يەمەندىكى بىر تويدا، قولىغا AK-47 ئېلىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىرەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن 3 ئادەمنى ئېتىپ قوياپتۇ
ھازىر ئۈرۈمچىدىكى تويلاردا Gangnam Style ئوينامدۇ يوق بىلمەيمەن، يىل بېشىدا تويلا بولسا ئاساسەن Gangnam ئوينايدىغان بولۇپ كېتىپتىكەن. ئۇنداق بولسا قۇرۇق گېپىمىزنى قويۇپ كەسكىن پاراڭلارغا كېلەيلى.
يەمەندىكى ئەسلىدە خۇشاللىق بىلەن تەبرىكلىنىۋاتقان بىر توي مەرىكىسى ئۇشتۇمتۇتلا قانلىق قاتىللىق نەقمەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان، مەست بولۇپ قالغان بىر ياش قىن-قىنىغا پاتماي ئۇسۇل ئويناۋاتقاندا، قولىدىكى AK-47 تىپلىق ئاپتوماتىك قورالنى باشقۇرالماي ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ قويغان.
قورقۇنچلۇق بۇ سىندىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىر توپ مېھمانلار PSY نىڭ مودا ناخشىسى Gangnam Style غا قوللىرىنى پۇلاڭشىتىپ، ساغرىلىرىنى تولغاپ ھەدەپ ئويناۋاتىدۇ. ئارىسىدىكى بىرەيلەن ئويناۋاتقاچ ئۆزىنىڭ قورالىنى پۇلاڭلىتىپ قويدى، ئەتراپتا يەنە نۇرغۇن ئادەم بار.
ناخشا ئېيتىلىپ ئوپچە ئېيتىدىغان يېرىگە كەلگەندە، كىشىلەرگە ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، قورال كۆتۈرىۋالغان ياش بولسا قورالنى تۆت ئەتراپقا چۆرىۋاتقان ئىدى، قارىماققا ئۇ ئەسلىدە ئاسمانغا ئوق ئېتىپ خۇشاللىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولسا كېرەك؟
ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن بۇ قوراللىق ياش تۇتۇلدىمۇ يوق تېخى ئېنىق ئەمەس. يەمەندىكى كۆپ قىسىم جايلاردا، قورال كۆتۈرۈپ تويغا قاتنىشىش قانۇنلۇق بولۇپ، تەبرىكلەش مەزگىللىرىدە ئوق ئېتىشمۇ تەبرىكلەشنىڭ بىر خىل تۈرى. گەرچە شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت بارلىق كۈچى بىلەن ئەھۋالنى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پات-پات ۋەقە چىقىپ تۇرىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: توي، قورال، قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,599 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shot-dead-dance.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ياپونىيە ھەققىدىكى 15 كىچىك ئىش
- كېيىنكى يازما > كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان فىلىم – بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان 680 گراملىق بوۋاقنىڭ مۆجىزىگە تولغان بىر يىلى
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
- بەش مىنۇتتا 64 بۆلۈم قورقۇنچلۇق فىلىمنى كۆرۈپ چىقىش
- قورقۇنچلۇق قىسقا فىلىم: ئويۇن | بۇ بەلكىم سىز كۆرگەن باشقا قورقۇنچلۇق فىلىملەرگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن!
- خىزمەت ئىزدەپ بېرىپ تۇيۇقسىز يەرشارى ھالاك بولىدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ قالسىڭىز قانداق قىلارسىز؟
- ئاجايىپ ئاقسا توي تەكلىۋى قويۇش ئۇسۇلى، تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار كەيپىياتنى تېخىمۇ رومانتىك قىلىۋېتىدىكەن ئەسلى!
- سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن قورقۇنچلۇق مىكرو فىلىم: سايە
تازا ئاقماس ئىشكە بۇ
تەلۋىكەن بۇ راس ئىتۋەتتى دىسە. (:
ۋاي راستىنلا ئىتىۋەتتىغۇ ئۇ ساراڭ ،شاتلىق ماتەمگە ئايلىنىپتۇ ،دە ،ئەلھۆكمىلىللا
نېمە دىگۈلۈك ئەمدى.تويغا «توي!» دەپتىدە، مۇشۇ ناخشا مۇزىكا دېگەن نەرسىمۇ سەل چەكتىن ئاشسا ئادەمنى قىپقىزىل ساراڭ قىلىپ قويىدۇ.
مەنغۇ ناخشا- ئۇسسۇلنى چەكلەپ كەتمەيمە(تانسغا ئوخشاش بەدەن تېگىشىپ تۇرىدىغانلىرىدىن باشقا)،بىراق ھېلىمۇ يېتەر،تويلاردا ناخشا-ئۇسسۇل بوپ كەتمىسىمۇ بولا…
مەنمۇ بۇرۇن ناخشىغا ئالامەت قىزىقىتىم ھەتتا نەچچە رەت سەھنىدىمۇ ئىيتىپ باققان ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ناخشىنىڭ شەيتاننىڭ يولى ئىكەنلىكىنى بىلىپ 2يىل بولدى قول ئۈزدۈم يۇرتلىرىمىزدىكى ناخشا بىلەن جان بىقىۋاتقانلارغا دىگۈم كىلىدۇ سىلەئۆلۈمنى ئويلىدىڭلارمۇ .توغرا چۈشىنىڭلا ھە خۇماداشلار سەي قايناپ كىتىپ قالدىم
مەن ئەزەلدىنلا تويلاردا ناخشا مۇزىكا بىھۇدە پاراڭ سالىدىغان ئىشلارغا سەل خوشۇم يوق. ئۆزۈمچە”
بىر توينى توي قىلىمىز دەپ گاڭنام ئويناپ ئۈچ كىشى ئۆلەپتۇ
قايسى رەۋىشتە ئۆلگەندۇ بۇ بەندىلەر… خوپ كۆپ گەپ قىلماي”!
مۇشۇ گاڭنامنىڭ نەرىگە ئاشىق بۇلار بۇ ئادەملە ھېچ بىلەلمىدىم….
سەل كۆپرەك ئىچىپ قويغان ئوخشايدۇ تاپانچا ئاتقىنى ، تويى بولغانغىمۇ تويغاندۇ ئاۋۇ ئاداش …
ئۇنىمۇ دەيمىز مانا مۇشۇ گاڭنام بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلىشىشىنى كىم ئويلىغان ھە .
ئەسلى گاڭنام بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرشقا تىگىشلىك كىشى ،ئەسلى ھېلقى كوريىلىك ناخشىچى بولسا توغرا بۇلاتى….ماتام مۇراسىمدا گاڭنام ئويناپ ئۇزىتىشتىن يانمايتى ..خەيىر پۇرسەتتىن قۇرۇق قاپتۇ…
ئاشۇ ئۈرۈمچىدىكى بەزى قىرىنداشلارنىڭ تويدا ئات ئىشەك ئۇسۇلىغا چۈشۈپ ئۇسۇل ئويناپ كەتكىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولىدۇ!
ئىسىت… ئىسىت… ئىسىت…
ئاشۇلارمۇ ئۇيغۇر ھە؟
بىر ئىشىغا قاراپلا بۇنى مىللەت مەسىلىسىگە كۆتۈرۋاممايلچۇ، ئۇلار ئۆزى بىلەرقانداق ياشاشنى.
Oppa AK Style كەندە بۇ
كۈلمەي دىسەممۇ كۈلۈپ كەتتىم ما ئىنكاسقا
belen boptu ashundaq naynaqlar bilen xosham yoqti 3 chi aziyiptuبىر
ئالامەت خەقكەن بۇ ،ئوزىگە ئۆزى قىلىپ قويپتۇ!
AK-47 نىڭ ئوت كۈچى ھەقىقەتەن كۈشلۈك ھە، بىرقانچە پاي ئوقتىلا ئۈچىلىسىنىڭ جىنىنى ئاپتۇ….
مىنىڭچە بۇ يەمەنلىكلەرنىڭ كاللىسى پەقەت ئىشلىمەيدىكەن تويدەك خۇشاللىق كۈنلەرنىمۇ ئوق ئىتپ تەبرىكلەمدۇ ئوق دىگەننى ئۇرۇش بولغاندا ئىشىلەتمەمدۇ بۇ خۇراپىى دۇلەت شۇڭا تەرەققى قىلمايۋاتىدۇ
ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلسا مۇشۇنداق جازاسىنى كۆرىدىغان گەپ، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!
ھەي مۇشۇ ناخشا ئۇسۇل دەپ ئۇلۇپ كەتكىنىنى
ھەي چەكلىگەن ئىشنى قىلغاننىڭ ئاقىۋىتى !!!
ئەمما يەمەننى خۇراپى دۆلەت دەپ كەتمەڭلار بۇنداق ئىشقا تەرەققى قىلالماسلىقتىكى سەۋەپنى ئۇ يەرلىڭ ئۆز ئالىملىرى تېپىپ بولغان ئېسىل يەر ئۇ . ئوق ئىتىپ تەبرىكلەش پەقەت يەمەندە ئەمەس باشقا دۆلەت ۋە قەبىلە رايۇنلاردىمۇ بار ! ئەلۋەتتە تۈركىيەدىمۇ بار ئۇلارمۇ خۇراپى ئەمەس ھەم تەرەققى قىلىغلىق
ئەل ئۆمرىدە بىرنەسە ئاڭلاپ باقمىغان خەقمۇ بۇ
خاپا بولماسىلەر تىمىغا مۇناسۋەتسىز گەپ قلپ قويدۇم ئۇچقۇرماشىنا18 نى چۈشۈرگەن لىكىن ئىكران قاپقارا بۇلۋىلىپ ھىچنىمە چىقمايۋاتىدۇ مەندەك ئەھۋالغا يولۇققانلار بولسا خاپا بولماي ماڭا قانداق قىلىشنى دەپ بەرگەن بولساڭلار
كۆرستىش كارتىسى تۆۋەن كەپتۇ
ئاجايىپ خەلىقكەن ھە بۇ…
دەششەت باللىكەن يا بۇ؟
توي دىگەندىن ئوت چىقىرۋاتىتقان
نىمانداق قالاق گۇيلا بۇ
ساراڭمۇبۇنىمەقىلىق بۇ!
مەيلى ئوقنى ئادەمگە ئاتماي ئاسمانغا ئاتقان تەقدىردىمۇ، يەنە شۇ مىلتىقتىن چىققان تىزلىك بىلەن قايتىپ چۈشىدىغان تۇرسا! يەنە كېلىپ ئۇنداق ئوق نەق باشقىلا تېگىدۇ- دە!
ئىبرەت ئالايلى
شۇڭا پۇقرالارنىڭ قورال ئېلىپ يۇرىشىنى چەكلەش كېرەك .
باللا ئۇنىما دەيمىز بۇنىما دەيمىز. بۇلانىڭ ئۆرۈپ ئادىتىمۇ تېخى تويلادا ئادەم ئۆلتۈرۈش.