كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟ ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاددىي ئىش!
ھازىرقى زامان كىنو–فىلىم تېخنىكىسى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى – ئالاھىدە ئۈنۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز كۆرۈۋاتقان نۇرغۇن پۇزۇر كۆرۈنۈشلەر ھەممىسى دېگۈدەك كومپيۇتېردا ئالاھىدە ئۈنۈم ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىراق، بۇنداق سەۋىيەلىك ئالاھىدە ئۈنۈمنى ئىشلەپچىقالايدىغان شىركەتلەر پەقەت ھوللىيۋودتىكى بىر قىسىم شىركەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. ناۋادا كىنو سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەرەققىي قىلىپ، فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاچقا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىۋەتكىلى بولسا نەقەدەر قالتىس ئىش بولغان بولاتتى؟
كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، ئۈنۈم، كومپيۇتېر، كىنو، ھوللىۋود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,455 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: in-the-next-movie-special-effects.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 21-ئەسىردىكى خاسىيەتلىك پالۋانلار – يەنە بىر يۈرۈش قاننى ئۇرغۇتىدىغان كىرىشتۈرمە فىلىم
- كېيىنكى يازما > «يېڭى ناۋا»تۇنجى سان | كۆپچىلىك سىلەرچە يېڭى ناۋا قانداقراق بوپتۇ؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
ئىز قالدۇرۇپ قوياي.. بۇرۇن كۆرگەن بىلەن ئىز قالدۇرمايتتىم.
ھە ھە مەن مۇ چىقپ باقاي بۇيەرگە
مەن تېخى شۇنداق يامان تېخنىكا چىققان ئوخشايدۇ دەپ قوقاپ كىتىپ تىمەن
كىگىزگە چىقىپ قاپلا !
ئۈنۈم بەرگەندىن كىيىن ئوق چىققان كۆرۈنۈش بىلەن بومبا پارتىلىغىنى ئازراق چىنىپ قاپتۇ.. لىكىن تەسەۋۋۇر ئۆزگىچە..
ماندا تېخنىكا چىقسا بىز خەقلەرمۇ كاتتا فىلىملەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيتۇقمىزكەن ....
بېغەم ئەپەندىم بۇ بىغەم (Bigham) دىگەن نامنى مەن تور بىلەن تۇنۇشقاندىن بىرى ئاكام قوللىنىپ كىلىۋاتاتتى،
سىز نىڭ ئىنكاسلىرىڭىز سىزنى باشقا بىرسى دەيدۇ؟
ئىسىم قوللانماي كىرگىلى بولمايدىكەن ! دائىملىق قوللىنىدىغان توردىكى ئىسمىم بۇ ئەمەس ! ئوخشىمىغان توربەتكە ئوخشىمىغان ئىسم بىلەن كىرەتتىمكەن …….
جەريانى سەل قالايمىقانمۇ قانداق؟
سىرلىق ئىش ! ئىنكاسلىرىم قېنى ؟؟؟؟؟؟؟ سادىق بۇرادەر مېنىڭ ئالدىمدا چىقىۋاپتىكەن ، سەت تۇرمىسۇن دەپ ئۆچۈرۈپ سالدىڭىزمۇ يا تورخۇمار ئەپەندى ؟؟؟؟
ھاھاھا! ئىنكاسىڭىزغا ئاۋال مازكەندىن بىرنى بېسىۋېتىپ ئاندىن دەپ بىرەي. باياتىن ئىنكاسىڭىزنى مەنمۇ كۆرگەن، ئۆچۈرىلىشىنى پەملىگەنتىم، دېگەندەك بىردەمدە غايىپ بوپتۇ. تورخۇماردا سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتكەن ئىنكاسلار ھەققىدە مۇنۇ تېمىدا گەپ بار. ئوبدانراق ۋاراقلاپ بېقىڭ.
torhumar-comment-rule.html
ئاللىبۇرۇن ۋاراقلاپ بولغان …. ئاشۇرىۋەتكەندەكقۇ قىلمىغانتىم بولمىسا ياكى بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ جېق گەپ قىلىۋەتكەن ئوخشايمە !
ۋوي، ما ئۈنۈمى پەيزىكەن جۇمۇ…
ھاۋادا لەيلىتىپ قويۇپ توختىتىپ قويغاننى كۆرۈپ كۆلۈپ ساپتىمەن ………….
فىلىمنى سۈرەتكە ((ئالغاچقا)) ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىۋەتكىلى بولسا نەقەدەر قالتىس ئىش بولغان بولاتتى؟ ( ئالغاچلا)مۇ ؟ ياكى مەن خاتا چۈشۈنىۋالدىممۇ؟
فىلىمنى سۈرەتكە ئالغۇچە دىمەكچى ئوخشايدۇ.
تەسەۋۋۇرنى بىر ئىشقا ساپتۇ بۇ ئاداشلار، ئادەم خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغان ئىشلارنى قىپلا يۈردىغان خەقتە بۇ، ئەگەر راسلا ئاشۇنداق تېخنىكا بولسىدى ۋوللىۋوتتىكى كومپىيۇتېر ئۇستىلىرى قاتا چاي سۈرەتكە ئېلىپ جان باققان بولاتتى، ئەپسۇس، ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەسەۋۋۇردە ئۇ. لىكىن ۋەششەت ئىشلەپ قوياپتۇ.
ئورماندىكى ئاۋۇ تېرەكلەرگە قول بومبىسى مېۋە بولۇپ چۈشەمدۇ نېمە؟ بېكاردىن ئۇچراپ قالدا
ئەجەپ چۈشىنەلمەيلا قالدىما ؟ ھى،ھى ئىشقىلىپ تەسەۋۋۇر دېگەن با خەخلەدە بۇ.
مۇبارەك بولسۇن، تورخۇمارنىڭ يېڭى ئىقتىدارىغا! ئەمدى ھاياجانلىنىپ تىزلا دىۋانغا ئۆزىنى تاشلىغانلا ياكى سەل ئالدىراپ خەت باسىدىغانلا ئىنكاس يېزىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قارىۋېتىپ، ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزۈپ يوللىغىلى بولىدىغان بوپتۇ.
بىكەت مەسئۇلى تىزدىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ
بۇ توربەتنىڭ يانفۇن نۇسقىسى ئاندىروئىد ئەپچىسى تەييالا بولۇپ قالدى مىنىڭ QQ1418148763
مۇشۇ تورخۇماردىكى سىنلارنى تېلفۇندا كۆررسەملا يېرىمىغا كىلىپلابېشىغا يېنىپ كىتىدۇ، قايتا كويسام يەنە ئازراق چىقىپلا يەنە بېشىدىن باشلايدۇ. دائىملا شۇنداق، جىلە بولۇپ تاسلا قالىمەن تېلفۇننى چېقىپلاۋەتكىلى. نىمىشقا ئۇنداق بولىدۇ دەيمە؟! باشقىلاردا قانداقكىن بىلمىدىم ئەمدى.
ماۋۇ يازمىدىكى سىنمۇ تازا بەلەن يېرىگە كەلگەندە يەنە يېنىپ كىتىپ تولۇق كۆرەلمىدىم. مۇشۇنى بىر ئوڭشىساڭلارمۇ بوپتىكەن.
ئۈسكۈنەم : iPhone 5 ، سېستىما نەشرى 6.1 ، تۇرمۇشى : ئەركىن . ( تۈرمىدىن قاچۇرۇغلۇق دىمەكچى )
دادام ماڭا پەرەڭ چۈشىدە كۆرگىنىنى ياسايدۇ ، ئورۇس بىر كۆرگىننى ياسايدۇ دىگەن بۇنداق تېخنىكىلارمۇ بىر كۈنلەردە پەيدا بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ جۇمۇ
راسلا بەك قىزقارلىقكەن
كاساپەت
بۇ سىنمۇ كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللسى ئىكەن..
كومپىيۇتىر تىخنىكىسى ۋەھشى ئىكەن