كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ windows7 ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
12كېيىنكى بەت
ئاخىرقى بەت (جەمئىي 2 بەت)
Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مىكروسوفتمۇ ئاخىرى IE 10 تور كۆرگۈسىنىڭ win7 /Win Server 2008 نۇسخىسىنى ئاخىرى ئاشكارىلىدى! گەرچە Win8 دىكى IE 10 دا مەخسۇس تاختا كومپيۇتېر لار ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان Metro كۆرۈنمە يۈز بولسىمۇ، ئەمما باشقا سىستېمىلار بىلەن سىغىشىپ خىزمەت قىلالايدىغىنى يەنىلا ئۈستەل يۈزى نەشىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. IE 10 تور كۆرگۈسى …..
تېخى يېقىندا « windows 7 نىڭ SP1 يامىقى» توغرىسىدا مەخسۇس يازما ئېلان قىلغان ئىدۇق، ياماق توپلاشتۇرۇلغان نەشىرى بولسا ئېنگلىزچە ئىدى. مانا ئەمدى MSDN تەرەپتىن SP1 ياماق توپلاشتۇرۇلغان ئەسلى ھەقىقى نەشىرىمۇ ئېلان قىلىندى! ناۋادا سىز Windows 7 نىڭ خەنچە نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ھەمدە ئەڭ يېڭى SP1 نەشىرىگە …..
ئالدىنقى يازمىمىزدا windows8 نى قاچىلاش ئۈچۈن كېتىدىغان تەييارلىقلارنى قالدۇرغان ئىدۇق. بىراق يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ماڭا E-Mail ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېگەننى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، بولسا بۇنىڭدىنمۇ ئاددى ۋە بىخەتەر بولغان، كومپيۇتېردا ئەسلىدە بار بولغان windows7 گە چېقىلمىغان ئاساستا Windows7/Windows8 قوش سېستىما ئورنىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى …..
XP نى تاشلاپ Windows7 گە كۆچىۋاتقان تور داشلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يېقىندىن بېرى ئى-خەتتە بىر قىسىم سوئاللارنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەسىلەن، windows7 نىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى قانداق تونۇتۇش، تورغا قانداق ئۇلاش دېگەندەك. دېمىسىمۇ، تۇنجى قېتىم Win7 بىلەن ئۇچراشقان ئادەم ئۈچۈن دەماللىققا تورغا ئۇلاش مەشغۇلاتىنى تېپىپ بېجىرىش سەل قولايسىز، ناۋادا ئەتراپىڭىزدا مۇشۇ جەھەتتە قىينالغان دوستلىرىڭىز …..
نادىر كارتون فىلىم RIO نى كۆرمىگەنلەر تېخى يوققۇ دەيمەن، ناۋادا تېخى كۆرمىگەنلەر بولسا، پاسىبان كۇلۇبى بىلەن شاھئۇيغۇر بلوگى بىرلىشىپ تەييارلىغان ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون فىلىم رىيو نى بىر كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۈگۈنكىسى، دەل مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭ مىكروسوفت تەرەپتىن تارقاتقان Windows 7 ئۇسلۇبى …
مېۋىچى نىنجا( Fruit Ninja ) بولسا بىر تۈرلۈك ئاددى كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئويۇن . بۇ ئويۇن iPhone غا كىرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئىزچىل ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئويۇن كېيىن مىكروسوفتنىڭ XBox ئويۇن سۇپىسىغىمۇ كىرگەن بولۇپ، سىز مىكروسوفتنىڭ …..
ئالما Mac OSX نى ئېلان قىلغاندىن بېرى، كىشىلەر Windows 7 نىڭ Mac ئۇسلۇب لىرىنى ياساشتىن ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. چۈنكى، Mac OSX نى كۆرگەن ۋە بىر ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئادەمگە بېرىدىغان تەسىرى: نەپس ۋە گۈزەل! گەرچە Windows نىڭ Mac ئۇسلۇبلىرى توختىماي ياسىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل ھەقىقى تۈردە Mac OSX نىڭ ئۈنۈمىگە …..
بەلكىم كۆپچىلىك بىر مەسىلىگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. Windows 7 دە بىز بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن QQ پاراڭلاشساق ياكى كىنو كۆرۈۋاتقاندا QQ دىكى دوستلاردىن ئۇچۇر كەلگەن بولسا ئاۋاز شۇ ھامان تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ سەل تۇرۇپ يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ. QQ دىكى ئۇچۇرنى جىق قوبۇل قىلىدىغانلار ئۈچۈن، بۇ تولىمۇ …..
Android سېستىمىسىدىكى يانفونلارنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تۈپەيلى، ئارىمىزدا Android سېستىمىسىدىكى ئەقلىفون ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى. بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىم بولسا، Android نىڭ سېستىما ئۇسلۇبى ئەمەس، بەلكى Windows 7 نىڭ Android ئۇسلۇبى ! Android مەستانلىرىنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چۈشىرىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
خۇددى مەزكۇر يازمىنىڭ ماۋزۇسىدىكىدەك، يېقىندا خېلى كۆپ تورداشلاردىن E-Mail تاپشۇرۇپ ئالدىم. تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تەدبىركار Windows 7 نى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ سېستىمىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپتۇ. بولۇپمۇ XP بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق ئىنتايىن زور بولغان يېڭىچە كۆرۈنمە يۈز بۇ تورداشلاردا ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ. بىلىشىمچىمۇ ئارىمىزدا كومپيۇتېر سەپلىمىسى …..
Vista دىن بۇرۇنقى نەشىردىكى windows لاردىكى باشلاش تىزىملىكى ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باقمىغان، نۇرغۇن كونا كومپيۇتېرلاردا باشلاش(开始) – پروگرامما(程序) نى باسساق ئېكرانغا لىققىدە كەلگۈدەك قاچىلانغان پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنەتتى. ئەمما Windows 7 ئۆزىدە بۇ خىل كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئىزدەش رامكىسى قوشۇلغان يېڭىچە باشلاش تىزىملىكىنى دەسسەتكەن، گەرچە ئىشلىتىشكە ئاسان ۋە ئىقتىدارى …..
شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، Internet Explorer ئارىمىزدا ئىشلەتكۈچىسى ئەڭ كۆپ تور كۆرگۈ نىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر مانا IE9 نىڭ رەسمىي نەشىرىمۇ ئېلان قىلىنىپتۇ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇدا ئېلان قىلىنغان IE9 رەسمى نەشىرى بىلەن كونا نەشىردىكى IE لار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خېلى چوڭ بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد IE تور كۆرگۈسىنىڭ يادروسى دۇنياغا …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي