67 گە كىرگەن بوۋاي پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆز قولى بىلەن «مىكرو كەنت» ياساپ چىقىپتۇ
ئۆزىنىڭ گۈللۈگىنى بۇ نەپس مىكرو ئىمارەتلەر بىلەن توشقۇزغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەتراپتىكى بىكار بوشلۇقلارنى داۋاملىق قېزىپ يېڭى قۇرۇلۇشلارنى تاماملاشقا باشلاپتۇ، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ماشىنا ئىسكىلاتىدا بۇ مىكرو ئىمارەتلەرنى ياساش بىلەن ئۆتكۈزگەن بوۋاي، مەزكۇر «مىكرو كەنت» نى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن…
67 ياشلىق ئەنگلىيەلىك بوۋاي Lawson Robinson، پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئارخېكتورلۇققا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىدىن ۋاز كېچەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى گۈللۈكتىن پايدىلىنىپ، بىر يۈرۈش «مىكرو كەنت» قۇرۇپ چىققان، بۇ كەنتتە قەلئە، سېپىل، قاۋاقخانا، چېركاۋ، داچا قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
بوۋاينىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر ئۆمۈر دېگۈدەك سىرتتا ئارخېكتورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن داۋاملىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرۈشكە چىدىماي، ئاخىرى بۇ مىكرو ئىمارەتلەرنى قۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ، بۇنداق قىلغاندا ۋاقىت ئۆتكۈزگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخىمۇ كۆپ مىكرو قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق ياساش پلانىنى سوقۇۋېتىپتىمىش…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىمارەت، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,150 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mikro-kent.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېنگلىزچە 26 ھەرپتىن تۈزۈلگەن تەگرەسىملەر
- كېيىنكى يازما > تىنچ ھالەتتىكى رەسىملەرمۇ مىدىرايدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بەزىدە كۆزلىرىڭىز سىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- سىرلىق Dalston قوروسى – تامدىن-تامغا ئۇچۇپ يۈرگىلى بولىدىغان ئىمارەت! قالتىسكەن قالتىس!
- بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
- «يېڭى ناۋا»تۇنجى سان | كۆپچىلىك سىلەرچە يېڭى ناۋا قانداقراق بوپتۇ؟
پاھ…! قالتىسقۇ …..ئاسان ئەمەس جۇمۇ ، بەزى كىشىلەرگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز ……!
مۇشۇ كۈنلەدە دىۋان مەندىن ئاشماس بوپ كەتتىمۇ نىمە ….كەشكىچە مازكەن قىلىۋەمەي ئانچە مۇنچە سازكەنمۇ قىپ قوياڭلا ماخما خى خى
ۋاھ پەچەت ياساپتىغۇ ، ئادەم سەۋىرچان بولسا ياخشى جۇمۇ ماڭا ئوخشاش خې خې خې
ھەقىقەتەن پەيزى ياسپ چىقىپتۇ جۇمۇ.. بۇ كىشنىنى بىزنى سەھراغا ئەكەپ قويسا بولامدۇ نىمە…دىھقانلارغا ھەقسىز لاھىيلەپ بەرسە((ھەي،،،،،، ھۆكىمتى ئاكام ئۈنىمايدۇدە))
ۋاي ۋۇي ھەجەپ ئىچىم كۆيدى ما ياسىغان مەلىسىگە .
جۇڭگۇدىكى كانچىلىقتىن پىنسىيەگە چىققان بىژ بۇۋاي ئۆي ئالالماي ، مومىيى بىلەن تۆت يىل سەرىپ قىلىپ يەرنىڭ ئاستىغا 14 پىڭپاڭلىق ئۆيدىن بىرنى كولاپتىكەن ، ھايال ئۆتمەي زىمىن بايلىق ئىدارىسى دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرمۇنچە قاراقچى كىلىپ ، قانۇنسىز ئۆي ياسىدىڭ دىگەندەك پۇتاقلار بىلەن كولىغان ئۈيىنى كۈمۈۋىتىپتىكەن ، ئا بۇۋاي مۇمايلار سەت يىغلاپ كەتكەن
ئەگەر ماندا ئۆينى مىيەدە ياساپ قالسا يەنە ھەرنىمە پۇتاقلارنى چىقىرىپ چېقىۋىتىشتىن يانمايدا جىما
مىنىڭمۇ شۇنداق بىر ئويۇم بارتى . لىكىن زە ما يەدە ئىككى قولىنى بىر پەلەيگە تىقىدۇ شوۋچىلا
ھەقىقەتەن پەچەت ياساپ قوياپتىغۇ، ئىلگىرى ۋوللىۋوتتىكىلەرنىڭ كىنو سۈرەتكە ئالغاندا مۇشۇنداق تەقلىدىي ئىمارەتلەرنى ياساپ سۈرەتكە ئېلىۋاتقان سىننى كۆرگەنتىم.
ھوللىۋوتنىڭ بىلىپ قالسا كىنودىن بىرنى ئىشلىمىگۈچە يانمايدۇدە .
مەنمۇ بىرنى ياسايمىكىن