نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

تىنچ ھالەتتىكى رەسىملەرمۇ مىدىرايدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بەزىدە كۆزلىرىڭىز سىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن

ئىشىنەمسىز؟ بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى تىنچ ھالەتتىكى رەسىملەر! ياپونىيەلىك پراففېسور Kitaoka Akiyoshi ئولتۇرۇپ بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى ياساپ چىققان، بۇ سۈرەتلەرگە قارىغىنىڭىزدا، ئاۋال كۆرۈش تۇيغۇڭىزنىڭ خاتالاشقانلىقىدىن گۇمان قىلىسىز، ئاندىن بۇ سۈرەتلەرنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى بايقايسىز…

akiyoshi-illusions

كۆرۈش تۇيغۇسىنى ئالدايدىغان سىرلىق سۈرەتلەر

[iPc.me]Akiyoshi Illusions (2)

[iPc.me]Akiyoshi Illusions (5)

[iPc.me]Akiyoshi Illusions (3)

[iPc.me]Akiyoshi Illusions (8)

[iPc.me]Akiyoshi Illusions (10)

[iPc.me]Akiyoshi Illusions (13)



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. مامكاپ 2013.07.11 , 01:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ دىۋانمۇ قانداق

  2. ئەركەم 2013.07.11 , 01:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاتايىن چۈشۈرۈپ قاراپ باقتىم، ھەممىسىنىڭ فورماتى JPG كەن بولمىسا، نېمىشتۇ بۇ؟:dizzy:

  3. سەھرالىق 2013.07.11 , 01:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1-رەسىمنىڭ مەركىزىگە مىقتەك قادىلىپ تۇرىۋالسىڭىز جىملا تۇرىدىكەن،ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ:mrgreen:

  4. تاماشىبىن 2013.07.11 , 02:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3_رەسىمنىڭ كۆرۈش قائىدىسى ئوتتۇرىدىكى نۇقتىغا تىكىلىپ بېشىڭىزنى يىراق يېقىن قىلىپ بېرىڭ…..:mrgreen:

  5. ئابومجان 2013.07.11 , 07:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر مەزگىل مۇشتا غەلىتە رەسىملەرنى خېلى ئويناپ قويغان ، بۇلۇپمۇ ئېۋۇ ئىككىنجى پارچە رەسىم ئاجايىپ سىرلىق تۇيۇلۇپ كىتىپ بىر سائەت دەرس ئاڭلىماي دەپتىرىمگە سىزىپمۇ باققان ، ئا چىكىتلە يەنىلا لىپىلدايدىكەن .

  6. بۆرەزادە 2013.07.11 , 17:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق ئۇنۇمدىكى رەسىملەرنى قانداق سىزىدىغاندۇ ..

    • سەۋدايى 2013.07.11 , 19:46

      قول بىلەن سىزمامدۇ بۆرە ئەپەندىم ….ھايۋانات جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پۇتى بىلەن دېمەكچى :mrgreen:…چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ…:grin:

  7. كۇسەن 2013.07.11 , 20:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بېشىم قېيىپ كەتتى

  8. پولات 2013.07.12 , 00:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىدىرلاۋاتقان تۇيغۇ بەرگەن يەرلەر ئەمىلىيەتتە كۆرۈش نۇقتىسىنىڭ گىرۋىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى كۆز بىلەن تىكىپ قارىغان يەرلەر مىدىرلىمايدۇ.

  9. زېرەك 2013.07.12 , 20:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماسوننىڭ بەلگىلىرىگە دىققەت قىلىپ قالدىميا؟ بۇرۇن كۆرگەنلىرىدە يوقتەك قىلغان؟

    • ئىخلاس بۈۋى 2013.09.07 , 09:13

      راسىت، مەنمۇ بىر كۆزنى كۆرەپ قالغاندەك قىلدىم.

  10. چاتقال 2013.07.16 , 01:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆزنى تالدۇرۇۋىتەمدۇ نېمە

  11. ھىجران 2013.07.16 , 22:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي دەششەتكەنغۇ ، كۈزۈم ئېلىشىپ كەتتى

  12. ئۈمىد 2013.07.22 , 12:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ماۋۇ ئالما تېلېفوندا كورسەم مىدىرلاپمۇ قويمايدىغۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量