نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

«تۆمۈر پالۋان3» فىلىمىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنىڭ ئىشلىنىش تەپسىلاتى – بىر ياخشى كىنو قانداق سۈرەتكە ئېلىنىدۇ؟

«تۆمۈر پالۋان3» فىلىمىنىڭ كۆپ قىسمى North Carolina(شىمالى كارولىنا شىتاتى)دا سۈرەتكە ئېلىنغان. ئۇنىڭ باشقا سۈرەتكە ئېلىش ئورۇنلىرىدىن يەنە Florida(فلورىدا شىتاتى)، Los Angeles(لوس-ئانژېلىس) ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقى بار. ئوپېراتور John Toll ئىشلەتكەن كىنوكامېراسى ARRI Alexa. كىرىشتۈرۈلۈش قىسمىدىكى 2D دىن 3D غا ئالماشتۇرۇش جەريانىغا StereoD مەسئۇل بولغان…

ironman3-vfx

جەمئىي 17 شىركەت ئالاھىدە ئۈنۈم ياساشقا قاتناشقان بولۇپ بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: Weta Digital , Digital Domain , Scanline , Trixter , Framestore , Luma Pictures , Fuel vfx , Cantina Creative , Cinesite , The Embassy , Lola , Capital T , Prologue ۋە Rise FX قاتارلىقلار. ئالاھىدە ئۈنۈم باش نازارەتچىسى Chris Townsend بۇ 17 شىركەت ئارىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە، شۇنداقلا پۈتكۈل ئالاھىدە ئۈنۈملەرنىڭ ياسىلىش جەريانىغا مەسئۇل بولغان.

ئىش تەقسىماتى

كىرىشتۈرۈلۈش ۋاقتى قىسقا بولغاچ، باش پېرسوناژنىڭ تۆمۈر كىيمى: مارك42(hero suit: MK 42) نىڭ ئۈنۈملىرىنى چوقۇم نەچچە شىركەت بىرلا ۋاقىتتا ياسىشى كېرەك. Digital Domain مارك 42 نىڭ پۈتۈن گەۋدە لايىھەسىگە مەسئۇل بولغان. ئەمما، بۇ 6~7 شىركەتمۇ چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا مارك 42 نىڭ مودىلىنى ياساپ چىقىشى كېرەك، بۇ شىركەتلەر تەمىنلەنگەن سۈرەتلەرگە ئاساسەن ئۆز نەشىرىدىكى مودېلنى ياساپ قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە داۋاملىق ياساپ ماڭىدۇ. ئوخشىمىغان شىركەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە، OBJ ئارخىپلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا تايىنىدىغان گەپ، مەسىلەن ئىشلەتكەن ماتېرىيال ھەمدە ئورۇنداش ئۇسلۇبى قاتارلىقلار.

پۇتى قايرىلىپ كېتىش

روبېرت داۋنېي كىنو سۈرەتكە ئېلىنىش جەريانىدا پۇتىنى قايرىۋالغان، بۇ جەرياندا تەخمىنەن 6 ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان. بۇ چاغدا كۆپچىلىكنى قۇتۇلدۇرالايدىغىنى ئەلۋەتتە ئالاھىدە ئۈنۈم ئىدى، face replacement(چىراي ئالماشتۇرۇش) ۋە body doubles(ساختا كارتون ئادەم) دەل مۇشۇ چاغدا ئەسقاتقان. ئەڭ ئاخىرقى روبېرت داۋنېيىڭ دېڭىز بويىدىكى كۆرۈنۈشلىرى دەل ساختا كارتون ئادەمگە تايىنىپ تاماملانغان. سۈرەتكە ئېلىنىش جەريانىدا ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن بولغاچ، شۇڭا قۇرۇق مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋېلىش، چىراغ نۇرى يىغىش، كارتىنا ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلار ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

تۆمۈر كىيىم

im4

كومىك كۆرگەزمىسى(Comic-Con) دىكى تەشۋىقاتقا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن، تۆمۈر كىيىم گۇرۇپپىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى چوقۇم 10 ئاي بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك. بۇ بۆلەكتىكى ئالاھىدە ئۈنۈملەرگە Trixter مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار 2012-يىلى 5-ئايدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغان، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا بولسا چوقۇم فىلىمنى تاپشۇرۇش كېرەك ئىدى. Third Floor پۈتكۈل previs(تەقلىدي كارتون)نى لايىھەلەشكە مەسئۇل بولغان، Trixter بولسا تۆمۈر كىيىمنىڭ زاپچاسلىرىنى لايىھلەش، lookdev(نۇر بەرگەندىن كېيىنكى ماتېرىيالنىڭ كۆرۈنۈشى)، ھەمدە شۇنىڭدەك ئەڭ ئاخىرقى بىرىكتۈرۈش قىسىملىرىغا مەسئۇل بولغان. Trixter ئالاھىدە ئۈنۈم باش نازارەتچىسى Alessandro Cioffi مۇنداق دەيدۇ: بەزى چاغلار ئاجايىپ قىززىق، بەزى خىزمەتداشلار زاپچاسلارنىڭ ئاشخانىدىكى بۇيۇملارغا ياكى كافىي ماشىنىسىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى دېيىشىدۇ، ئاندىن بىز قايتىدىن لايىھەلەشكە كىرىشىمىز ۋە بۇ زاپچاسلارنى قارىماققا تېخىمۇ ئاقسا، تېخىمۇ ئىقتىدارى كۈچلۈك قىلىپ لايىھەلەشكە تىرىشىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا، بىز جەمئىي 24 دانە زاپچاس ياساپ چىقتۇق.

بۇ بىر مەيدان كۆرۈنۈش(تۆمۈر كىيىم ئۇچۇپ كېلىدىغاننى دەمدىكى؟)نى سۈرەتكە ئېلىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق شۇكى، زاپچاسلار بىرىكىپ تۆمۈر كىيىمگە ئايلىنىش جەريانىدا، روبېرت داۋنېينىڭ ئۇچىسىدا ئۆزىنىڭ كىيىمى بار، ئۇنىڭغا ئەنئەنىۋى Mocap tracksuit(ھەرىكەت تۇتۇش ئۈچۈن ئورۇن بەلگىلەيدىغان كىيىم) كەيگۈزۈشكە ئامالسىز، شۇڭا Trixter ئەترىتى ئامالسىز ئۇنىڭ بەدىنىگە ئورۇن بەلگىلىگۈچ ئورناتقان ھەمدە شۇ بەلگىلەرگە ئاساسەن ھەرىكەت تۇتقان. Trixter ئەترىتىدە پەقەت 70 ئادەم بولۇپ، ئانچە كۆپ دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇلار Maya ۋە RenderMan ئارقىلىق ئۈنۈم ياسايدۇ، ئەمما نۇر بەرگەندە Katana غا ئالماشتۇرىدۇ. Katana بۇ قېتىمقى ئالاھىدە ئۈنۈم ياساشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئامىلنىڭ بىرى.

بوشلۇقتىن چۈشۈپ كېتىش

im5

سۈرەتكە ئېلىنىش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا، ئالاھىدە ئۈنۈم باش نازارەتچىسى Chris Townsend ۋە ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى رېژىسور Brian Smrzs بۇ كۆرۈنۈشكە ھەقىقىي ئارتېست ۋە ھەقىقىي سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى قارار قىلغان. Digital Domain نىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم باش نازارەتچىسى Erik Nash مۇنداق دەيدۇ: يېشىل تەگلىكتە بوشلۇقتىن چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغاندا، ئادەتتە ئۈنۈمى ھەمىشە ئانچە ياخشى چىقمايدۇ، چۈنكى تاماشىبىنلار ھەممىسى بوشلۇقتىن چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. بۇ مەيدان كۆرۈنۈشتىكى ئارتېستلار ۋە ئوپېراتور، Red Bull پاراشوتتىن سەكرەش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار 20 كىشىلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، 13000 فۇت(تەخمىنەن 4000 مېتىر) ئېگىزلىكتىن سەكرىگەن.

Digital Domain ئارتېستلاردىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى كارتونغا ئايلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغان، 20 كىشىلىك ئايروپىلاننى ھاۋا ئارمىيەسى 1-نومۇرغا، ئاستىدىكى شىمالى كارولىنا شىتاتىدىكى مەيداننى فلورىدا شىتاتىدىكى مەيدانغا ئالماشتۇرغان ھەمدە ئازراق بۇلۇت ۋە ئاسمان قوشقان، شۇ ئارقىلىق ئارتېستلارنى 30000 فۇت كېلىدىغان جايدىن سەكرىگەندەك ھالەتكە ئەكەلگەن. Erik Nash مۇنداق دەيدۇ: بۇ مەن قىلغان ئەڭ تەس خىزمەتلەرنىڭ بىرى، ئادەم بوشلۇقتىن چۈشۈپ كەتكەندە، كىيىملىرى قالايمىقان لەپىلدەشكە، چاچلىرى قالايمىقان ئۇچۇشقا باشلايدۇ. ئۇزۇن چاچلىق قىز سائىتىگە 120 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن چۈشۈشكە باشلىغاندا، قالايمىقان لەپىلدەش دەرىجىسىنى قاراپ بىلگىلى بولىدۇ. بارلىق ئارتېستلارنىڭ بەدەن شەكلى، كىيمى، باش قىسمى ھەممىسى 4DMax ئارقىلىق سكەننېرلەنگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق ساختا كارتون ئادەم(بۇ شىركەت يەنە فىلىمدىكى بارلىق LIDAR، سىكەننېرلەش، ساختا كارتون ياساش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان) ياساشقا قولايلىق يارىتىلغان.

لاۋا(ماگما)

im6

Extremis (فىلىمدىكى ھالاكەتلىك ۋىرۇس) لاۋىسى بەدەننىڭ ئىچىدە ئېقىۋاتقان ئالاھىدە ئۈنۈمگە Framestore مەسئۇل بولغان، Framestore نىڭ ئالاھىدە ئۈنۈم باش نازارەتچىسى Mark Bakowski مۇنداق دەيدۇ: بىز ياسىماقچى بولغان ئالاھىدە ئۈنۈم، ھەرگىزمۇ تېرىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى ئالاھىدە ئۈنۈم ئەمەس، بەلكى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىن سىرتقى قىسمىغا بولغان ئالاھىدە ئۈنۈم. شۇڭلاشقا چوقۇم، سۆڭەك، مۇسكۇل، قان تومۇر قاتارلىقلارنىڭ مودىلىنى تۇرغۇزۇش كېرەك، مودېل ۋە ھەقىقىي سۈرەتكە ئېلىنغان ئوبراز ئوتتۇرىسىدىكى matchmoving مۇ ئىنتايىن مۇھىم. تېرە ۋە قان تومۇر ئارىسىدىكى ئارىلىقمۇ، تاكى نۇر بەرگەندە ئەڭ ياخشى كۆرۈنىدىغان ئارىلىقنى تاپقۇچە نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلگەن.

دېڭىز پورتى قۇرۇپ چىقىش

im7

Weta Digital پۈتكۈل دېڭىز پورتىنى قۇرۇپ چىققان، بۇلار، ۋىرۇسلانغان دۈشمەنلەر، مال ساندۇقى، مەيداندىكى dressing(كىچىك بۇيۇملارنىڭ زىننەتلىنىشى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئۇلار قانداق قىلغاندا ئارىفېمتىكىلىق دىئاگرامما ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغان.

ھەقىقىي تۆمۈر كىيىم

سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا، ئارتېستلار بەزىدە Legacy Effects ياساپ چىققان ھەقىقىي تۆمۈر كىيىمنى كىيىدۇ. Mark 42 ۋە تۆمۈر ۋەتەنپەرۋەر ھەر ئىككىسىنىڭ ھەقىقىي ياسالغان نۇسخىسى بار. گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا، ھەقىقىي تۆمۈر كىيىم كارتون تۆمۈر كىيىمگە ئالماشتۇرىۋېتىلسىمۇ، ئەمما سۈرەتكە ئېلىنغاندا، كىيىمنىڭ نىسبىتى، نۇرنىڭ كىيىمگە چۈشكەندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالىدۇ. ھەقىقىي تۆمۈر كىيىممۇ ئارتېستلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئورۇنداش ماھارىتى توغرا ۋە ھەقىقىي چىقىدۇ.

35 يۈرۈش تۆمۈر كىيىم

Marvel نىڭ گۈزەلسەنئەت بۆلۈمى ئوخشاش بولمىغان نەشىردىكى تۆمۈر كىيىمنىڭ لايىھە رەسىمى(ئالدى ۋە كەينىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى سىزىپ چىققان. Digital Domain بۇ سۈرەتلەرنى ئىشلىتىپ 14 دانە نەپىسلىكى يۇقىرى، چىراق نۇرى تەڭشىكى ۋە ماتېرىيال سۈپىتى قاتارلىقنىڭ ئۆز ئىچىگە 3D مودېلنى قۇرۇپ چىققان. رەسىمنى مودېلغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق شۇكى، مودېلنى نورمال يۈرۈشتۈرۈش(قولىنى ئېگەلەيدىغان، پۇتىنى كۆتۈرەلەيدىغان) كېرەك، شۇڭا، نۇرغۇن مودېللارنىڭ نىسبىتى ۋە زاپچاسلىرىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ 14 تال مودېل Weta Digital غا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئۇلار بۇ 14 تال مودېلنى كېڭەيتىپ 35 دانە نەپىسلىكى يۇقىرى بولغان تۆمۈر كىيىمگە ئايلاندۇرۇپ ياسايدۇ. ئەسلىدە پەقەت 14 دانە يۇقىرى نەپىسلىكتىكى مودېل ياساش پلانلانغان بولۇپ، ئارقا تەگلىككە تۆۋەن ئېنىقلىقتىكى ماتېرىيال ئىشلىتىلسىلا بولاتتى، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا 35 تالنىڭ ھەممىسىنى hero suit(باش رولچى نەشىرى/يۇقىرى نەپىسلىكتىكى نۇسخا)قا ئايلاندۇرۇپ ياساش قارار قىلىنغان.

داچا پارتىلىتىلغان كۆرۈنۈشنىڭ كارتون كوپىيەسى

بۇ مەيدانغا مەسئۇل بولغىنى Scanline، ئالدىنقى بىر قانچە قىسىمغا ئوخشاش، داچىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەممىسى كارتون شەكلىدە ياسالغان. داچا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چاغدا، بىۋاستە دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىش ئۈچۈن، ئۇلار تىك يارنى قايتىدىن ياساپ چىققان. ئىچىدىكى كۆرۈنۈشلەر، داچا يېرىلىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن جايلار، گىدراۋلىك ماشىنا(hydraulics) ۋە ئەمەلىي سۈرەتكە ئېلىنغان پارچە جىسىملار، تۈتەك، ئوق ئىزى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ياسالغان. Scanline يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە ئۈنۈمدە بىر تەرەپ قىلىنغان جىسىم پارچىلىرى ۋە تۆمۈر پالۋاننىڭ ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلارنى قوشقان. داچا يېرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاستى قىسىمدىكى دېڭىز سۈيى ۋە تۈتەك Flowline ئارقىلىق ياسالغان.

«تۆمۈر پالۋان3» تىكى ئايرىدروم ئالاھىدە ئۈنۈم لايىھەسى

«تۆمۈر پالۋان3» تىكى بوشلۇقتا ئادەم قۇتقۇزۇش ئالاھىدە ئۈنۈم لايىھەسى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. rock 2013.06.06 , 10:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشەنگەنلەر مازكەن نى بېسىڭلا.

  2. موللاخۇن 2013.06.06 , 10:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي بۇ كىنونىڭ 3دىسنى بىر كۆرگۈۈم بارتى كۈرەلمەي قالدىمدە ، بولسا بۇ كىنونىڭ 1080لىق نۇسخسى ئېلان قىلىنسا تورخۇمارغا يوللاپ قويساڭلار، يەنە 速度与激情6نىمۇ قۇشۇپ :grin::idea:

  3. alim047 2013.06.06 , 10:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنو دېگەن كۆڭۈل ئىچىش تىپىدىكى نەرسە شۇڭا بەك بىرىلىپ بىشى قانداقتۇ ئاخىرى قانداق بولا دەپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق

  4. خام قەغەز 2013.06.06 , 12:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۆلىتىمىزدىكى فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسورلاردىن ئاغرىنمىساممۇ بولغۇدەك،بۇنداق كىنو ئىشلەشكە پۈتۈنلەي كاللا كېتىدىكەن ئەمەسمۇ.

  5. ئارىئان 2013.06.06 , 12:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق قىلىپ رىۋايەتتىكى تۆمۈ ئادەمنىڭ كىنوسى مۇشۇ بۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقان بولدى دە .،.ئىشقىلىپ بۇ بۈلىمى ھەقىقەتەن پەيزى ئىشلەنگەن .،.

    • شامال 2013.06.07 , 12:44

      بۇ كىنونى ئەمدى ئاخىرلاشتى دەپ سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن. ئاۋۇ كىنو ئاخىرىدىكى ئىككى جوڭگولۇق داڭلىق ئارتىست ئۆزىنىڭ «كارامىتى»نى تېخى كۆرسەتمىگەندۇ؟! شۇڭا يەنە «جۇڭگو ئامىلى» دىن بىرە – ئىككىنى قوشاپ كىيىنكى بۆلۈمىنى ئىشلەپ قالارمىكى….:neutral::neutral:

  6. كۆك كەپتەر 2013.06.06 , 12:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ تۆمۈر پالۋان3نىڭ 1280غۇ دەيمەن.
    http://pan.baidu.com/share/link?shareid=475067&uk=4043478781&from=personalrec

  7. ئۇيغۇرباي 2013.06.06 , 21:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داۋاملىق مۇشۇندا خەۋەرنى كۆرۈپلا بىرخىل بولۇپ قالىمەن دىسە !!
    شۇندا ئىشتاھا بىلەن كىنو كۆرۈۋىتىپ نۇرغۇن يەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئويلىساملا …ھەي ، گىلىمدى غىزا ئۆتمەي ، كۆزۈمگە ئاشۇ كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنمەيلا قالىدۇ …:arrow:

  8. مەنسۇر 2013.06.06 , 21:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدۇ-دە ئەمما؛ « تۆمۈ پالۋان 3» بىلەن بۇ كىنونى ئاخىرلاشتۇغىنى بىلەن ھەقچان ئەتە-ئۆگۈن ئىشلەيدىغان كىنو تاپالمىسا « تۆمۈ پالۋان»نىڭ ئوغلى «چۆيۇن پالۋان 1» دەپ بىر كىنونى باشلايدۇ، خۇددى «دۆمۈچۈك پالۋان»نى قايتا ئىشلىگەندەكلا.

    • كۆك كەپتەر 2013.06.06 , 23:01

      Marvelنىڭ تېخى بۇ تۈردىكى كىنولىرى ئىشلىگىلى قالمىغىدەك بولۇپ قالمىدى، Marvel ئىشلىگەن ھەر بىر كىنونى كۆرسىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا (كىنوغا قاتناشقانلار تىزىملىكىمۇ چىقىپ بولغاندىن كىيىن) كىيىن چىقماقچى بولغان فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار، مەسىلەن: «تۆمۈر پالۋان2»نىڭ ئاخىرىدا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»غا ئائىت كۆرۈنۈش بار ئىدى. «تۆمۈر پالۋان3» تە بولسا «تونى»غا ياردەم قىلغان ھىلىقى شۇمتەكنىڭ ئىلغار تەجىربىخانىسى بار بولدى، يەنە «تونى»نىڭ قىز دوستىمۇ ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولدى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا يەنە ئىككى كىنوغا خام ماتېريال بولىدۇ.

  9. ئەنىشتە 2013.06.07 , 11:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخنىكا دىگەنگە گەپ كەتمەيدۇ ھە….(ساختىلىقىنى ئۇقۇپ تۇرۇپ كۆرۈمىز)

  10. شامال 2013.06.07 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ « تۆمۈر پالۋان» نى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ ! بەزى مەزمۇنلىرى خېلى ئەھمىيىتى باردەك…
    :smile::cool:

  11. نۇر0997 2013.06.07 , 12:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆك كەپتەرنىڭ گىپى توغرىدەك قىلىدۇ بولمىسا

  12. 1-نومۇر 2013.06.07 , 14:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنو تېخى تۈگىمىگەندۇ؟ئەڭ ئاخىرىدىكى گىپىنى ئاڭلىمىغان ئوخشايسىلەر…

  13. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.06.07 , 16:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەپنىڭ قىسقىسى كىنو دىگەننىڭ ئىشلەنگەنلىرىنى كۆرسە بەك ماز ، ئەڭ ياخشىسى ، ئىشلىنىپ بولغىنىدىن ھۇزۇرلانغان ياخشى !! :shock:

    • مەنسۇر 2013.06.07 , 20:28

      «ئىشلەنگەن» كىنو بىلەن «ئىشلىنىپ بولغان» كىنو ئىككىسى بىر گەپقۇ؟ «ئىشلەنگەن» كىنو دىمەك، «ئىشىلىنىپ بولغان» كىنو دىمەكتۇر.

  14. don2 2013.06.07 , 21:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلى ئىشلىنىۋاتقان كىنو دىيىش كېرەك ،،،،،،،،،،،،، بۇ فانتازىيلىك كىنولار چۈشمىزدە كۈرۈپ بىز ئانداق خاسىيەتلىك مۇنداق خىسلەتلىك بۇپ كەتسەك دەيمىزيۇ ئەلۋەتتە قىلالمايمىز مۇشۇنداق نادىر كىنولاردا بولسىمۇ ئۆزىمىزنى خۇش قىلىدىكەنمىز كىنونىڭ ھەممىسى يالغان يالغاندەپ كىنو كۆرمىسەك بولماس بۇ ئەلۋەتتە دەۋىرنىڭ ئېھتىياجىدە:mrgreen: ۋاييەي قانداق فانتازىيە ئىشلىسە ئىشلىمەمدۇ ئۇلار بىردەم ئۆمچۈك، شەپەرەڭ، يېڭناغۇچ ،چېۋىن ، دىگەندەك پالۋانلارنى ئىشلەپ بىزدەك كىشلەرنى ئالداپ كىنولارغا قىززىقتۇردۇدە:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  15. تۇنجەر 2013.06.07 , 23:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخنىيكا دىگەن باردە بۇلادا ! مەنمۇ قاچان شۇنداق بۇلارمەن؟ (بىز)

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量