ئەمما بۇ ئاسايىشلىق كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارالمىدى، بىر كۈنى ئەتتىگەندە جامائەت بامداتتىن يېنىپ ساۋۇت خارەتنىڭ ئۆيىدىكى نەزىرگە داخىل بولدۇق، لىگەن-لىگەن پولۇ ئاشلار ھاينى-ھۇيت دىگۈچە قۇرۇقدىلىپ دۇئا ياندۇرىدىغان پەيت يىتىپ كەلدى، ئادەتتە بۇنداق نەزىر دۇئاسىنى كۆپىنچە مەھەللىدە دىنىي بىلىمى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان، يۈزى ھەممىدىن چوڭ بولغان ھاجىم يەنى پاتمىخاننىڭ دادىسى ياندۇرۇپ بىرەتتى.

    باشقىلارنىڭ كەينى-كەينىدىن خوش ئىتىشى بىلەن ھاجىم ئۈنلۈك قىلىپ «ئامىن!» دەپ قۇلىنى ئېگىز كۆتۈردى، پۈتۈن جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى، نەزىر تامىقىنى جىق يەۋالدىممۇ بىلمىدىم دەل مۇشۇ پەيتتە قېرىشقاندەك قۇرسۇغۇم ۋاراقشىپ ئاغرىپ، چىدىغۇسىز بىر يەل قۇرسۇغۇمنىڭ تۆۋىنىگە كىلىپ تۇرىۋالدى، ئاڭغىچە پۈتۈن كۈچۈمنى پەسكە يېغىپ بۇلبۇلۇمنىڭ سايراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدۇم.

    مۇشۇ تاپتا بۇ باشتۇڭ يەل كۈزۈمدىن چىقاي دەپ قالغان ئىدى، جېنىمغىنا ھاجىمنىڭ دۇئاسىمۇ بارغانسېرى ئۇزىراپ تۈگىمەيۋاتاتتى…..

    ئاھ خۇدا! «غور……ت» قىلغان مۇڭلۇق ھەم ئۇزۇن بىر ئاۋازدىن پۈتۈن جامائەت چۇچۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ ئوسۇرۇپ باقمىغاندەك تەڭلا ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراشتى، كۈزىنى يۇمۇپ دۇئا قىلىۋاتقان ھاجىممۇ خۇددى مىنىڭ يەل قويىۋەتكىنىمنى كۆڭلى تۇيغاندەك كۈزىنى«لاپپىدە» ئېچىپ ئۇدۇللا ماڭا قارىدى…

    «ئاھ! قانداق قىلاي !» ماڭا ئاسمان يىراق يەر قاتتىق تۇيۇلۇپ كەتتى، مەن ئاخىرى بۇلالماي يېنىمدا ئولتۇرغان بىرسىگە گاچچىدە ئۆرۈلۈپ قارىدىم، جامائەتمۇ مەن بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا قارىدى، يېنىمدىكى بۇ ئادەم ئادەتتە ئوننى تەپسە بىر قېتىم تەۋرىمەيدىغان، يۈز ئېغىز گەپ سورىسا بىرگە جاۋاب بىرىدىغان ئىنتايىن يۇۋاش خۇدا قۇلى بىر ئادەم ئىدى. لېكىن بۈگۈن بۇ بىر نېمىگىمۇ زۇۋان كىرىپ قېلىۋاتاتتى:

    – ساقتۇ ؟

    ئۇنىڭ بۇنداق «ساقتۇ» دەپ ئۈنلۈك سورىغىنى «بىرنېمىڭىزنىڭ كارنىيى يىرتىلىپ كەتمىگەندۇ؟»دېگىنى ئىدى، جامائەت يەنە ماڭا قاراشتى، مەن ئەمدى بۇ يۈزى قېلىن يەلنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم سول تەرىپىمدىكى بىرەيلەنگە تىكىلىپ قارىدىم، بىراق يېنىمدىكى بۇ مەدىكارمۇ خۇددى مەن ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغاندەك بۇرنىنى ئىككى قوللاپ ئىتىپ ئاللاقاچان مەندىن داجىپ تۇرۇپتۇ. مەن ئىشنىڭ قاملاشمىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە سورۇندىن پارتاقشىپ قېچىپ چىكەتتىم .

    • ئابومجان 2013.07.11 , 09:07

      توختى پوكان ناملىق بىر يۈرۈش ھېكايە ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاشنىڭ ئەسىرى بۇلۇپ ، ئىشىنىمە خېلى جىق باللا ئۇقۇپ باقتى بۇ ھېكايىلەرنى ، لىكىن ئاپتۇرنىڭ زۇلمەتلىك تۇپراق ناملىق رومانىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن قاتتىق ھاياجانلانىدىم ، بەك ياخشى يېزىپتۇ ، ئىزدىنىش دىگەندەك مۇنبەرلەردىمۇ خالىسانە پۇل يىغىپ ئاپتۇرغا ئازراق كۆڭلىنى بىلدۈرۈش دىگەندەك پائالىيەتلەرنى ئېپ بىرىپتۇ ، مۇشۇنىڭدىنمۇ بۇ روماننىڭ قانچىلىك ياخشى يېزىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز ، ئەمدى گەپ بۇ توختى پوكان ھېكايىسىنى ھەم زۇلمەتلىك تۇپراق رومانىنى ئالىپتىكى بىر بالا ئەپ قىلىپ ياساپتىكەن ، ئۇقۇش بەك قۇلايلىقكەن ، تېخىچە ئۇقۇمىغان خۇماداش خاپومماي ما ئادرىستىن چۈشۈرۈپ ما روماننى بىژ ئۇقۇپ باقاملا :
      بەيدۇ بۇلۇتتىن چۈشۈرۈش:
      http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2040431574&uk=78309

    • ئابومجان 2013.07.11 , 09:10

      تېمىغا مۇناسىۋەتسىز يېزىۋەتتى دەپ خاپوپ كەتمەڭلا ھوي … بەك بەلەن نەسە بوغاچقا خۇماداشلا بى ئۇقۇپ قاسۇن دەپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالامماي يوللاپ سالدىم مىيەگە

  3. ئەل ئۇمۇت 2013.07.11 , 14:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپتۇر بۇ رومان بىلەن ماۋۇ چاتما ھىكايىلەرنى ئاجايىپ قالتىس يىزىۋىتىپتۇ پىقىر كىتاپ ئوقۇمايدىغان ئادەممۇ ھىكايىسىنى ھەم ئاۋۇ زۇلمەتلىك تۇپراق دىگەن رومانىنىمۇ باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم بولۇپمۇ ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئاۋۇ رومان بولدى ئوقۇمىغان قىرىنداشلار بىر ئوقۇپ قويساڭلا

  4. دىغار 2013.07.11 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇنى لوگىكىلىق جەھەتتىن چۈشەنگەنلەر 30- تىئورېمىنى بىر ئىجاد قىلىۋەتمەمسىلەر!

  5. زۇليار 2013.07.12 , 00:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىستاكاننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ چىگلىشىپ قالمايدىغان قانداق پولات زەنجىردۇ بۇ

  6. پولات 2013.07.12 , 00:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما تەجرىبىنى ئەلپەنچىلەر كۆرۈپ قالسا مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل ياساپ چىقىشتىن يانمىغۇدەك

    • سالىھ بىگ 2013.07.12 , 12:19

      چىمىدۇ مۇشۇ ئەلپەنچىلەر دىگەن .

  7. سالىھ بىگ 2013.07.12 , 12:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە تومۇر زەنجىرنى بىر ھالقىغا ئۆتكۈزۈپ ئاندىن يەرگە تاشلىغاندا زەنجىردىن چىققان كۈچ شۇ تۆمۈر ھالقا ئارقىلىق مەلۇم خىل ئىنىرگىيەگە ئايلاندۇرىلىشى مۇمكىن .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量