بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولغان، 90-يىللاردا بىز كۆرگەن ئەشۇ كلاسسىك كىنو-فىلىملەر
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى توغرىسىدا توردا ئارىلاپ-ئارىلاپ پاراڭ بولۇپ قالىدۇ، بۇ دەۋىردە دۆلىتىمىزدىكى تېلېۋىزىيە سەنئىتى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭدىكى تەرجىمە مەركىزىمۇ مسلى كۆرۈلمىگەن جەھەتتە تەرەققىي قىلغان ئىدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەرخىل تىياتىرلار، كىنولاردىكى پىرسۇناژلار خۇددى ئۇيغۇرچە سۆزلىشىۋاتقاندەك بىزگە چەكسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. بۇ كىلاسسىك فىلىملەرنى ئەسلىگەندە بىز شۇ دەۋردىكى تەرجىمانلار ۋە ئاۋاز ئارتىستلىرىنىڭ تالانتىغا قول قويماي تۇرالمايمىز.
1977-يىلى، ئامېرىكا ABC رادىيو شىركىتى «يىلتىز» ناملىق رومانغا ئاساسەن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەپ چىققان، بۇ تىياتىر شۇ ۋاقىتتا قويۇلۇشى بىلەنلا ناھايىتى چوڭ داغدۇغا قوزغاپ، ھەر كۈنى نەچچە يۈز مىليون تاماشىبىن تېلېۋىزور ئالدىدا بۇ فىلىمنى ساقلىغان. بۇ فىلىمدا بىر قارا تەنلىكلەر جەمەتىنىڭ قان-ياشلىق تارىخىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ تارىخى ۋە جاپاسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ فىلىمنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىقتىكى ئەھميىتىنى ھەرگىزمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
بۇ فىلىم ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ، ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، پىبادى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، كونتا كېنتىنىڭ رولىنى ئالغان لىۋار بېرتىنمۇ مۇشۇ كىنوغا تايىنىپ نام چىقارغان.
موسكىۋا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ
قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر
بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى ۋە شەخسلەرنى يوگوسلاۋىيەنىڭ خاس ئالاھىدىلىگى دېيىشكە بولىدۇ. ھىكايىدە بىر پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ گىرمانىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدا فاشىستلار بىلەن ئېلىپ بارغان قاتتىق كۈرىشى تەسۋىرلىنىدۇ.
فىلىم ئاخىرلاشقاندا چىقىدىغان ئېغىز گارمۇنى مۇزىكىسى بىر خىل ئازابلىق ھەم غەمكىن ئىدى.
مېكسىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرى« ئوڭۇشسىزلىق »
بۇ فىلىم 1979-يىلى مېكسىكىدا ئىشلەنگەن ، بۇ فىلىم ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ ئىنگىلىزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىتالىيەچە، تۈركچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. باش رولچى ۋېرونىكا كاستىرو 1962-يىلى سەھنە ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، مۇشۇ فىلىمدىن كېيىن داڭقى تېخىمۇ چىقىپ، مېكسىكىدىكى «تېلېۋزىيە تىياتىرى خانىشى» دەپ ئاتالغان.
ئىتالىيە ــــ ئالتۇن ئەتىرگۈل غارى(Fantaghirò)
فانتاگىرو! ئۇنىڭ چېچىنى ياقتۇرۇپ قالغىنىڭىز ھازىرمۇ ئېسڭىزدىمۇ؟ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىتالىيەدە ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، جەمئىي بەش بۆلۈم، دۆلتىمىزدە ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمى قويۇلغان.
پادىشاھ دائىم ئۆز تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بىر ئوغۇلنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ خانىشى پەرىشتە ئېيتقاندەك يەنىلا قىز تۇغىدۇ ھەمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ دەل قەيسەر ھەم چىرايلىق فانتاگىرو ئىدى، ئۇ ئاق كىيىملىق پەرىشتىگە ئەگىشىپ، ھەرخىل ماھارەتلەرنى ئىگىلەيدۇ، كىيىن ئۇ قوشنا دۆلەتنىڭ شاھى رۇمۇئالدو بىلەن توي قىلىدۇ، ئەمما كىيىن قارا كىيملىق پىرىخۇن بۇزغۇنچلىق قىلىدۇ، قەيسەر فانتاگىرو پادىشاھنى قۇتقۇزىدۇ، ئەمما ئۆزى پاقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ ….
پاكىستان ــــ مىراسخور
1979-يىلى، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ھەبىبۇل ئەپەندى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەرجىمە مەركىزىگە بىر فىلىم لىنتىسىنى ئېلىپ كىلىپ، بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەبىبۇل ئەپەندىم بىلەن مەزكۇر تەرجىمە مەركىزى چوڭقۇر رىشتە باغلايدۇ، 1980-يىلى «مىراسخور» ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇ تەرجىمە مەركىزىگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ، تەرجىمە خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، 1986-يىلى 11-ئايدىن 1987-يىلى 1-ئايغىچە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلىدۇ، 1987-يىلى بۇ تىياتىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.
ئامېرىكا ـــ ژىگو
بۇ فىلىم تەخمىنەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان، كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسدا قويۇلغان. بۇ فىلىمدە ئۈمىدۋار، ئاقكۆڭۈل ئەمما گاچا ژىگو بىر كىچىك بازاردا ياشايدىغان بولۇپ، دائىم باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، خوجايىنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇئاشىنى تۇتۇۋالىدۇ، ئۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرخىل شەكىلدە بوزەك قىلىنىدۇ، بىر كۈنى ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئاچ-يالىڭاچ قالغان بىر پاھىشەنىڭ قىزىنى بېقىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋەقەلىك پەيدا بولىدۇ…
بىرازىلىيە – دىدەك ئىزورا
بۇ 1985-يىلى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدە دۆلىتىمىزگە كىرگەن چەتئەل تېلېۋزىيە تىياتىرى بولۇپ، جۇڭگودا نەچچە يۈز مىليون تاماشىبىننى جەلپ قىلغان.فىلىمدىكى باش پىرسوناژنىڭ رولىنى لۇسىليا سانتوس (LucéliaSantos) ئالغان. ئىزورا ياخشى نىيەتلىك قورۇق خوجايىنى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنىپ، ياخشى تەربىيەلەنگەن، ئەمما ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، قورۇق خوجايىنىنىڭ ئوغلى لىئونسيو ئىزورانى ئىگەللىۋالماقچى بولۇپ، غالجىرلىشىش دەرىجىسگە يېتىدۇ…… بۇ فىلىم 160 دىن ئارتۇق دۆلەتتە قويۇلغان.
بۇ لۇسىليا سانتوس تۇنجى رول ئالغان تېلېۋزىيە تىياتىرى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان. 1985-يىلى دۆلىتىمىزدىكى «ئالتۇن بۈركۈت» مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك ئايال ئارتىست مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئەنگىلىيە- بەشىنچى باشقارما ھەرىكەتتە
بۇ فىلىمدە ئەنگىلىيە ئاخبارات مەركىزى بەشىنچى باشقارمىسىدىكى بودى، دولنىڭ كاۋلىينىڭ رەھبەرلىگى بىلەن بىر تۈركۈم مۇرەككەپ ھەم قىيىن ۋەزىپىلەرنى تاماملىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 4 بۆلۈم (57 قىسىم )بولۇپ، 1977-يىلى 6-ئايدىن 1981-يىلى5-ئايغىچە سۈرەتكە ئېلىنغان. دۆلىتىمىزدە قويۇلغاندا بەش بۆلۈم (54 قىسىم) قىلىپ قويۇلغان. ئالدىنقى ئۈچ بۆلۈم ئىشلىنىپ قويۇلغاندىن كېيىن، فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ چىقىم ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، سۈرەتكە ئېلىشنى توختىتىشنى ئويلاشقان، ئەمما كۆرۈرمەنلەر بەس-بەستە تېلېۋزىيە ئىستانسىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ فىلىمنى داۋاملىق سۈرەتكە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىمنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى ئىشلەنگەن.
1998-يىلى بۇ فىلىمنىڭ بەشىنچى بۆلۈمى سۈرەتكە ئېلىنغان، ئەمما قويۇلغاندىن كېيىنكى ئىنكاس ئاددەتتىكىچە بولغانلىقتىن، داۋامى ئىشلەنمىگەن.
ئاۋستىرالىيە- ئىرەمباغقا قايتىش
سىتىۋېن بىر باينىڭ قىزى بولۇپ، دادىسى قازا قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن بايلىق ۋە بىر قورۇققا ۋارىسلىق قىلىدۇ. سىتىۋېننىڭ چىرايى گەرچە ئاددەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قوغلاشقۇچىلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. بىر قېتىملىق پۇرسەتتە، ئۇ تىننىس توپ ماھىرى جەك بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ ھەم توي قىلىدۇ. كۈتمىگەن يەردىن ئۇنىڭ ئىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى جۇلى بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بىر قېتىملىق قېيىق سەيلىسىدە، جېك بىلەن جۇلى تىل بىرىكتۈرۈپ، سىتىۋېننى تىمساھنىڭ ئېغىزىغا ئىتىرىدۇ. سىتىۋېن ئۆلمەي قۇتۇلۇپ قالىدۇ، ھەمدە كېيىن ھۆسن تۈزىتىپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ، مودېللىق سالاھىيىتى بىلەن بۇرۇنقى ئېرىنى ئازدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن نارازى بولغان جۇلى جېكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. سىتىۋېن ھۆسىن تۈزەش دوختۇرى بىلەن توي قىلىدۇ. …..
بۇ بەلكىم 90-يىللاردا بىز كۆرگەن ئەڭ قاباھەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولسا كېرەك.
ئەنگىلىيە ـ سپاتىز تېز تاماقخانىسى
بۇ كومىدىيەنى ئەنگىلىيە تايمىس تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىشلىگەن بولۇپ، 1990-يىلى 2-ئايدىن 1992-يىلى 4-ئايغىچە قويۇلغان. بۇ فىلىمدە لوندوندىكى بىر مەلۇم سودا ساراينىڭ ئىچىدىكى تېز تاماقخانىدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بالىلارنىڭ كۆرۈشىگىمۇ ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
بۇ فىلىمدىكى ھازازۇل چىراي خوجايىن كەرىن، يۇۋاشلا تۇرىدىغان سىرتلان، ئازراق گومۇش تۇيغۇ بېرىدىغان ستەنلى… ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟
مېكسىكا ـــــ تۆھمەت
لىدىيە سانتانا ناھايىتى باي، ئۆزىدىن چوڭراق بولغان داۋىدقا ياتلىق بولغان، ئۇلارنىڭ تونى ئسىملىك بىر ئوغلى بار. لىدىيەنىڭ تۇرمۇشى قارىماققا بەختلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما داۋىدنىڭ سوغۇق ۋە جىمغۇر مىجەزى لىدىيەنى پەقەتلا خۇشال قىلالمايدۇ. ۋىكتور ئاندىرۇ لىدىيەنىڭ ياش ۋاقتىدىكى يۈرگىنى بولۇپ، ئۇلار بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا ھەر ئىككىيلەن شۇنچە يىل ئۆتكەن بولسمۇ، ئەمما بىر-بىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر ئايال ساندىرا موكادۇ قىستۇرۇلغان بولۇپ، شاللاق ۋە رەزىل ساندىرا ۋىكتورغا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. …..
لىدىيەنىڭ رولىنى ئالغان سۇساننا دوسمادوس 1948-يىلى مېكسىكىدا تۇغۇلغان، سۇساننا يۇقىرىقى تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارغا تونۇلغان. كىنوچىلىق ھاياتىدا ئۇ 50 دىن ئارتۇق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسلىمە، بالىلىق، تېلىۋېزىيە، فىلىم، كلاسسىك، كىنو
- يازمــا مەنبەســى: خەلق تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 36,956 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 1990s-classic-drama.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىشىنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ھاراقتىن كېيىنكى ماشىنا ھەيدەشكە قارشى ئىشلەنگەن ئېلان
- كېيىنكى يازما > [ئۇيغۇرچە خەتلىك] ھۆكۈمران ئۈزۈك قىسسىلىرىنىڭ بىرى – خوببېتلار2: دەشتى سىماگ تۇنجى تەشۋىقات فىلىمى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
دېۋان دېگەننى قۇرۇق تۇرمامدۇ مانا، ئولتادىم ئەمىسە، تۈزۈت قىلماي…
پەگادا ئولتۇسا راھەتكەن
ئىرەمباغقا قايتىش دىگەن كىنۇنى كۆرگەندەك قىلىمەن .. لېكىن ئۇ فىلىم ھىندىستانىڭكىدەك قىلاتتى …قالغان فىلىملارنى ئاڭلىغان لىكىن كۆرمەپتىكەنمەن .. ئۇ ۋاقىتلاردا بەك كىچىك ئوخشايمەن ..
ئېرەمباغقا قايتىش دىگىنى ھىندىستاننىڭ ئەمەس، لېكىن ھىندىستاننىڭمۇ دەل ئاشۇ مەزمۇندا ئىشلەنگەن بىر كىنوسى بار. ساندى ، ئاردى دەپ ئىسىمدا چىقىدىغان. سىز دىگىنىڭىز شۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش.
ياش ۋاقتىمىز شاش ۋاقتىمىزكەن گەرچە شۇ چاغلاردىمۇ قىرىقتىن ئاشقان بولساقمۇ، قارا تىزىملىكىتى كىشىلەرنى تولۇق كۆرەپ چىقىپ تاس قاغان قارا تىزىملىككە چىرىپ قاغىلى.
ئوسمان بىتتى دىمونتىس دىيوگا خانىم،باخشۇ تاپانچاڭنى تاپشۇ….ئىسىل كىنولاردە
ۋاي ۋاي ۋاي .،.مۇشۇ تورخۇمار ئىسىلدە لىكىن .،مەن ئاۋۇ فانتاگىرو دىگەن كىنونى ئىزدەۋاتقىلى نى زامان .،.ئىسىمدە قېلىشچە ئۇ كىنودا بىر غاز گەپ قىلىپ ئۇ قىزغا ياردەم بېرەتتى .،.رەھمەت جۇمۇ ئەزىزلە .،.
مىنىڭ ئاشۇ فانتاگىرودىن باشقا ھەممە كىنو ئىسىمدە باكەن.
ئۇيغۇر باللانىڭ 5-باشقارما ھەرىكەتتە نىڭ فىلىم مۇقەددىمىسىنى دوراپ ئىشلىگەن بىر سىن باتتى. خېلى ئوخشىتىپ قويۇپتىكەنتۇق كاساپەتلەر.
فىلىمنىى ئۈرۈمچى چوڭ بازاردا سىنغا ئاپتىكەنتۇق.
شۇ ۋاقىتلاردا ئېرەمباغقا قايتىش دىگەن كىنودىكى بەزى كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن بەتقېلىق ھېسابلىناتتى.
ھازىرلاردا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتەرەك كۆرۈنۈشلەرمۇ ئادەتتىكىدەكلا بىر ئىش ھېسابلىنىدىغان بوپقالدى.
قارىغاندا جاھان « تەرەققى » قىلغان چېغى ……
پاقىنى سۆيگەندىن كېيىن فانتاگىرو ئەسلىگە قايتىدۇ…
توۋۋا خۇدايىم، شۇ چاغلاردا كىنو كۆرسەك كىنونىڭ ئىچىگە كاللا- پاقالچاقلا بىلەنلا كىرىپ كىتىدىغانمۇ ئوخشايدىكەنمىز.
تۆھمەت دىگەن فىلىمنى كۆرگەندە تۆھمەتكە ئۇچرىغۇچىغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىغان مىنىڭ. شۇ تۇيغۇلار ھېلىھەم ئېسىمدە.
ئاۋۇ ئوڭۇشسىزلىق دىگەن كىنونىڭ فىلىم ناخشىسى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ سىنىپتا بىر قىز ساۋاقدىشىمىز ھەجەپمۇ ئامراقتى ئاشۇ ناخشىغا ، شۇڭلاشقىمۇ بەك ئوخشىتىپ ئېيتاتتى. شۇڭا بىرە پائالىيەت بولسىلا ئېيتىپ بىرەتتى.
بىر بىرىمىزنى دول، بودى دىيىشىپ……
باخشۇنى دورۇشۇپ……
ياسىن گالېڭگىىىىىىىىى…… ياسېېېېېن گالېڭگى ……
يەنە مىراسخورنى رادىيودا درامما قىلىپ بەرسە كۈزلىكى قوناق ئاقلىغاچ ئاڭلاپ كەتكىنىمىز ئىچ ئىچىمىزدىن دىققەت بىلەن……
……
مىراسخورنىڭ ۋەقەلىكىنى كىنوسىنى كۆرگەندە تۈزۈكمۇ چۈشەنمەپتىكەنمە. ئاشۇ رادىيودا ئاڭلاپ ھەممەۋەقەلىكى يادا بوپمۇ كەتكەنتى ……
ھە راس ……
چالا قاپتۇ،
ئىزورا دېدەك،
پولوغا زىدەك ……
ۋۇ ھا ھا ھا ۋۇ ھا ھا ھا …………………………
ۋاي خۇدايىم، مىنىڭ ئىنكاسىمغا كۆمۈلۈپلا قالدىغۇ ماۋۇ يازما.
بىر ئوبدان، ساپساقلا بالىتتىم، ئوڭشىلىپ كىتەمەن ……!
ئاۋۇ فانتاگرونىڭكىدە ھېكايە سۆزلەپ ساقىلى 5000 كلومېتىر ئۇزۇراپ كېتىدىغان بىر بوۋاي باتى. ئىشقىپ چېچى بەك ئېسىمدە قاپتىكەن
مەن فانتاگىرونىڭ كېنوسىنى ئىزدەۋەتقان ،كىىنو ئىسمىنى ئەمدى بىلدىم. خەنچە نىمە دەيىغاندۇ ؟
«ژىگو»نىڭ كۈرۈش ئادرىسى بارمۇ باللا،توردىن ئىزلىسەم ئاران يېرىم سائەتلىكلا كۈرۈنىشى باركەن
بۇ كىنولار نېرمۇ بېر خېيالىمدىن كەچتى دىسە رەسىملەگە قاراپ…
بۇ كىنولارنىڭ ھەممىسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، قايتا كۆرسەم دەيمەن!
بۇ كىنۇ لار راست بەك ياغشى
بۇنىڭ مەنبەسىنىڭ خەلق تورى ھىكەنلىكىنى يازماپسىزغۇ
يازمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن يازما ئۇچۇرلىرى رايونىغا قاراڭ. ئادەتتە شۇ يەردە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويىدۇ
بەك ياخشى فىلىملەر ئىدى بۇ بولسا بۇ فىلىملەرنىڭ كۈرۈش ئادىرسىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى خىچ بولمىسا خەنچە ئىسمىنى دەپ بەرسەڭلارمۇ بولاتتى
قۇتياردا كۆپ قىسىملىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.http://qutyar.net/mb/forum.php
ياپونىيەنىڭكىنى ۋەھشىي كۆرۈپ قوياتتۇققۇ…ۋاپادار ئايال، ھېلىقى شىمازاكىنىڭ،…يەنە بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى باتتى، ئىسمىنى يادىمغا ئالالمىدىم…يەنە ھېلىقى دۇچۇچۇ، يەنە ھېلىقى پۇشتەكنىڭ…رازۋېدكا فىلىملىرى بەك كۆپ قويۇلاتتى، دېرىك، مەكىس چىقىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى،«جەننەتنىڭ قەھرى»نى كۆرمىدىم دېمەڭلار، ئاندىن بىر ئاجايىپ ماشىنىسى بار بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بار،霹雳游侠دەپ تۇرىدۇ خەنچىسى،يەنە ھەيدى، خاسىيەتلىك ئادەم، چاپلىن… روسىيەنىڭكىچۇ بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت، ئىشخانىدىكى ئىشلار، تەقدىرنىڭ چاقچىقى، گېرمانىيەنىڭمۇ ئېسىمدە يوق، رەھىمسىز فىرونت، يەنە بويى مانچىلىك، مانچە سانتىمېتىر تارتۇقى بار دەپلا باشلىنىدىغان بىر كىنو بار، ئەنگىلىيەنىڭ فائۇتى سارىيى، ھولمىس، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە تەرجىمە قىلغان بولۇمسىز يىگىت، سىنگاپورنىڭكىنىمۇ كۆرۈپ قوياتتۇق، «تۈرمىدىكى غەزەپ»، «ئالماس بىلەن ئۆتكەن ھايات»دېگەندەك، شىياڭگاڭنىڭمۇ باتتى خېلى قىمارۋاز شىجىكاڭ…،ئۇيغۇرلارنىڭ «تۈرمىدىن قېچىش»قۇلاق تۈۋۈمدە ھاي مەن يەنە قاچىمەن دېگەن ئاۋاز جاراڭلاپلا تۇرىدۇ،شادىمان بالىلار دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىچۇ، «كۆۋرۈك» دەپ بىر بالىلار كىنوسى باتتىغۇ، ئۇف، بولدىلا ئارام ئالايچۇ، بولمىسا تۈگىمەيدىغاندەك قىلىدۇ…
ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز
ۋاھ ۋاھ نۇچى كىنولاتتى بودى دول دەپ چاقىرشاتتۇق
ھازىر ئاۋاز ئېلىش ئۈيى بولسا مىككى ئادەم تەرجىمە قىلۋېتىدىغان بوپكەتتى ،
بۇرۇن ھەممە نەرسە راستكەن ،مانا ھازىر كىنولارياخشى ئىشلەنسىمۇ ئاشۇ ئاۋاز بىرىش ياخشى چىقماي نۇرغۇن كىنولار كۆملۈپ كىتىپ باردۇ ،شۇڭىمۇ ئۆزتەگ كۆردىغان بوپقالدىم يېقىندىن بۇيان
يەنىلا شۇ كىنو نىڭ پارىڭى. باشقا ىىش يوقتەك。
سپاتىز تېز تاماقخانىسىنى ۋەششى كۆرۈپ قوياتتىم
تەرجىمە بۆلۇملىرىنىڭ سىياسى ۋەزىپىسى تۈپەيلى بۇنداق نادىر فىلىملەر تەرجىمە قىلىنمايدىغان بولۇپ قالدى.
ھەر نىمە دىگەن بىلەن كونا كىنولار كۆپ ياخشى
ياسسانچۇق ئېسىلزادىلەر …تىمساق پاجىئەسى…
ناھايىتى ئېسىل كىنولار ئىدى. قىزىل ئەتتۈر گۈل غارى. يەنە سانتاگرو دىگەن كىنونى قايسى توردىن كۆرگىلى بولار