بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
بەلكىم ئالدىنقى يازمىدىكى 优酷 دىن كەلگەن سىننى كۆرگەن تورداشلار ئاز كەم دېگەندە 15 سكونتلۇق ئېلانغا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە 优酷 ياكى 土豆 تورىدىن سىن كۆرگەندە فىلىم باشلىنىشىغىلا ئېلان چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، مۇۋاپىق ئېلان ئارقىلىق چىقىمنى قامداش تامامەن ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش. ئەمما، يىل بېشىدا بۇ ئىككى داڭلىق سىن تور بېكىتى بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تورداشلار بۇ ھەمكارلىقنىڭ بىرەر كۆزگە چېلىققۇدەك نەتىجىسىنى بايقىمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى.
ئەلۋەتتە، بىر قىسىم تورداشلار ئېلان ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزارغانلىقىغا قاراپ، 优酷نىڭ 30 سكونت + 土豆 نىڭ 15 سكونت= 45 سكونت دېگەندەك ھەزىللەنگەن تەڭلىمىلەرنىمۇ يېزىپ چىقتى.
ھەقىقەتەن، بۇ سىن تور بېكەتلىرىدىكى ئېلانلار كىشىنى بىزار قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۇزىراپ كەتتى. بەزىدە ھەتتا 20 سكونتلۇق سىننى كۆرۈش ئۈچۈن 30 سكونتلۇق ئېلان كۆرىدىغان ئىشلارغا يولۇققانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ تېلىۋېزوردىكى ئېلاندىن قېچىپ توردىكى ئېلانسىز مۇھىتنى ئىزدەپ كىرگەنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر ئىش.
ئۈستىدە قۇرۇق گەپنى قىلىپ بولدۇق. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم، Google Chrome تور كۆرگۈسىدە ئىشلەيدىغان ئاددى بىر قىستۇرما بولۇپ، قىستۇرمىنى ئورناتقاندىن كېيىن، 土豆 ۋە 优酷 تورىدىكى بارلىق ئېلانلارنى تەلتۆكۈس سۈزىۋېتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئىلگىرى بىر قىسىم تورداشلار hosts ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلان سۈزۈش مەقسىدىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئېلاننىڭ ئورنىدا ئېلان ۋاقتى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلىقتا چىقىدىغان 优酷 نىڭ ئەسكەرتىشى چىقىۋېلىپ كىشىنى يەنىلا بىئارام قىلاتتى. ئەمما مەزكۇر قىستۇرما يۇقارقى ئەسكەرتىشلەردىن تارتىپ پۈتۈنلەي سۈزىۋېتىدىغان بولۇپ، فىلىم قويۇلغان ھامان ھېچقانداق ئېلان ۋە ئەسكەرتىشسىز قويۇلۇشقا باشلايدۇ.
دىققەت: مەزكۇر قىستۇرمىنى مەن سىناپ ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. يازمىدا پەقەت 优酷/土豆 نى مىسالغا ئالدۇق، ئەمما ئىشلىتىشىمگە ئاساسلانغاندا، مەن بىلىدىغان جۇڭگو ئىچىدە ئېچىلىدىغان بارلىق سىن تور بېكەتلىرىنىڭ ئېلانىنى پاك-پاكىز سۈزۈۋېتىدىكەن. ناۋادا ياقتۇرۇپ قالسىڭىز مۇشۇ يازمىنى يېنىڭىزدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
قىستۇرما ئۇچۇرلىرى:
قىستۇرما نامى: Adkill and Media Download
ئىشلەيدىغان مۇھىت: Google Chrome تور كۆرگۈسى
ئېلانى سۈزۈۋېتىلىدىغان تور بېكەتلەر: 优酷/土豆
ئورنىتىش ئۇسۇلى:
كروم تور كۆرگۈسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىدىكى قىستۇرما ئورنىتىش ئادرېسىنى بېسىپ قوشۇپ قويساقلا بولدى. مۇشۇ باھانىدە كرومغا كۆچۈۋېلىشمۇ بىر ئاقىلانىلىك دەپ قارايمەن.
چۈشۈرۈپ ئورنىتىش مەنزىلى:
Adkill and Media Download قىستۇرمىسىنى ئورنىتىش | مەنبە: تورخۇمار | Google Chrome تور كۆرگۈسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: Chrome، ئېلان، توركۆرگۈ، قىستۇرما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,306 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: video-ad-killer-for-chrome.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تاللانغان سۈزۈك 50 پارچە كومپىيۇتېر ئۈستەل يۈزى تەگلىك رەسىمى چۈشۈرىۋىلىڭ
- كېيىنكى يازما > كائىناتنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ 24GB سىغىمدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سامان يولى سېستمىسىنىڭ رەسىمى
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
دىۋان
ماۋۇ نەق ئۆزى مەن ئىزدۋاتقان نەرسىكەن~~
دىۋانما بۇ ؟
كۆزۈمگە 土豆 ۋە 优酷 نىڭ ئېلانىدەك ئىللىق كۆرۈنۈپ كەتتىڭىز ! مەن قىستۇردۇم ئەمسە
دىۋان تالىشىپلا يۈرەمسىلەر ، دائىم ئىلاننى كۈرۈۋىرىپ ئادەم زىرىككەن ، مۇشىۇنداق چاغدا ئەجەپ ياخشى بولدى
بۇنداق قىستۇرما يوق دەيدىغۇ..؟؟
لىكىن ئەمدى با دىدى…
ۋاي نەرىدىن چۈشۈرىدۇ بىلەلمىدىمغۇ؟چۈشۈرىدىغان بېتىنىلا ئەۋەتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن
ئاجايىپ تورىدا بىرنى ياسىغان، شۇنى قاچىلىساڭلارمۇ ئېلاننى چەكلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولاتتى. بىراق يۇكۇغا ھازىر ئىشلىمەيدىكەن. باشقا تور بەتلەرگە ئىشلەيدۇ.
بىر تور بەت ئېچىلدى، قانداق مەشغۇلات قىلىدۇ ئۇقمۇدۇم؟
扩展程序دىگەننى باسسىڭىز چىقدۇ
تازىمۇ ياخشىكەن بۇ ھۈنەر جۇمۇ
بولسا ئاشۇ چەتنىڭ تورلىرىغا چىقىشنىمۇ بىر چۇشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار ……

ئوت تۇلكىنىڭ ئىلان چەكلەش قىستۇرمىسى يوقما
ئاخىرى بۇنىڭمۇ بىر جاجىسىنى بىرىدىغان نەرسە چىقىپتۇ مانا …
2345توركۆرگۈچتە ئاپتوماتىك ئىلان توسۇش ئىقتىدارى بار..ھەرقانداق ئىلاننى توسدۇ.سەكرەپ چىقۋالدىغان تور بەت ئىلانمۇ شۇنىڭ ئىچدە
فەچەت.
IE10 نىمۇ ئۆزگەرتكىلى بۇلامۇ؟ بولسا ئۇنىڭغىمۇ ئويلىنىپ كۆرگەن بولساڭلار بوپتىكەن !!!؟؟؟
مەن 360 نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن…ئۇنىڭدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىستۇرمىلار بار ئىكەن
uc تور كۆرگۇچمۇ ئىلان چەكلەپ قويدۇ يەنە تېخى 1 ت تور دىسكىسىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ