[ئۇيغۇرچە خەتلىك] ھۆكۈمران ئۈزۈك قىسسىلىرىنىڭ بىرى – خوببېتلار2: دەشتى سىماگ تۇنجى تەشۋىقات فىلىمى
ئالدىنقى يىلىدىكى ئەڭ كاتتا كىنونىڭ بىرى شۈبھىسىزكى «خوببېتلار: كۈتۈلمىگەن سەپەر» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمران ئۈزۈك قىسسىلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بۇ فىلىم قويۇلۇش بىلەن دۇنيادىكى نەچچە مىليون ھۆكۈمران ئۈزۈك مەستانىسىنىڭ كۈچلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
يېقىندا، مەزكۇر يۈرۈشلۈك فىلىملەرنىڭ 2-بۆلۈمى بولغان «خوببېتلار2: دەشتى سىماگ»نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئالدىنقى بۆلۈم بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بىزگە تونۇش چىرايلاردىن يەنە، مۆھرىزات شاھزادىسى(精灵王子) لېگولاستىن باشقا يەنە يېڭى ئىككى پېرسوناژ، يەنى لېگولاسنىڭ ئاتىسى Thranduil(خوببېتلار: كۈتۈلمىگەن سەپەردە كانچى پاپىلارنى قۇتقۇزماي قول قوشتۇرۇپ تۇرغان مۆھرىزات) ۋە Lost تىكى بىزگە تونۇشلۇق داڭلىق ئارتېست Lily ئالغان مۆھرىزاتلار قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى Tauriel مۇ مەزكۇر بۆلۈمدىكى مۇھىم پېرسوناژلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خوببېتلار2: دەشتى سىماگ تۇنجى تەشۋىقات فىلىمى:
فىلىمنىڭ ئاخىرىدىكى ئەجدىھا سماگ(Smaug) ئالدىنقى بۆلۈمنىڭ ئەڭ كەينىدە كۆزىنى ئاچقان ئوت پۈركۈيدىغان ئەجدىھا شۇ بولۇپ، مەزكۇر بۆلۈمدە كانچى پاپىلارنىڭ مۆھرىزاتلارنىڭ ياردىمىدە قانداق قىلىپ بۇ ئەجدىھانى مەغلۇب قىلىپ ئۆزىگە تەۋە بايلىقنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. خوببېتلار2: دەشتى سىماگ 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، دۆلىتىمىزگە بەلكىم 2014-يىلى 2-ئايلاردا كىرىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فانتازىيە، فىلىم، فىلىم ئۇچۇرى، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,252 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-hobbit-the-desolation-of-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولغان، 90-يىللاردا بىز كۆرگەن ئەشۇ كلاسسىك كىنو-فىلىملەر
- كېيىنكى يازما > سىرلىق سۇ ئاۋازى تەجرىبىسى، سۇ ئېقىمىنىڭ شەكلىنى قولدا تەڭشىگىلى بولىدۇ دەمدۇ نېمە ماۋۇ؟!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
پوھھو! ما كىنونى دىۋاندا ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە تەشنا ئىدىم مەن!
«دەشتى سىمائۇگ» ۋەھشىي قىززىيدىغاندەك قىلىدۇ، ئەمما لېكىن چىقىپ بولغۇچە تاقىتىم تاق بولىدىغان بولدى دە…
Lily نىڭ يىڭى ئوبىرازىنى ياقتۇردۇم.
تاقەت قىلىپ ساقلىماقتىن ئۆزگە نە چارە……
ھەي قاچانغىچە ساقلاپ ئولتۇرارمەن ئەمدى…
ھېلىمۇ باشتىن نەچچە كۆرۈپ بولدۇم بۇرۇنكى تۆت قىسىم كىنونى…
چىققۇچە يانا توختىماي كۆرسەڭلار بۇ يەرلەردىمۇ قويۇلۇپ قالار . ئۇزۇك شاھىنىڭ ئالۋاستى مەستانىسى باركەن دەپ
لېگولاس ئون يىل بۇرۇنقىدەك ئۆزگەرمەي شۇ پېتى ياپ ياشلا چىقىپتىغۇ بۇنىڭغا .،،.
تورخۇماردىمۇ سۇزۇك نۇسخىدىكى تەرجىمە فىلىم كورسەك ياخشى بۇلاتتى
ئىلگىركى قىسىملىرىنىڭ سۈزۈك نۇسقىسى بولسا كۆرسەك بولىتى
بەك ياخشي كىنو دە بۇ
بەك ياخشي كىنو دە بۇ
مېنىڭچە بۇ بۆلۈممۇ 3 قىسىم چىقىدىغۇ دەيمەن !
مۆھرىزات دىگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتسەڭلار
تېزراق چىقسا بولاتتىي
تەدبىركار ئەپەندى ئاۋۇ خەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق ئالىدۇ؟
ھەممىسى ass تا ئىشلىگەن ئۈنۈملەر، توردىن ass 特效 توغرىلىق ماتېرىيال كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
بەك ياخشى چىقىپتۇ
يۇنىكودنى قوللايدىغان خەت تەھرىرلەش، ئۈنۈم قوشۇش دىتالىدىن بىرەرنى تەۋسىيە قىلۋەتكەن بولسىڭىز.
ھەقىقەتەن ئېسىل كېىنو بۇ! مەن كېچە-كېچىلەپ كۆرگەن!