«يېڭى ناۋا»تۇنجى سان | كۆپچىلىك سىلەرچە يېڭى ناۋا قانداقراق بوپتۇ؟
يېقىندىن بۇيان «يىڭى ناۋا» پىروگىراممىسى ھەققىدىكى ئېلان تەشۋىقاتلار توردا خېلى ئەۋىج ئىلىپ قالغان. مەن سەل ناچارمۇ ياكى ھەقىقەتەن بىزنىڭ سەنئەت پىروگىراممىلىرىمىز سەل ناچارمۇ بىلمىدىم، بۇ «يىڭى ناۋا»غا ھەم ئانچە قىززىقىپ كەتمىگەن ئىدىم. لېكىن تۈنۈگۈن قويۇلغان بۇ پروگراممىنى بۈگۈن توردا كۆرۈپ باشقىچە تەسىراتتا بولدۇم. قارىغاندا بۇ قېتىم خېلى ئىلگىرلەش باردەك قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى بىلەن ۋېسلىيۋۇد شىركىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹يېڭى ناۋا››پروگراممىسى خاراكتىر جەھەتتىن «تالانتلىقلار سەھنىسى»گە ئوخشاپ قالىدىكەن. رىياسەتچىلەرنىڭ ئىنكاسىمۇ خېلى يامان ئەمەس بولۇپ، تۇنجى ساندىكى بىر قىسىم كىچىك نۇقسانلارنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. مېىڭ كۈتۈدىغىنىم مەزكۇر سەھنە ھازىرلانغان ئىكەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشسىكەن. ئەركىن موھىت يارىتىلغان ئىكەن ماھىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولمىسىكەن. قىسقىسى مۇشۇ بىر پروگىراممىغا بولسىمۇ مەنپەئەت يۇشۇرۇنمىسىكەن. ھەق-ئادىل بولسىكەن. تۆۋەندە «يىڭى ناۋا»نىڭ بىرىنچى سانى ھوزورۇڭلاردا.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېلىۋېزىيە، سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 37,365 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: yingi-nawa-tunji-san.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟ ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاددىي ئىش!
- كېيىنكى يازما > 83-قېتىملىق ئوسكاردىكى ئەڭ نادىر 10 يۈرۈش قىسقا كارتون فىلىمنىڭ بىرى – Coyote Falls
- سەتەڭ قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى See You Again
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
ناۋا ناۋا ناۋا ناۋا………………
ھەركىمنىڭ رىسقى باشقا ، ياتىدىغان گۆرى باشقا ! ئاخىرەتتە خوتۇن ئەرنىڭكىنى ، ئەر خوتۇننىڭكىنى ياكى بالا ئاتا ئانىنىڭ گۆر ئازابىنى تەڭ تارتىشىپ بېرەممەيدۇ ! كۆرۈڭ ئۇ دىگەن سەھنە ! لىكىن دورىماڭ ! ئەقىل ئىگىسى بولغان سىز شاكىلىنى چېقىۋېتىپ مېغىزىنى قۇبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ !!! سەنئەتچىلىرىمىزگە ئاپىرىن ! بىز ئۈچۈن شۇنچە تەييارلىقلار بىلەن ياخشى بىر سەنئەت كېچىلىكىنى روياپقا چىقىرىپتۇ ! ھارمىغايسىلەر !
ئەگەردە شۇ سەنئەت كېچىلىكىنى باشقۇرۇش لاھىيىلەش ‹ساپ› ھوقۇقى بىزلەردە بولسا ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ ! ھېلىقىدەك چىقمىسا بولىدۇ ، ئۇنداق يامان روللارنى رەت قىلسا بولىدۇ ، ئۇنى قىلسا بولمايدۇ بۇنى قىلسا بولمايدۇ دەيدىغانلارنىڭ ئاغزىغا ‹تاتلىق› بىرنەرسىلەرنى تىقىۋەتكۈم كېلىدۇ !!! ….. ھېي ئەقىل ئىگىسى ئىنسان ! ئۆزەڭنى بىل ! خوتۇن قىزلىرىڭنى باللىرىڭنى ، ھەدە سىڭىللىرىڭنى چىڭ تۇت ! ئوغۇل بالاڭ ، ئۇكاڭ بولسا ئۇنىمۇ ئوخشاش چىڭ تۇت چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ ! … نۇرغۇن ئىشلار مەجبۇر بولىدۇ ! ئانارخاندىكى شۇ روللارغا چىققانلارنى ، بۇ كېچىلىكتىكى كىشىلەرنى تىللاپ ئۇنداق رولغا چىقمىسا بولىدۇ دېگەن بىلەن ئۇلارنى سەن باقامسەن ؟؟؟؟ بەك باي بولساڭ باقتىڭمۇ دەيلى ، شۇ سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ قىلغان ھەممە ئىشى ناچارمۇ ؟؟؟ ساڭا يارىغان بىرسىمۇ يوقمۇ ؟؟؟ سەنئەتچىلەرنىڭ ھەممىسى سەھنىگە چىقمىسا سەن چىقامسەن ؟؟؟ بىرمۇ سەنئەتچى ، كىنوغا ئۇيغۇر رولچى بولمىسا ، ھەممىسىگە خەنلەر چىقىدۇ !!! ئۇ ۋاقىتتا كىمنى تىللايسە ؟؟؟؟ مانا شۇ ۋاقىتتا ھەممە نەرسە تېخىمۇ ئاستىن ئۈستۈن بولىدۇ ! ….
تەپەككۇرنى ماڭقۇرىتلارچە قىلمايلى ! خەقنى تىللاپ ئۇلارنى توختىتىش قولۇڭدىن كەلمىگەندىكىن سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدىغان ، گېپىڭنى ئاڭلايدىغان تۇققانلىرىڭنى باشقۇرساڭ ، كەلگۈسىمىز ئۇنچە ئېچىنىشلىق تەسەۋۋۇرلىرىمىزدىكىدەك ۋەيرانچىلىق ، خارچىلىقلاردا قالمايدۇ !!! مەڭگۈلۈك ئىش بولمايدۇ ! بىر ياخشىنىڭ بىر يامان تەرىپى بولغىنىدەك بىر كۈنى خار بولغان نەرسە بىر كۈنى ئەزىزلىنىدۇ ! شۇنداق ئەزىزلىنىدىغان ياخشى كۈننىڭ كېلىشى ئۈچۈن ‹مەدەنىيەتلىك› ، ‹تىنىچلىق› نى سۆيىدىغان بىر ئەۋلات پۇقرا بولۇپ ، مۇمكىن بولمايدىغان دەۋىردە ئالجىماي ، پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى پۇرسەتلەرنى ئوبدان تۇتالايدىغان شىر يۈرەك ، بۆرە مىجەز ، تۈلكىدەك ئەقىللىق قىلىپ تەربىيلەيلىكى خامېلىئون مىجەز ! قويدەك يۇۋاش بولۇپ قالمىسۇن !!! ......
بايا ئىنكاسلارنى ئوقۇپلا قايناپ سالغانتىم ، ئەمدىكى بۇ فىلىمنى كۆرۈشتىن كىيىنكى ھېسيات : ….
ئومۇمەن ياخشى چىقىپتۇ ! 5 ماھىرنىڭ 5-سى بالدۇرلا شاللنىپ كەتتى ، تالانت بار ئىكەنتۇق ئەپسۇس 4-ماھىرنى تىللاپسىلە ، قىسقا ئوچۇق كىيىملەر بىلەن چىققان بولسىمۇ ، لاھىيىلىگەن كىيىملىرىدە ئەتلەسنى قوشۇپ لاھىيىلەپتۇ ! بۇ ماھىرنىڭ شۇنچىلىك بولسىمۇ غەيرەت قىلغىنىغا ئاپىرىن ! بىرىنچى نۇمۇرلۇق ماھىر ئورۇنلىغان ناخشا ھازىرقى كۆپ ساندىكىلەر ياقتۇرىدىغان ئۇسلۇپ ، تالانتى بار ئىكەن ! 2-نۇمۇرلۇق بالىلارغا كەلسەك مەندەك رەپ بىلەن خوشى يوق ، مەخسۇس تېكىستى ياخشى ، مەزمۇنلۇق ناخشىلارنى ئاڭلايدىغان بېغەمگە بەكلا يارىدى ، بولۇپمۇ چەتئەلنىڭكىدىن تاكى خەلق ناخشىلىرىغىچە بولغان ھەممە ناخشىلىرى يارىدى ، ئۇ بالىلار ئەڭ ئاخىرقى كوزۇرى بولغان خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى ، ئەمما يەنىلا كەسپى سەنئەتكار تەرىپىدىن شاللىنىپ قالدى ، ئۇنى شاللاندى دېسەك مۇۋاپىق بولمايدۇ !چۈنكى رىقابەتچىسى كەسپى خەلق سەنئەتچىسى ….. ئابلىزخان ئاكىمىز يەنى 3-نۇمۇرلۇق ماھىر خۇددى مەۋلان ئېيتقاندەك مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان خەلق ناخشىسىغا ھېچقانداق بىر شەخسىنىڭ باھا بېرىش سالاھىتى يوق ! بىرەيلەن ئېيتىپ ئۆتتى … بۇ ناۋا ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بولۇپ قالدى ، مەۋلان دېدىغۇ : مەن كەلگۈسىنى تاللايمەن دەپ ، توغرا ! ئۆتمۈشنى ئەسلەپ قۇچاقلاپ يوتقاندىن چىقماي يېتىۋەسەك بىر كۈنلەر كېلىدۇ ، خەق ياستۇق بىلەن باستۇرۇپ سىزنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۆزى ئۈچۈن نەپەس ئالغۇدەك يەر ھازىرلايدۇ !!! ئۆتمۈشنى ساپ پېتى ساقلىغان ئاساستا ئايرىم سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئۇنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئەجىرلىرى ماختاشقا ئەرزىيدۇ ! بۇرۇنقىدەك قېلىش كۆتۈرۈپ قاراملىق بىلەن ياۋرۇپاغىچە باستۇرۇپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس ! باشقىلاردىن ئۈستۈن تېخنىكا بولمىسا خەق سىزنى يەيدۇ ! دىمەك كونىنى قۇچاقلاپ ، پەخىرلىنىپ يېتىۋەرسىڭىز خەق ئاسماندىن ئۇچۇپ كېلىپ كۆزىڭىزگە قېلىچ ئەمەس بومبا تىقىدۇ ! كىم دىگەن سەنئەتنى روھىي ئۇزۇق دەپ ؟! بىر قانچە يۈز يىلدىن كىيىنكى ئۇيغۇرلىرىمىز خۇددى بىز مەھمۇد ، يۈسۈفتىن ، بۇغراخانلاردىن ، ئاماننىسا خېنىملاردىن پەخىرلەنگەندەك بىزدىن قىسقىسى دەۋرىمىزدىكى تالانت ئىگىلىرىدىن پەخىرلەنسۇن ! تىللاپ يۈرۈپ ئىلھامىغا سوغوق سۇ سەپمەيلى ! تالانت دىگەن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن تاكاممۇللىشىپ ئاخىرىدا مىللەتنىڭ گۆھىرىگە ئايلىنىدۇ ! بۇ قېتىملىق ناۋادىكى ئاۋۇ تاماشىبىنلارنىڭ تاللىشىدىن ھېس قىلمىدىڭىزمۇ ؟؟ چىمپىيون بولغۇچى خەلق ياقتۇرىدىغان سەنئەتنى ئورۇنلىغاچقا چىمپىيون بۇلالىدى ، بېلەت تاشلىغۇچىلارنى بىر كىم مەجبۇرلىمىدى ، تۇنجى ساننىڭ بۇنداق نەتىنجە بېرىشى بۇندىن كىيىنكى ناۋانىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ قېلىشى مۇمكىن ! سىز بۇ يەردە تىللىغان ھېلىقى باشقا نۇمۇر ئورۇنلىغۇچىلار شاللىنىپ قالدى ! دىمەك نەتىنجىسى شۇ شاللىنىپ قېلىش !!! داۋامىغا ئىنتىزارمىز .....
ۋېرۇس مىنىڭ تېلىۋۇزۇر كۆرمەيدىغىنىمنى بىلىپ قاپسىزدە
مۇشۇ ناۋا پىروگىراممىسىنى ئۇزۇن بولدى ئىزدەپـ-سۇراپ كۈرۈۋاتقىلى ماڭا بەكلا ياقىدۇ بۇ «يىڭى ناۋا» خېلى بوپ قويىدىغان چىراي
سەت ئېسىل چىرايغۇ بىر كۆرەپ باقايچۇ!!
中国好声音 دىگەندەك پىروگىراممىلارغا ئازراق ئوخشاپ قېۋاتامدۇ…. لىكىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا يېڭىسى بەكرەك پەيزى چىقىپتۇ
مەنغۇ سىننى كۆرمۈدۈم ، چۈنكى ئاۋۇ رەسىملەرنى كۈرۈپلا كۆرگۈم كەلمىدى.
بۇنداق دىسەم ئىچى تاركە كۈرەلمەسكە نىم دىسە پۇتاق تاپدىكە ، خانغا يارىغان بىشىم تازغا يارىماپتۇ …..دىگەندەك ئويلاپ قالماڭلا ، ئۇيغۇرچە ناۋا دەپ ئىسىم قۇيۇپ ئۇيغۇرلار قاتنىشىپ.ئۇيغۇرلار رىياسەتچىلىك قىلغان بۇنداق پائالىيەتلەردە ئۈزىمىزنىڭ مىللى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ، ساپ مىللىچە كىينىپ ،مىللى ئەنئەنگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۈزىمىزگە يارشىدىغان بىر قاراپلا پاھ بىز .ئۇيغۇرلارنىڭكىكەن دىگۈزگىدەك بىز ئىش قىلساق بولمامدۇ ،
رىژسسورلىرىمىزنىڭ كىيگەن كىيىمى چاچ پاسونى قايسى مىللەتنىڭكىدۇ ؟
……… تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەپ باقسام ياغلىق ئارتقىلى قويمىدى دەپ قاقشاۋاتىمىز . بۇ سىياسەت چىقىشتىن بۇرۇن قانچىلىغان قىزلار ياغلىق ئارتقان بولغىيدى،
قوش تىللىق مائارىپتىن قاقشاۋاتىمىز .. ئەقىل چىشىم چىققاندىن بىرى مەسچىتتە نامازدىن تىلىۋىزوردا خەۋەردىن باشقا يەردە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتىلغان بىرەر پۈتۈن جۈملىنى ئاڭلاپ باقمىدىم،…….دىمەكچى ئۈزىمىزنىڭكىنى ئۈزىمىز قەدىرلىمەي.ئۈزىمىزنىڭكىنى ئۈزىمىز ياراتماي باشقىلاردىن ئاغرىنمايلى.
سىزچە دوپپا كىيمىگىنى مىللەتىن تانغنى ئىكەندە، بۇ ئازراق بىر تەرەپلىمىلىك بۇلاپ قالامدۇ قانداق ، مەن بۇ پىراگىراممىنى ئەمدى كۆرگىلۋاتىمەن ، مەن ئويلايمەن ،.سەل ئوتتۇردا بۇلايلى ، مودا بولدۇق دەپ كىملىكىنى بىلەلمەيدىغان ، ئۇيغۇر بولدۇق دەپ ھەمىنى چەتكە قاقساق بولماس . بىر مىللەت . ئۈزىنى تەرەقىلدۇرۇشتا ،ھەم ئۈزىنىڭكىنى تاكامىلاشتۇردۇ ، ھەم باشقىلارنىڭ مەدەنيىتىنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ،
ئەكەكتەك ئىنكاس
مەنمۇ سىز بىلەن ئۇخشاش كۆزقاراشتا…رىياسەتچىلەر زامانىۋى بۇلىمىز دەپ چەكتىن ئاشۇرۋىتىپتۇ.يەنىلا سىپتا ،ئاددىيلىق ،ساپلىق ئەڭ گۈزەل ھىسابلىنىدۇ،4-،5-نۇمۇرلارنى ياقتۇرمىدىم.ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ياققىنى يەنىلا خەلىق ناخشىلىرى بولدى.دىمەك «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك».
رىياسەتچىنىڭ كىيمىدىن باشقا ھەممىسى يارىدى
سىزنىڭ قانداق ئويلىغىنىڭزىنى بىلمىدىم ، سىزنىڭ ياش قورامىڭز قانچىلىك بۇ ماڭا نامەلۇم . بىراق مىنىڭچە بۇ پىروگىراممىنىڭ كۆرەرمەنلىرى ياشلارنى ئاساس قىلغاچقا ، بەلكىم شۇنداق كىيىنگەندۇ ، مىلىيچە كىيىندىغان مەشرەپ پىروگىرامىلىرىمىز بارغۇ !
ئارتىسلارنىڭ، رىياسەتچىلەرنىڭ قانداق كىيىنىشى گەرچە چوڭ مەسىلىدەك كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما ياشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ خىل ئېقىمغا بەك ئەگىشىپ كىتىۋاتقانلىقى كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ. بەلكىم بۇنىڭ شەرقى ئاسىيادا بولۇپمۇ خەنزۇ ياشلارنىڭ ئارىسىدا بەكرەك مودا بولىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى ياشلار تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدىغان فىلىملىرىدە باش قەھرىماننىڭ چۇقۇم مۇشۇنداق ياسانغان بىرى بوپ چىقىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلسە كېرەك.
ئەتراپىمدا بىر توپ كىشلەرنى ئۇچرىتىمەن. جوڭگۇلۇقلار دىن باشقا ھەممە مىللەت دېگۈدەك ئۆزنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى بويىچە كىيىنىپ يۈرىدۇ. ئۇلار شۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىكەن. لېكىن شۇ بىز خەقلا باشقىلارنى دورىمىساق قىلىدىغان ئىش چىقماي قالىدۇ. بولۇپمۇ تېگىشلىك ئەمەس يەرلىرىنى دورايمىز، ئۆگنىشكە تېگىشلىك يەرلەر بىر چەتتە قېپ قالىدۇ.
تەرەققىياتىغا قاراپ باقايلى قېنى .
تاققا-تۇققۇ ناخشا مودا بولامدۇ نىمە ئەمدى ؟!
ئەمما لېكىن ، ئاۋۇ 1- نومۇرنىڭ زادى تالانتى باكەن، ئاۋۇ 2-نومۇر دىكى گورۇپپىمۇ خېلى شاش بالاڭزىلاكەن .
مەن دوپپا كىيمىگگننى مىللەتتىن تاندى دىمەكچى ەمەس。مەنمۇ ھەم قېرى بۇۋاي ە مەس ەمدى 22 گە كىردىم الىي مەكتەپنى پۇتتۈرۈش الدىدا ,
سىزچە بولغاندا ياشانغانلار مىلليچە كىيىنگىننى ياشلار مودىنى كۆرسە بۇلدىكەندە 。
مەن شۇ چەتنىڭ مودىسى ياقمايدىغان تەرققىي قىمىغان بالا وخشايمە 。 جاھانغا ماسلىشىمىز دىيىشتىن اۋال ۆزمەدەنىيىتىنىزنى ۆز ەنەنىمىزنى قانچىلىك بىلىمىز شۇنى بىلمىز شۇنى ويلايلى 。 مۇشۇنداقلىقىمىزدىن دۇتتار تەمبۇر。。。。 ەتلەس 、、、、、、دوپپىلار شۇ تويدا كىيدىغان قېرىلار كۈرىدىغان پىروگىراممىلاردا چىقىدىغان ارتىسلارنىڭ ۋە ياكى مىللىي بىزەلگەن تاماقخانا كۈتكۈچىللىرىنىڭ كىيىمىگە ايلىنىپ قالماقتا。
مەن ياشلار مودىنى .ياشانغانلار مىلىيچىنى ياخشى كۆرسۈن دىگەن گەپنى قىلمىدىم ، ھەر كىمنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق قارىشى بۇلىدۇ ، مەن مۇ بۇيىل 26ياش ، مەن مودانىمۇ كۆرىمەن ، مىللىيچەنىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، بىراق شالغۇت ناخشىلارنى ياقتۇرمايمەن ، مىللىيچە كىيىنىش ياخشى ئىش ، بىراق شۇ پىروگىرامىنىڭ خاراكترىنى گەۋدىلەندۈرشى ئۈچۈن بەلكىم مودا كىيىنىش ياخشاراق بۇلىشى مۇمكىن ، مىنىڭ دىگىىنىم ھازىر تورداشلىرىمىز ئارىسىدا قۇتۇپلىشى ،مەزھەپچلىك ئېغىر ، بىرتەرەپ ، ھەمىىنى دىن ۋە مىللەت نۇقتىسىنى ئاساس قىلىش ، يەنە بىرسى چەتئەلنىڭ ھەممى نەرسىسىگە قارىغۇچىلارچە ئەگىشىشى ،مەن پەقەت ئوتتۇردا تۇرۇپ قارايمەن ،
خېتىڭىزنى تولۇق ئوقالمىدىم،ئىملايىڭىز بەكلا …… سەل ئالدىرىماي يازسىڭىز بوپتىكەن
ئەمىسە دىن ۋە مىللەت نۇقتىسىنى ئاساس قىلماي، نىمىنى ئاساس قىلساق بولاتتى.
مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىنى ھەممە مەسىلىسىگە تەدبىقلىۋېىلىش ھاجەتمۇ ، مەلۇم شەخىس ياكى ۋەقەگە ، ئۇ ئۇيغۇرمۇ ، ياكى مۇسۇلمانمۇ دىگەنگىلا ئېسىلىۋېلىش سەل بىتەرەپلىمىك دېمەكچىمەن ، سەنئەت ئۇئۆزىگە خاس خاسلىققا ئىگگە ………………………..
بولدى ،بۈگۈن جىق سۆزلەپ كەتتىم . تېمىدىن چەتنەپ كەتمەيلى ،
ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئادەملىرىمىزدىن قۇسۇر تاپماي قوللايلى ،
سەنئەتنىڭ تېلى يوق، ھەم باشقا سىنىپى يوق ئۇقۇم، ئۇنىڭدىن گەرچە تىلىنى بىلمىسەكمۇ ھەم بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلمەيدىغانلارنىڭ بىزنىڭكىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغىنىدەك، پەقەت ھۇزۇرلىنىش ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇدار، گۈزەللىكلەردىن شادلىق تېپىش ھەركىمگنىڭ ئۆز ھۇقوقىدىكى بىر ئەقەللىي ساۋاد. مەن چەتئەلنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى ۋە باشقا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ، ئۆز مىللىتىمنىڭ سەنئىتىنى چەتكە قاقمايمەن. بىزدىكى ناخشا مۇزىكا غەزەللەر ئۆزىدىكى گۈزەللىك، رىتىمىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋە مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر. دوپپىنى كېيىۋىلىپ چەتئەلنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ بولغىلى بولماس. ھەم ياۋرۇپاچە كېيىنىۋىلىپ ئاۋۇ بوۋايدەك ئۇسسۇلغا چۈشكىلى بولماس. ئەمدى بۇ ساھەدىمۇ مىللەت ئايرىپ، تار مەنىدىكى پىكىرلىرىمىز بىلەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئومومىي سەنئەتكە ھۇجۇم قىلساق مەنچە ياخشى ئەمەس. سەنئەت ئۆزىنىڭ تىلى ۋە سىنىپىنىڭ يوقلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە شەكىللەندۈرگەن. ئارتۇق گەپ قىلىپ قويدۇم، كەچۈرگەيسىلەر.
مەن دىمەكچى ياكى ئىىپادىلەپ بۇلالمىغانننى سىز ئەتىراپلىق ئىپادىلەپسىز !
«خەلقىمگە رەھمەت! » بۇ گەپنى كىم ئۈگىتىپ قويغان بولغىيدى!؟
ھەي ، ئاۋۇ كىچىك گۇيلارنىڭ پەيزى ئىكەنتۇق ، ئابلىزخان ئاكىمىزدەك كەسپىيلەرگە سىلىشتۇرۇش ئانچە ئادىل بولمىدىمۇ قانداق؟!
ئاۋۇ ئاپپاق پاچاقلارنىڭ ئىگىسى چىقمىغان ئوخشايدۇ….بەكرەك كالتىسىنى كىيمەي….يا بولمىسا ھازىرقى زاماننىڭ قارا شەڭكۇسىنى كىيىپ چىقماي…يېڭى ناۋاغا تازا ماسلىشاتتى…
توۋا ، مۇشۇنداق شىياڭكۇ كىيدىغان ئىش تىزلا ئومۇملىشىپ كەتتى دىسە، يولداشلار جېنىدا مۇشۇنداق قىلمايدۇ، ئۆزىمىزنىڭ قىزلىرىمىز… ھەي… مۇشۇنىڭدىن خۇشالىق تاپمىسا باشقا نەرسىدىن خوشال بولالماسمۇ ….
ئەسلى ھەرقانچە ماسلاشتۇرۇپ كەيدۇق دېگەندىمۇ ئاز-تولا دىققەت قىلىش كېرەكتە. ھەتتا كۆرگەن كىشىمۇ ئۇيۇلىدۇ . مۇشۇنداق پىروگىرامملارغا چىقىدىغان ئادەم تېلىۋۇزۇردا نەچچە مىڭ كىشىنىڭ كۆرۈشىنى بىلمەمدىكىن تاڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈپ تۇرۇپسىلە كىچىك پەرزەنىتلەرمۇ ئاشۇلارنى دورىمىسا كۈنى كەچ بولمايدۇ.
رېھىم قاننىڭ چېچى پوچىكەن،
رېھىم قان كۆزۈمگە باشقاچەرەك كۆرۈنىۋاتىدۇ يا ؟
پەيزى بالا شاللىنىپ كەتتى مىنىڭچە تاماشىبىنلار ئارسىدا شۇمتەكلەرنىڭ شېرىكلىرى جىختەك قىلىدۇ!
قاچانغىچە گەپ تېپىپلا يۈرىمىز…ئۆزىمىز نىڭ تايىنى يوق گەپ تېپىشقا ئۇستا ، رىغبەتلەندۈرۈپ قويساق يامېنى كېتەمتى…بۇنداق قىلساق كېيىن كممۇ خاتىرجەم جامائەت ئالدىدا ئش قىلالا ھە…ھەي
بەك ياخشى گەپ قىپسە ئۇكا دېمىسىمۇ ئۆزىمىز قىلالمايمىز باشقىلار قىلسا قاتتىق گەپ تېپىپ ! تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا ئۈندىسەك شۇندا ياخشىغۇ
ناۋا پىروگىراممىسىدا ئىلگىرلەش زور… 1-نۇمۇرلۇق بالىنىڭ تاققۇ-تۇققۇ ناخشىسى يامان ياراپ كەتتى ماڭا…:mrgreen:
ئاۋۇ ئوغۇل يېڭى رىياسەتچىنىڭ ئۇدۇل قارىيالمايدۇغانلىقىنى ھىس قىپ قالدىم…
يىڭى ناۋا پىروگىراممسى ھەقىقەتن ياخشى چىقىپتۇ، تۈنۈگۈن تولۇق كۆرۈپ چىقىتىم، لىكىن رىھىم قاننىڭ چاچ پاسونى بىلەن رىياسەتچىلەرنىڭ كىينىشى پەقەت قاملاشمىغاندەك كۆرۈندى،
بىزمۇ ئەمدى ئەر رىياسەتچىلەرنى تۇماق بىلەن ئۆتۇك ئايال رىياسەتچىلەرنى رومال ئارتىپ چىقسۇن دىمىدۇق ھەممە يولىدابولسۇن دىدۇق شۇ
ئاۋۇ ئەر رىياسەتچىلەرنىڭ كىيۋالغان ئىشتىنىغا دىققەت قىلىڭلار بەك ھىم خۇددى غىتمەكلەرنىڭ ئىشتانلىرىغا ئوخشايدىكەن كەڭرەك ئەركىن ئازادە كىيىپ چىقسىمۇ بولىدىغۇ
ئايال رىياسەتچىلەر ئاۋۇ پاقالچىقى بىلەن بىلىكىنى بىزگە كۆرسەتمىسىمۇ بىرىپ ئۆيدە ئىرىغا كۆرسەتسىمۇ بولىدىغۇ قولىنى سەللا ئىگىز كۆتۇرسە قولتۇقىمۇ كۆرنۇپ قالغۇدەك
مەن دىمەكچى ئەرلەر ئەرلەردەك ئاياللار ئاياللاردەك كىيىنىپ چىقسۇن دىمەكچى
نېمە دېسەڭلا دەڭلا، ماڭا ئاشۇ كىچىك رىياسەتچى قىز بەك ياراپ كەتتى. گەپلىرى بەك تەبى ھەم تاتلىق تۇيۇلۇپ كەتتى.
ئۇ كىچىك قىز بالا ئارانلا قالغاندەك قىلىدۇ،غىلجىڭشىپ…سىلىگە بەدۇق بولدى…ئەمرىڭلىگە ئېلىپ غىلجىڭشىمايدىغان قىلىپ قويۇڭلار
exkelep sela nim desagla dagla menegqa 1.belan2.tallansa bulidekatuk
مەنمۇ ھازىر كۆرمەكچى،بىراق ماڭا بۇرۇنقى ناۋانىڭ logoسى بەكمۇ يارايتى ھەم باشقا ئۈنۈملىرىمۇ.بۇيېڭىسىنى بەك زامانىۋى قىلۋىتىپتۇ.مىللىي خاسلىق كەمچىلدەك قىلىدۇ.
خوتۇن كىشىنىڭ كىيگەن يۇپكىسى تىزىنى ياپمىسا ئېڭىشكەندە مەيدىسى بىلەن قوڭى ئېچىلىپ قالىدۇ.
كۆرۈپ چۈشىنىدىغانغا سەۋىيە يېتىشمەي يەنە خەقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى باھالاشقا چۈشۈپتۇقدە؟ غەيۋەت ئەركىشىگە بەك ياراشمايدۇ باللا، بەرسەك ئىلمىي سەمىمىي تەكلىپ بېرىلى، ۋېيشىندا، پاپادا تىللىغانلىرىمىز يېتىپ ئاشا، ما تورخۇماردا بولسىمۇ سەل ئىلمىيراق بولايلى.
دوست يىغلىتىپ ئېيتار… شۇلار بۇ پىكىرلەرنىڭ ئىجادىي يېرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شاكىلىنى چىقىرىۋەتسىلا بولدى… مۇنازىرە دېگەن نېمە؟ ھەممە ئادەم بىر قېلىپتا سۆزلىسە مۇنازىرە بولمايدۇ. سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بىزگە ئەمەس… بىزنىڭمۇ ھەم شۇ. شۇڭلاشقىمۇ ياخشى يامان ھەممىسىنى بەك توغرا چۈشىنىپ كەتكەچ مۇشۇنداق دوپپىمىزنى تاپالماي يۈرمەكتىمىز. شۇڭلاشقىمۇ بەزى كىشىلىرىمىز ياخشى يامان ھەممىسىگە خۇشامەت قىلىدىغان، ئۆز كۆز قارىشىنى دېيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئكز كۆز قارىشىنى دېسە بەزىلەر كۆرەلمەس، پۇتاقچى دەيدۇ… مانا مۇنداق دېيىش ھەقىقىي نادانلىق. سىزچە بولسا ھەممىمىز ئوپچە بىر قېلىپتا ماختايدىكەنمىزدە… بولىدۇ ماختايلى.. ئۇلار بىزنىڭ خۇشامىتىمىز بىلەن مەستخۇش بولۇپ يۈرسۇن.. نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ياقمىسا ئوقۇمىسا ياكى پىسەنت قىلمىسا بولىۋېرىدۇ. كەمچىللىكنى دەپ بەرسە تۈزەتمىسە ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما يېتەرسىزلىكنى بىلىپ تۇرۇپ دوستانە ھالدا ئالدىغا قويمىسىڭىز مانا بۇ «دوست»قا قىلىنغان خايىنلىقتۇر…
ئىنكاسىمدا ماختاڭ دېگەن گەپ بارمىكەن؟ مەن پەقەت نېمىلا قىلسا ئىلمىي ئۇسۇلدا تەكلىپ بېرەيلى، ما تورنى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، داڭلىقلار ھەممىسى كۆرىدۇ، گەپ سۆزدە دىققەت قىلايلى، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەسىرى بولسۇن دەپ دېدىم. بولمىسا پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن، لېكىن ئاخىرىدا يەنە لوگىكىدا قېيىپ كېتىپ قاپسىز.
ئانارخان فىلىمى ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچلۇك قارشىلىقىغا ئۇچۇراپ قاتتىق مەغلۇپ بولغاندىن كىيىنكى يىنە بىر قىتىملىق ئىدىلوگىيە مەدىنىيەت ھۇجۇمى باشلىنىپتۇ …
قانداق دەيسز؟
ھازىرقى بەزى قىزلارغا قاراش ئەمەس رەسىمىنى كۆرسىڭىزلا ئىھتىلام بولغىلى قىل قالىسىز .توۋا ئاچا سىڭىللىرىمىزنى ئووبتانراق باشقۇرىلى يىگىتلەر شەخسى پىكىر ھە
رەسىمگە قاراپلا؟! بۆرىكىڭىز بەكلا ئاجىزمۇ نېمە؟!
سىزگە مەسلىھەتىم تېزدىن بوغدا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىڭ ! بۇنداق يۈرىۋەسىڭىز كىيىن ئەرلىكىڭىزدىن چاتاق چىقىپ ئايالىڭىزنىڭ يولدىن چىقىش ئېھتىماللىغى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ ....
ماڭا 5.نۇمۇرلۇق ماھىرنىڭ ناخشىسى يارىغانتى ئەپسۇس تاللىغانلاردا ئاڭ،كۆز دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوقكەن قاراپ تۇرۇپ بىر قىتىمدىلا شاللىۋەتتى 5.نۇمۇرلۇق ماھىرنى. ئانارخانغا كەلسەك باللا خۇش بولۇڭلا تىخى مۇشۇ كىنودىمۇ يالىڭاچ چىقمىغىغا ئۇ دىلرابا دىگىنى ياڭمىي دىگەن كىنو چولپىنى بىلەن بىر كىنودا رول ئىلىۋىتىپتىكەن تەشۋىقاتىنى كۆرگەنتىم ئاشۇ كىيىملىرىنى شاقلا ساپتۇقوڭىدا كۇسىرىلا قاپتۇ ئوغۇل بالىنىڭ ياتقان يىرىگە كىركىتىپايدۇ نۇمۇس دىدىمدە ئەمدى. يىرىم يالىڭاچ خەخنىڭ قوينىدا كىنو ئىشلەپ يۈرۈپتۇ بۇ چوپلىنىمىز شۇڭا ئانارخان فىلىمىنى خۇش بولۇپ كۆرسەك بولغۇدەك دىدىم ھىلىمۇ ما كىنودا يالىڭاچ چىقماپتۇ .
بۇ قېتىملىق يېڭى ناۋا پىروگراممىسى سەرخىل چىقىپتۇ… يېرىم يولدا توختاپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ….
ماڭا رىياسەتچىلەردىن سەمسىيەدىن باشقىسى يارىمىدى، باشقىللىرى بىرخىل ساختىلىق ئارلاشقاندەكلا… بۇلۇپمۇ رېيىم قان ئۇ ئاداش ئېتوتقىلا چىقسا بولغىدەك،رىياسەتچىلىك قىلسا زادى بولىغىدەك….
سەمسىيە ئەمەس « شەمسىيە » دەڭلا بىر…
خىيال بىلەن پەنجىرنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.
بۇيەر دە ھەركىمنىڭ ھەر قانداق پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھوقوقى بارئىنكاسلاردىن قارغاندا خىلى تالاش تار تىشلار بوپتۇ
‹‹ناۋا كىچىلىكى ›› بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بۇپتۇ مەنمۇ كۆرۇپ ھاياجانلاندىم
قىرىنداشلار ھازىرقى ئەھۋالىمىز ھەممىمىزگە ئايان شۇنى سىلىەرگە توۋەنچىلىك بىلەن تەۋسىيە قىلمەن بىز يۇقۇردا دىگەن گەپ لىرىمىزنى قىنى قايسىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ قىلالىغان ؟ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولساق قەلەم بىزنىڭ بول ماسمىدى
بىز ئەڭ ئاخرقى كوزىرىمىز ‹‹دىل بىرلىكى›› نى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا يالغان گەپلىرىمىزمۇ راس گەپ بولىدۇ دەپ قارايمەن .
‹‹ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ قىلايلى!››
ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولسا كەچۇر گەيسىلەر
ما يازمىدا ئىنكاس تۇشۇپ پارتىلاپ كېتەي دەپتۇ ، يېڭى يازما قاچان چىقار
نېمە ئۈچۈن تورخۇمارنىڭ سىنلىرى چەتئەلدە چىقمايدىغاندۇ ؟ (ئەسلى مەنبەسى بولسا كۆرۈپ باقسام بولاتتى)
ناخشا مۇزىكا ئايارەي ……..ھەي…………
مەن ئادەتتە بەك گەپ قىلىپ كەتمەيتىم لىكىن توۋەندە تور خۇمارلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئۇقۇپ ئىككى ئىغىز گەپ قىلغۇم كىلىپ قالدى.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئورۇپ ئادەت مىللى خاسلىقىنى مۇشۇ سەننەتكارلىرىمىز ئارقىلىق جاھان بىزنى چۇشىنىدۇ .
تەرەققىي قىلىشىمىز كىرەك بۇنىسى توغرا كونىلىقنى ساقلاپ تۇرساق بىز پەقەت ئاسارە ئەتىقىگە ئايلىنپ قالىمىس خالاس.
لىكىن بۇندا تەرەققىي قىلىش ياخشى ئەمەس ئوز مىللىتىڭنى تەرەققىي قىلدۇرماي باشقا مىللەت دولەتلەرنىڭ ئوروپ ئادىتى مەدىنىيتىنى ئوز ئورۇپ ئادىتىڭ بىلەن چااڭلاشتۇرۋەتسەڭ ئۇندادا كەلگۇسىدە سىنى قايسى مىللەتكە تەۋە دەيمىز .
بىزدە يىڭىلىق يارتىش روھى يوقمۇ بىز ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مىللەتلەردىن قىلىشمايدىغان ھەر كىيىم كىچەكلىرىمىز ،ئەنئەنىمىز ئورۇپ ئادەتلىرىمىز بارغۇ نىمىشقا شۇنى تەرەققىي قىلدۇرمايمىز .
بىز قاچانغىچە جۇڭگۇچە روھنى ساقلاپ ئوتەرمىزكى تاڭەي .(دوراپلام ئوتەرمىزمۇدىمەكچىمەن)
شۇڭىلاشقا ئالدى بىلەن ئوزىمىزدىن باشلىساق مەيلى ئوغۇللىرىمىز بۇلامدۇ ياكى قىزلىرىمىز بۇلامدۇ ۋەياكى ئايالىمىز ياكى ئۇزىمىز بۇلامدۇ ھەممە ئىشنى ئۇزىمىزدىن باشلىساق مانا بۇ بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياخشى تاللىشى بۇلۇپ قدلغۇسى .
مەن بۇ يىڭى ناۋا دىگەن پۇگرامىنى ئاتا -ئانام بىلەن كۇرۇپتىكەنمەن،باشتا ھەممىمىزگە بەك يارىدى .
ھەممىمىز بەك ياخشى چىقىپتۇ يىڭىلىقلارمۇ ئاز ئەمەسكەن دىيىشتۇق.(بەزى بىر رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ ئۇزىگە خاس كىيىنمىگەنلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا)
لىكىن ئاخىرىغا كەلگەندە ھىلىقى ئاتا ئانىسىنىڭ تايىنى يوق بىر قىسىم شاللاق يالاڭ پاچاقلارنى كورگىنىمىزدە مەن بەك ئۇمۇتسىزلەندىم ،ئەلۋەتتە ئاتا ئاناممۇ بۇنىڭ ئىچىدە ،شۇ چاغدا خىجىلچىلىقتا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم دىسە ئۇلار خىجىل بولمىغانغا بىزدەك كورگىچىلەر خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەن .
شۇڭا قىرىنداشلىرىم گەپ قىلساق گەپ ئاۋۇپ قالىدۇ ياخشىسى مۇشۇ قىز پەرزەتلىرىمىزنى شەرمى ھايالىق پاكىز ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلىسەك .
توۋەندە بىز كورگەن پىگراممىدەك ئادىمىي شەيتەندەك قىلىپ تەربىيلىمىسەك دىگەن ئۇمۇتتە بۇ ئىنكاسنى يىزىپ ئولتۇتۇپتىمەن.
بىر مىللەتنىڭ ئانىسى بۇزۇلدى شۇ مىللەت يوقۇلۇش گىرداۋىغا باردى دىگەن گەپ شۇڭىلاشقا ئۇزىنى ئەركەك دەپ ئويلىغان ئەركەكلىرىمىز ئوزىمىزنىڭ غۇرۇرى بولغان قىز ئاياللىرىمىزنى ئاچا سىڭىللىرىمىزنى باشقا ياد جىنىستىكى ئادەملىرىمىزنىڭ يامان نىيىتىدىن يىراق قىلايلى.
ھازىر جەمىيتىمىزدە ئەيدىس دىن ئىبارەت نىجىس كىسەل ئاۋۇپ كىتىپ بارىدۇ بۇنىڭ تۇپ مەنبەسى شۇ جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىلىپ جىقىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ خانىم قىزلىرىمىز ھېلىقىدەي كىينىپ يۇرسە بەزى بىر ئەركەكلىرىمىزنىڭ ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇلارغا يامان نىيەتتە بولمايدۇ دىگىلى بولامدۇ ………………………….
شۇنۇڭ ئۇچۇن خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ئەدەپ قائىدە ئىچىدە كىينىشىنى ئوز مىللىتىنىڭ نامىغا داغ چۇشۇرمەسلىكىنى ئۇزىنى ۋە ئاتا ئانىسىنى ئازاپتا (بۇدۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا)قويماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
قېيناتام مۇنداق دەيدۇ:
باللىرىمىز يەسلىيگە كىرگەندىن باشلاپ دوپپىسى بىلەن ياغلىقىنى بېشىدىن ئايرىمىغان بولساق،بۈگۈن شۇ مىللىيچە كىيىملەر«ئەكسىلئىنقىلابچى»بولۇپ كەتمەيتى،بىزمۇ بالام بېشىڭغا ئانى كەي،ئۇچاڭغا مانى ئارت دېمەيتۇق،ھەممىسى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن كەتكەن،-دەپ.
مېنىڭ باشقا گەپ قىلغۇم يوق،مۇشۇ تورخۇماردا ۋىجدانى مەيدىسىگە پاتمىغانلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك،بۇ ئازاپ دىۋاننى تارتىۋالالمىغاندىنمۇ ئېغىر!
تورخۇماردىكى ئنكاسلارنى ئۇقۇپ چىقتىم. ھەممىمىز شەرمى-ھايالىق بولساق مىللىي پۇرىقىمىزنى يۇقاتمىساق ياخشى ئەلۋەتتە! لىكىن بىز قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ يۈرۈيمىز, ناۋا بىز ئۇيغۇرلارنىـڭ ئۆزىمىزنىىڭ پىروگىراممىسى, ياخشى چىقىپتۇ!ئىلھاملاندۇرۇش كېرەكمىللى پۇرىقىمىزنى يۇقاتمىغان ئاساستا داۋاملىق تېرىشىڭلار!
«ناۋا»نىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەممىزنى سۆيۈندۈردۇ، باھالارغا قاراپ باقسام پرۇگراممىغا ئەمەس بەلكى پرۇگراممىغا قاتناشقان ئارتسلارغا بېرىلگىنى كۆپرەك. مەن دەيمەن ماھىرلارغا باھا بەرگىڭىز بولسا نەق مەيداندىكى 100تاماشىبىننىڭ بىرى بولۇڭ، بولسا قانداق قىلغاندا «ناۋا»نى نادىر پرۇگرامما قىلغىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدى پىكىرلەرنى كۆپرەك يازسىڭىز.
ھېلىقى سىڭلىمىزنىڭ كىينىشىگە كەلسەك، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىڭىزغا قاراڭ،سەھنە كىيىمى شۇنداق بولۇدىغان ئوخشايدۇ.
MLD گۇرۇپپىسى ئالسا بولاتت لوڭقىنى ….
مەن خېلى ياقتۇرۇپ كۈرىمەن ناۋا نى
تورخۇماردىكى ئنكاسلارنى ئۇقۇپ چىقتىم. ھەممىمىز شەرمى-ھايالىق بولساق مىللىي پۇرىقىمىزنى يۇقاتمىساق ياخشى ئەلۋەتتە! لىكىن بىز قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ يۈرۈيمىز, ناۋا بىز ئۇيغۇرلارنىـڭ ئۆزىمىزنىىڭ پىروگىراممىسى, ياخشى چىقىپتۇ!ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك مىللى پۇرىقىمىزنى يۇقاتمىغان ئاساستا داۋاملىق تېرىشىڭلار!
رەھمەتسازكەن[2] مازكەن[0]
پەنجىر نىڭ «ئوتتۇردىراق بولايلى » دىگەن گىپىگە قوشۇلىمەن، ناۋا دىگەن پىراگرامما شۇ ئاساسلىقى مودا ناخشىلارنى ، ياشلارنى ئاساس قىلغاندىكىن بۇنچىلىك بولىشى نۇرمال ،يىلىمۇ ئۇيغۇرچە كۆڭۈل ئچىش تۇردىكى پىروگىراملار ناھايتى ئاز ، بۇبىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، سەھنە بىزىلىشىمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،،رىيىم قانمۇ پەيزى چىقىپتىغۇ ،، داۋاملىق ياخشى ئشلىشىگە تىلەكداش مەن ،
پەنجىر نىڭ «ئوتتۇردىراق بولايلى » دىگەن گىپىگە قوشۇلىمەن، ناۋا دىگەن پىراگرامما شۇ ئاساسلىقى مودا ناخشىلارنى ، ياشلارنى ئاساس قىلغاندىكىن بۇنچىلىك بولىشى نۇرمال ،يىلىمۇ ئۇيغۇرچە كۆڭۈل ئچىش تۇردىكى پىروگىراملار ناھايتى ئاز ، بۇبىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، سەھنە بىزىلىشىمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،،رىيىم قانمۇ پەيزى چىقىپتىغۇ ،، داۋاملىق ياخشى ئشلىشىگە تىلەكداش مەن ، (بولمىسا مەشرەپ بىلەن نۇمۇر تالىشىپ قاممىسۇن يەنە)
بۇ قېتىملىق يېڭى ناۋا پىروگراممىسى سەرخىل چىقىپتۇ… xundak yahxi bup tu bu kitim ki nawa pira giramisi