«Desperado» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ كومپيۇتېردا سىزىلىش جەريانى ۋە پۈتكەن ئەسەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇمارداشلار! بۈگۈن سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا پۈتۈنلەي باشتىن ئاخىر مائۇس ئارقىلىق سىزىپ چىقىلغان قىسقا فىلىم تەييارلىدىم(سىزىش تاختىسى ئىشلىتىلمىگەن). سىزىلىپ بولغاندىن كىيىنكى بارلىق تەھرىرلەش ئىشلىرىنىمۇ يەنە شۇ Photoshop ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، يەنى مۇزىكا قوشۇش كىرىشتۈرۈش دېگەندەك… سىزىشقا سەرىپ قىلىنغان ۋاقىت 8~9 سائەت ئەتراپىدا. ئۇستازلىرىمىزنىڭ سەمىمىي پىكىر تەلەپلىرىنى ئاڭلىغۇم بار.
«Desperado» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ كومپيۇتېردا سىزىلىش جەريانى
پۈتكەن ئەسەر
باشقا ئەسەرلىرىم
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: photoshop، ئەسەر، رەسىم، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,431 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: antoni-banderas-cg.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تىنچ ھالەتتىكى رەسىملەرمۇ مىدىرايدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بەزىدە كۆزلىرىڭىز سىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن
- كېيىنكى يازما > ئەينەنلىكى ئاجايىپ يۇقىرى چىققان قېرىنداش سىزمىلار، قارىماققا راستتەكلا كۆرۈنىدىكەن
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
ۋاھ… ئېسىلغۇ!!!
كىم سىزغان بۇنى ؟ دەششەتقۇ!
بارىكاللا! سەككىز توققۇز سائەتتە سىزغان بولسىڭىز خېلى ئەجىر قىپسىز ! ھەي ، پىكىر تەكلىپنى ئۇستازلا بەسۇن ، بۇ رەسىمگە باھا بەگىدەك ئۇماچ يوق قۇساقتا ! داۋاملىق تىرىشىڭ ، جىقراق يوللىماي !
قول قويدۇم، بۇنى ئۇيغۇر باللا سىزغان ئوخشىمامدۇ؟
ئابومجان مەن ئاز تولا ئۇماچ ئەۋەتىپ بېرەيما ….
ئامما ماھارىتىڭىزگە قول قويدۇم ، مۇشۇ رەسىم سىزالايدىغانلارغا بەك ھەۋەس قىلىمەن ( مەندىغۇ رەسىم سىزىش ھۈجەيرىسى چورتلا يوق)، بۇ رەسىملەر بەك قاملىشىپتۇ ، ئىيييييييۇ !!!
ئۇماچ ئەۋەتىپ بىرەيما دىسىلە خوش بوپ سەكرەپ كىتىپتىمە تېخى بىرە داس ئەۋەتىدىغان ئوخشايدا دەپ ، قوزامنىڭ گىپىگە قالىسام كەتمەن بىلەن قىژسىمۇ بىرە پىيالە ئۇماچ چىقمايدىغان چىراي ،ئۆزلىرى ئېپ قاسىلا ،كۆڭەللىرى تىگىل بولدى
ئاپىرىن بۇرادەر، داۋاملىق تىرىشىڭ توختاپ قالماڭ…..
سىزىش تاختىسى ئىشلەتمەي مانداق ئەسەرلنى يارىتىش ھەقىقەتەن قىيىن، بارىكاللا. تېخىمۇ كۆپ ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۈتىمىز…
ئابومجان ئۇندا دېسىلىرى قاندا بوغىنى ، كەتمەن بىلەن قىرسىلا ئۇماچنىڭ قىسمىغى تېىگپ قالسا ، سىلىگە ئەۋەتىشكە قاندا كۆڭەل ئۇنايدا
قايىل بولدۇم. تېخىمۇ تىرىشىپ ئېسىل ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەيسىز. مېنىڭمۇ بۇ ئەسەرگە باھا بەرگۈدەك سەۋىيەم يوقكەن…
بىر بىلەت كەتتى.
ئەسسالاممۇئەلەيكوم
سىز قەيەردىن ئۆگەنگەن. مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەنگىلى 2 يىل بولدى .خىلى كۆپ رەسىملەرنى ھەم بەزى شىركەتلەرگە لوگو ياسىغانمۇ بولدۇم.لىكىن بۈگۈن سىزنىڭ ماھارىتىڭىز نى كۆرۈپ ،ئۆزەمنى ھىچنىم بىلمەيدىغاندەكلام ھىس قىلىپ قالدى.ھەي !!!
مەن ئەمدى 0 دىن باشلاپ ئۆگىنىمەن. پەقەت چىدالمىدىم. خالىسىڭىز شاگىرت بولاي.ئوتىڭىزدا كۈيۈپ سۈيىڭىزدا ئاقاي! راست كۆزتەگمىسۇن بەك قالتىس بەك قالتىس. ئەگەر تەكلىپىمنى قوبول ئەتسىڭىز www.bahit8@163.com qq:616321629
سىزنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرڭىزنى تاپالمىدىم. ئەمسە يولىڭىزغا قارايمەن.
داۋاملىق تىرشىڭ !!!
سىز سىزغان پىرسوناژ مەن ياقتۇرىدىغان ئارتىس Banderas كەنغۇ .
بۇ گۇينىڭ يەنە Lady’s Killer دەپ نامى بار تېخى…
———
يازمىغا كەلسەم زادى تالانت دىگەن باكەن جۇمۇ. مۇشۇ PS دىگەننى بىلگەن بىلەن تالانت ۋە تەسەۋۋۇر بولمىسا بىكاكەن جۇما. مەنمۇ خېلى ئوبدان بىلىمە بۇ PS دىگەننى. لېكىن ماۋۇنى كۆرۈپ مەن مۇنچىلىك رەسىمنى چۈشۈمدىمۇ سىزالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم.
تىرىشىڭ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
چىرايى نىمدا قىپقىزىل….
ماھارىتىڭىز ياخشىكەن، سىزىلىش ئۇسلىغا قاراپ ھەۋىسىم كەلدى…
مەڭىز سۆڭىكى بەك پۇلتىپىپ قالغانلىقى ئۈچۈن،ئەسلى ئوبرازغا ئازىراق ئوخشىماي قاپتۇ،ئەمما رەڭلەر بەك جايىدا تەڭشىلىپتۇ.
ئاۋۇ « ئەكبەر ياسىىن » دىگەن ئىمزا ئەجەب كۆركەم لايىھىلىنىپتۇ ! بەك ياقتۇردۇم.
پورتېرت رەسىمنى ئەسلى مۇنداقمۇ سىزغىلى بولىدىكەن. ئىمزانى ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك لايىھىلىسىمۇ ئۆزگىچە بولىدىكەن. ھەۋىسىم كەپقالدى بۇنىڭغا.
بىرلا رەسىم قەۋىتى ئىشلەتتىڭىزما؟