قورقۇنچلۇق قىسقا فىلىم: ئويۇن | بۇ بەلكىم سىز كۆرگەن باشقا قورقۇنچلۇق فىلىملەرگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن!
خەتەر بىلەن قورشالغان ئورمانلىقتا، گۆرۈدىن قېچىپ چىققان بىر ئايال قورقۇنچ ئىچىدە، بىر تەرەپتىن يۈگۈرسە، بىر تەرەپتىن قولىدىكى باغلاقنى يېشىشكە ئۇرۇناتتى، ئۇ ئامال بار ئۆزىنى تىنچلاندۇرۇشقا، كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان تەلۋە قاتىللاردىن دالدا ئېلىشقا تىرىشاتتى، ھالبۇكى، قوغلاپ كەلگۈچىلەر يەنىلا ئۇنىڭ ئىزىنى بايقاپ قالدى…
«ئويۇن» ئىسىملىك مەزكۇر فىلىم تورونتونىڭ مەشھۇر قورقۇنچلۇق فىلىم ئاپتورى Angus Swantee تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان، كۆپ قېتىملىق خەلقئارالىق قورقۇنچلۇق فىلىم كۆرەكلىرىدە نادىر قىسقا فىلىم ۋە نادىر ۋەقەلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ بىر مەيدان قوغلاپ ئۆلتۈرۈش ئويۇنىدا، بەلكىم سىز باشقا قورقۇنچلۇق كىنولارغا ئوخشىمايدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,167 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: horror-movies-game.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېشىل چىملىقتىكى ھوللىيۋود فىلىملىرى – بۇ نومۇرلارنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ ھە؟!
- كېيىنكى يازما > دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- 160 كىنو-فىلىمدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
بىر كۈرەي ئولتۇرۇپ تازا
ھېرىپ قالغاندا بالدۇرراق كەلمەي دېۋان يوق بوپتۇ مانا ئاۋۋال باشقىلارنىي قورقۇتۇپ، ئاندىن ئۆزى قورقۇپ…. ئۆتنە جاھان دېگەن شۇ ئوخشايدۇ.
تورخۇماركا .بولسا ئىلان چەكلەيدىغان كوتنى قىستۇرساق بولاتتى
قىسقىغىنە فىلمنى كۆرىمىز دەپ بىر نەچچە مىنۇت ساقلاپ كىتىدىكەنمىز،
تورخۇماردا ئىلگىرى شۇ توغرىلىق تېما يېزىلغان، بۇ مەنزىلنى بېسىڭ
سىنلانىڭ بېشىدىكى ئېلاننى ، ھەم توربەتتىكى رەسىملىك ئېلاننى چەكلەيدىغان نەسىغۇ باكەن ، لىكىن تورخۇمارنىڭ ئاساسلىق كىرىمى ئىلانلادىن بۇلىۋاتقان بوغاچقا ، خۇماداشلار نەچچە سىكونتلىق ئىلانلاغا چىدىۋەتسە بۇلدىغان ئوخشايدۇ ، بوسا سېخىيلىق بىلەن بەت يۈزدىكى ئىلانلانى چىكىپ قۇيايلى ، تورخۇمارنى بۇنىڭدىن باشقا قانداق قوللايمىز شۇندامۇ يا
سىندىكى ئېلاندىن تورخۇمارغا كىرىم بولمايدۇ. باشقا ئېلانلارنى مۇۋاپىق چېكىپ قوللاپ بەرسەڭلار بولىدۇ. ئەسلىدە تورخۇماردىكى بارلىق سىنلاردىكى ئېلاننى چىقمايدىغان قىلىپ تەڭشەشنى ئويلىغان، بىراق كېيىن سىن تور بېكەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالماسلىقنى ئويلىشىپ ئۇنداق قىلمىدۇق. بىراق سىندىكى ئېلاننى چەكلەش ئۇسۇلىنى تورخۇماردا ئىلگىرى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. شۇ ئۇسۇل بويىچە چەكلىۋالساڭلار تامامەن بولىدۇ.
توردىكى سەكرەپ چىقىدىغان ئۆملەپ چىقىدىغان ، فىلىمنىڭ بېشىدا چىقىدىغان ئىشقىلىپ ئېلان دىگەننى چانايدىغان ئەجايىپ نەرسىدىن بىرنى ئۇچرىتىپ قاغان ، لىكىن تورخۇمارنىڭ ئېلانلىرىنىمۇ چەكلىۋىتىدىكەن ، تورخۇمارنىڭ تەرەققىياتىغا چۈمۈلىدەكمۇ بوسا ھەسسەمنى قۇشاي دەپ ، تورخۇمارغا چىقىپ ئېلانلانى بىرقۇر چكىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئېلان چەكلەيدىغان قىپ قۇيىمە ~~ ھەي توۋا مەن نىمدا بەلەن !
قورقۇنۇشلۇق فىلىم بولا ماشتا بولا، ئاۋۇ قىزنى بىچارىكەن دىسەم ئاخىرىدا ئاۋۇ قانخورلار بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدىغۇ ئەمدى.
ماۋۇ كىنو ياخىشى چىقىپتۇ،ھىلقى ئايال كىشى سۇبىلەن ئۇچىراسا ئۆزىگىرىدىغان ئوخشايدۇ،
توۋا!!!!! ئىچىم ئاغرىپ كېتىپتۇ تېخى ئاۋۇ ئايالغا توۋا!!!!!
قانداق فىلىم بۇ…مەزمۇن تازا غەلىتە ،ئالامەت قىسقا فىلىم
ئاخىردا نىمە بۇلاكىن دىسەم يەنە بىر ئادەم قالدى!
ياتاقتا بىر كىنو كۆگەن بەش ئادەم دېڭىزدا ساياھەتكە چىقىپ ئاكۇلا بىردىن بىردىن يەپ ئاخىردا بىرسى قالغاندا ئۇمۇ…..كىنو تۈگىدى!
باشنى كۆرۈپ بولغۇچە ، ئاخىرىنى بىلىپ بولىدىغان كىنولارغا قارىغاندا ياخشى چىقىپتۇ
مەنمۇ ئاخىرىنى قانداق چىقار دەپ ئولتۇرغان،ھەقىقەتەن ئويلىمىغانلا يەردىن چىقتى
پەقەت چۇش نەلمىدىمغۇ نەرى مۇكاپات ئالغاندۇ بۇ فىلىمنىڭ توۋا
چەتئەلنىڭ فىلىملىرى شۇنداق مۇكاپاتلىنارمىش… ھەرخىل….
ئىنىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزىريەسىدەك ، مۇكاپاتنى ھېنىمىسنى چۇشەنگىلى بولمايدىغانغا بېردۇ
بۇ فېلىم ھېچقانداق كېنولاردىكى سىنارىيە شەكلىنى قوللانمىغان ئاساستا ئىشلەنگەن ئۆزگىچە فىلىم بوپتۇ ، مۇكاپاتلانغىنىغا ھەيران قالغانلارغا ھەيرانمەن ~
بۇ فىلىمدىكى ئاساسلىق ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ياۋۇز ئادەملەرنىڭمۇ قورقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولىشى مومكىن …چۇنكى ھەرە كۆتۇرۋالغان 3 ئادەم ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغاندەك شۇنداق ياۋۇز كۆرۈنگەن ئىدى ، ئۇ ئايالنى ئۆمۈچۈك چىقىپ مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغاندا ئۇلار قورقۇپ ئىشتانغا چىقىرۋىتەيلا دەپ قاپتۇ….