قالتىس كىشىلەر ئاز ئەمەس، ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قالغاندا راكېتا ياساپ ئۇچۇرۇپ ئوينايدىغان كىشىلەرمۇ باركەن
ئامېرىكىلىق Derek Deville ئىسىملىك بىرەيلەن، بىكارچىلىقتا قاتتىق ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي ئۆزى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كىچىك راكېتادىن بىرنى ياساپ چىقىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا Qu8k دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 4.25 مېتىر، تەخمىنەن 145 كلوگرام كېلىدىكەن، بۇ زېرىكىپ كەتكەن ئامېرىكىلىق ھەتتا كونتروللىغۇچ ۋە ئىتتىرىش سۇپىسى قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ تولۇق ياساپ چىقىپتۇ…
ئەيتاۋۇر 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، Qu8k ئوڭۇشلۇق ھالدا نېۋادا شىتاتىدىكى Black Rock قۇملۇقىدىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىپتۇ، 92 سكونت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ 36KM ئېگىزلىكتىكى بوشلۇققا يېتىپ بېرىپتۇ ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا يەرگە قونۇپتۇ، راكېتاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرا بولسا نۇرغۇن نادىر كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ يېنىپ كەپتۇ…
تۆۋەندە بىرلىكتە بۇ «ساراڭ» ئامېرىكىلىق ياسىغان راكېتانى كۆرۈپ باقايلى:
ياسىلىش جەريانى:
ئۆزى ياساپلا قالماي، يەنە ئۆزى قويۇپ بېرىپتۇ تېخى:
بىر ئامېرىكىلىق ئۆزى يالغۇز بىر راكېتا ياساپ چىقىپتۇ، قارىغاندا بىز نەۋرىمىزنىڭ ئەۋرىسىنىڭ چەۋرىسىگە مەدەت تىلەپ ئولتۇرساق بولغۇدەك!
راكېتا سۈرەتكە ئېلىپ چۈشكەن سىن:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالەم، ئەسەر، تېخنىكا، خەۋەر، سىرلىق، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,273 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: rocket-qu8k.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىز دوستىنىڭ كۆزى شەكلىدە داچا سېلىپ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان بايۋەتچە
- كېيىنكى يازما > ئالامەت قىزىقارلىق ئىشلەتكەن پاراۋانلىق ئېلانلىرى، ئىشىكتىن چىققاندا يەنىلا يالغۇز چىقماسلىق ئاقىلانىلىكتۇر!
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
مەن نىمە دىگەن يامان
دىۋان مىنىڭ بولدى . ئەمدى مەندىن تالاشماڭلار.
ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچىرمايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن ئنسانلاردە،،،نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ ،،،ھەي بۇتەرەپتە راكىتا تۈگۈل بىرتال ئوقنى خىيالىمىز غا كەلتۈرۈپ بولغىچە ،مېڭىمىز گە ئوزىلا كىلىپ بولىشى ………….
راكىتاسىنىڭ ئوق بېشى يەرشارىنىڭ تېشىدا لەيلەپ يۇرۇيدۇ، ئەتە-ئۆگۇن بىرەر سۇننىي ھەمراھنىڭ بېشىنى ئېتىلدۇرۋەتمىگۇيدى
راسمۇ بۇ يا؟ بەزىلەرنىڭ چۈشىمىكىن دەيمەن بۇنى، بولمىسىغۇ مىنىڭمۇ بىرنى قويۇپ بەرگۈم بار ئىدى!
مۇشۇ ئەركىن دۆلەتتىكى كىشلەرگە بەك ھەۋسم كېلدۇ مېنىڭ.
خەق بەك يامانمۇ نېمە؟
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ ، ئايقا چىقىپ كەتتى يىراق.
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق،دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ ، ئايقا چىقىپ كەتتى يىراق.
مەن مىسالى دەسسەپ تىكەن، ماڭارىمەن يالاڭ ئاياق .
ھەممە نەرسە تەييارغۇ بازاردا سىزمۇ قىلالايسىز . شۇ ئاشۇ راكىتانى ئاسمانغا چىقردىغان كالا ۋە قىزىقىش يوق. ئىچكىردىكى بىر مەكتەپنىڭ بالىلرنىڭ قويۇپ بەرگىنى كۆرگەن . لېكىن بۇلاردەك مەخسۇس ئەمەسكەن.
دۆلەت بىلەن مۇناسىۋتى يوققۇ
ئاسمانغا چىقىردىغانغا كالا كەتمەس … ؟ كاللا كىتە … ؟
بۇ يەردە ئۇنى قويۇپ بەرسەك بېناغا سانجىلىپ قالارمىكىن…
يېقۇلغۇغا نىمە ئىشلەتكەندۇ
يىقىلغۇغا پىرىسلانغان بىنىزىن ئىشلىتىڭ
زىرىكىپ قېلىپ راكىتا ياسىسا قىزىقىپ قالسا نىمە ياسا
92 سىكىنوتتا 36 كىلومىتىر ئىگىزلىككە ئۇچقان بولسا ،36/(92/3600)=1408km/h بويىچە ھىسابلىساق سائەتلىك سۈرئىتى 1408Kmبولىدىكەن. ھەقىقەتەن قول قويدۇم.
بىز ئۇنى ياسىساق ھىلىلام موما يەي مىز………
ئۇماچ بىلەن مومىدىن باشقا نەسىمۇ يوقتۇ ھەقچان ئۇ يەدە ، قانداق دېمىدىم
:mad:بىلىم سەۋيە ئاز بىزدە