بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
بەلكىم ئالدىنقى يازمىدىكى 优酷 دىن كەلگەن سىننى كۆرگەن تورداشلار ئاز كەم دېگەندە 15 سكونتلۇق ئېلانغا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە 优酷 ياكى 土豆 تورىدىن سىن كۆرگەندە فىلىم باشلىنىشىغىلا ئېلان چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، مۇۋاپىق ئېلان ئارقىلىق چىقىمنى قامداش تامامەن ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش. ئەمما، يىل بېشىدا بۇ ئىككى داڭلىق سىن تور بېكىتى بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تورداشلار بۇ ھەمكارلىقنىڭ بىرەر كۆزگە چېلىققۇدەك نەتىجىسىنى بايقىمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى.
ئەلۋەتتە، بىر قىسىم تورداشلار ئېلان ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزارغانلىقىغا قاراپ، 优酷نىڭ 30 سكونت + 土豆 نىڭ 15 سكونت= 45 سكونت دېگەندەك ھەزىللەنگەن تەڭلىمىلەرنىمۇ يېزىپ چىقتى.
ھەقىقەتەن، بۇ سىن تور بېكەتلىرىدىكى ئېلانلار كىشىنى بىزار قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۇزىراپ كەتتى. بەزىدە ھەتتا 20 سكونتلۇق سىننى كۆرۈش ئۈچۈن 30 سكونتلۇق ئېلان كۆرىدىغان ئىشلارغا يولۇققانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ تېلىۋېزوردىكى ئېلاندىن قېچىپ توردىكى ئېلانسىز مۇھىتنى ئىزدەپ كىرگەنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر ئىش.
ئۈستىدە قۇرۇق گەپنى قىلىپ بولدۇق. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم، Google Chrome تور كۆرگۈسىدە ئىشلەيدىغان ئاددى بىر قىستۇرما بولۇپ، قىستۇرمىنى ئورناتقاندىن كېيىن، 土豆 ۋە 优酷 تورىدىكى بارلىق ئېلانلارنى تەلتۆكۈس سۈزىۋېتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئىلگىرى بىر قىسىم تورداشلار hosts ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلان سۈزۈش مەقسىدىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئېلاننىڭ ئورنىدا ئېلان ۋاقتى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلىقتا چىقىدىغان 优酷 نىڭ ئەسكەرتىشى چىقىۋېلىپ كىشىنى يەنىلا بىئارام قىلاتتى. ئەمما مەزكۇر قىستۇرما يۇقارقى ئەسكەرتىشلەردىن تارتىپ پۈتۈنلەي سۈزىۋېتىدىغان بولۇپ، فىلىم قويۇلغان ھامان ھېچقانداق ئېلان ۋە ئەسكەرتىشسىز قويۇلۇشقا باشلايدۇ.
قىستۇرما ئۇچۇرلىرى:
قىستۇرما نامى: OpenGG.Clean.Player
ئىشلەيدىغان مۇھىت: Google Chrome تور كۆرگۈسى
ئېلانى سۈزۈۋېتىلىدىغان تور بېكەتلەر: 优酷/土豆
چۈشۈرۈپ ئورنىتىش مەنزىلى:
OpenGG.Clean.Player قىستۇرمىسىنى ئورنىتىش | مەنبە: تورخۇمار | Google Chrome تور كۆرگۈسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: Chrome، ئېلان، توركۆرگۈ، قىستۇرما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: opengg-clean-player.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تاللانغان سۈزۈك 50 پارچە كومپىيۇتېر ئۈستەل يۈزى تەگلىك رەسىمى چۈشۈرىۋىلىڭ
- كېيىنكى يازما > كائىناتنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ 24GB سىغىمدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سامان يولى سېستمىسىنىڭ رەسىمى
- ئۇيغۇر ئېلانلىرىنى كىم ياخشى ئەمەس دەيدۇ؟ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئېلانلاردىن ئىككى شىڭگىل
- يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- ئۈچ كۈندە چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان Honda ۋىرۇسى ئېلانى! بىر تال ۋىنتىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرەلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- ئېلاندىنمۇ ھوزۇرلانغان بارمۇ؟ تورخۇماردىكىلەر ئۈچۈن ھەممىسى ھۇزۇر! ئاپتوموبېل ئېلانى دېگەننى تۆكۈۋەتتىم
- ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى بەلكىم پەقەت ۋاقىت ئىزىدا توختىغان چاغدىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى Photoshop؟ بۇنداق تەشۋىقات ئۈنۈمىنىڭ رولى قالتىس بولغۇدەك!
- كىشىنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ھاراقتىن كېيىنكى ماشىنا ھەيدەشكە قارشى ئىشلەنگەن ئېلان
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
دىۋان
ماۋۇ نەق ئۆزى مەن ئىزدۋاتقان نەرسىكەن~~
دىۋانما بۇ ؟
كۆزۈمگە 土豆 ۋە 优酷 نىڭ ئېلانىدەك ئىللىق كۆرۈنۈپ كەتتىڭىز ! مەن قىستۇردۇم ئەمسە
دىۋان تالىشىپلا يۈرەمسىلەر ، دائىم ئىلاننى كۈرۈۋىرىپ ئادەم زىرىككەن ، مۇشىۇنداق چاغدا ئەجەپ ياخشى بولدى
بۇنداق قىستۇرما يوق دەيدىغۇ..؟؟
لىكىن ئەمدى با دىدى…
ۋاي نەرىدىن چۈشۈرىدۇ بىلەلمىدىمغۇ؟چۈشۈرىدىغان بېتىنىلا ئەۋەتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن
ئاجايىپ تورىدا بىرنى ياسىغان، شۇنى قاچىلىساڭلارمۇ ئېلاننى چەكلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولاتتى. بىراق يۇكۇغا ھازىر ئىشلىمەيدىكەن. باشقا تور بەتلەرگە ئىشلەيدۇ.
بىر تور بەت ئېچىلدى، قانداق مەشغۇلات قىلىدۇ ئۇقمۇدۇم؟
扩展程序دىگەننى باسسىڭىز چىقدۇ
تازىمۇ ياخشىكەن بۇ ھۈنەر جۇمۇ
بولسا ئاشۇ چەتنىڭ تورلىرىغا چىقىشنىمۇ بىر چۇشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار ……
ئوت تۇلكىنىڭ ئىلان چەكلەش قىستۇرمىسى يوقما
ئاخىرى بۇنىڭمۇ بىر جاجىسىنى بىرىدىغان نەرسە چىقىپتۇ مانا …
2345توركۆرگۈچتە ئاپتوماتىك ئىلان توسۇش ئىقتىدارى بار..ھەرقانداق ئىلاننى توسدۇ.سەكرەپ چىقۋالدىغان تور بەت ئىلانمۇ شۇنىڭ ئىچدە
فەچەت.
IE10 نىمۇ ئۆزگەرتكىلى بۇلامۇ؟ بولسا ئۇنىڭغىمۇ ئويلىنىپ كۆرگەن بولساڭلار بوپتىكەن !!!؟؟؟