كىشىنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ھاراقتىن كېيىنكى ماشىنا ھەيدەشكە قارشى ئىشلەنگەن ئېلان
بۇ بەلكىم سىز ھازىرغىچە كۆرگەن، كىشىنى ئەڭ زىل-زىلىگە سالىدىغان ۋە قاتتىق چۆچۈتىدىغان ھاراقتىن كېيىنكى ماشىنا ھەيدەشكە قارشى ئىشلەنگەن ئېلان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئەنگلىيە قاتناش تارماقلىرى ئىشلىگەن ھاراقتىن كېيىنكى ماشىنا ھەيدەش بىخەتەرلىك ئېڭى توغرىسىدىكى تېلىۋېزىيە ئېلانى. تېمىسى «ئويلىنىش!». ئېلاندا، يوشۇرۇن ئورۇنغا بېكىتىلگەن كامېرا ئارقىلىق بىر قاۋاقخانىنىڭ تازىلىق ئۆيىدىكى قورقۇنچلۇق مەنزىرە سۈرەتكە ئېلىنغان. قاۋاقخانىدىكى خېرىدارلار ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققاندىن كېيىن قولىنى يۇيماقچى بولغاندا، ئۇدۇلدىكى ئەينەكتىن تۇيۇقسىز بىر باش يېرىلىپلا چىقىدۇ، بۇ مەنزىرە خۇددى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ سوقۇلغاندىن كېيىن ئەينەك چېقىلغانغا ئوخشاشلا…
دىققەت: ئېلان مەزمۇنىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى سەل پەۋقۇلئاددە، شۇڭا يۈرىكى بەك ئاجىزلار ياكى كىچىك بالىلار يوق شارائىتتا كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كىشىنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ھاراقتىن كېيىنكى ماشىنا ھەيدەشكە قارشى ئىشلەنگەن ئېلان
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، بىخەتەرلىك، قاتناش، قورقۇنچلۇق، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,633 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: anti-drunk-driving.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «تۆمۈر پالۋان3» فىلىمىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنىڭ ئىشلىنىش تەپسىلاتى – بىر ياخشى كىنو قانداق سۈرەتكە ئېلىنىدۇ؟
- كېيىنكى يازما > بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولغان، 90-يىللاردا بىز كۆرگەن ئەشۇ كلاسسىك كىنو-فىلىملەر
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
ھاراق پەقەت شۇ قاتناش ۋەقەسىنىڭلا ئەمەس نۇرغۇن بالا – قازانىڭ سەۋەبچىسى!!
ھاراقنى قەتئىي ئىچمەسلىكنى ، يېقىن يولىماسلىقنى ھەممىلا يەردە دەپ تۇرسىمۇ باھانىسى دىگەن ساماندەك ئۇ ھاراقكەشلەرنىڭ . ئازراق ئىچسە ھېچقىسى يوقەي ، قىزىلنى ئىچسە مەس بولمايمىش ، داۋاملىق ئىچمىسىلا بولاۋېرىدۇيەي …دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا ئاشۇ بوتۇلكىسىنى سۇندۇرۇپلا تىقىۋەتكىم كېلىدۇ !
ئەمدى ماۋۇ ئېلاننى شۇ ئىسپىرتخورلارغا بىر كۆرسىتىپ قويمىساق بولمىغۇدەك !
ئووو! نىمانداق قورقۇنچلۇق بۇ؟ ئەگەر جوڭگۇدىكى قاۋاقخانىلاردا بوپ قالسا، ئۇنى كۆرگەن بىرمۇ جوڭگۇلۇقنىڭ ساق قالمايدىغىنىغا تىكىشىمەن مەن!
راس …
قورقۇنۇشلۇق فىلىملاردەكلا ئىكەن. لىكىن بىلمەيدىغان ئادەم ئەينەكنىڭ كەينىدە بىرسى ئۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالغۇدەك.
ئۇق ~~~! يۈرۈكۈم تاس قالدى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى ~~!
ھەققەتەن قورقۇنۇشلىقكەنۇ بۇ ،چۆچۈپ كەتتىم بۇنى كۆرۈپ..،،،ھاراقكەشلا بۇنى كۆسە بولغۇدەك جۇمۇ،.،،،،،
دەششەت قورقۇنۇشلىۇقكەنغۇ؟
يائاللا تورخۇمار ئەپەندىم…. تاس قاللا جۇمۇ كالتە ئىشتان تۆلەمگە قالغىلى….. لېكىنزە دەششەت پەيزى تېمىلارنى يوللايلاجۇمۇ….
قىزىقارلىق ئىكەن!!!
شۇڭا دەيمەن قەتتي جان چىقىپ كەتسىمۇ ھاراق ئچمەيلى دەپ !
بەك قىسقا ئىكەن ھاراقكەشلەرگە تەسىر قىلمىغۇدەك.