نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

Windows 7 دە XP دىكىگە ئوخشاش كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش – Classic Shell



Vista دىن بۇرۇنقى نەشىردىكى windows لاردىكى باشلاش تىزىملىكى ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باقمىغان، نۇرغۇن كونا كومپيۇتېرلاردا باشلاش(开始) – پروگرامما(程序) نى باسساق ئېكرانغا لىققىدە كەلگۈدەك قاچىلانغان پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنەتتى. ئەمما Windows 7 ئۆزىدە بۇ خىل كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئىزدەش رامكىسى قوشۇلغان يېڭىچە باشلاش تىزىملىكىنى دەسسەتكەن، گەرچە ئىشلىتىشكە ئاسان ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كونا ئادىتىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئابونتلار ئۈچۈن، يەنىلا ئاشۇ كلاسسىك باشلاش تىزىملىكى سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ.

Classic Shell بولسا دەل Windows 7 نىڭ باشلاش تىزىملىكىنى ئەنئەنىۋى باشلاش تىزىملىكىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدىغان قورال. ئەلۋەتتە Classic Shell نىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەپسىلىي تەڭشەكلىرىمۇ بار. Classic Shell گەرچە ئۆزى كىچىك، ئىقتىدارى ئاددىي تۇيۇلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرى، بولۇپمۇ XP دىن يېڭىلا Windows 7 گە كۆچۈپ چىققۇچى دوستلار ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئەسلىمىلىرىگە سەل قارىماڭ. بەزىدە كىچىككىنە ئادەت مەسىلىسىمۇ خېلى چوڭ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ناۋادا سىز Windows 7 نى يېڭى ئىشلىتىش جەريانىدا يېڭىچە باشلاش تىزىملىكىگە كۆنەلمىسىڭىز ياكى XP دىكى ئەنئەنىۋى باشلاش تىزىملىكىنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا تەدبىركار بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Classic Shell نى قولدىن بەرمەڭ!

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش |    مەنبە: torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ...كەپسىز شۇم... 2011.04.01 , 00:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ…. ئالامەت كۆڭلۈمدىكىدەك يازمىكە ماۋۇ…..:grin:

  2. ياۋايى 2011.04.01 , 00:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي مەن ئاۋۋال ۋىن 7 كۇچەي جۇمۇ …. ئۆزۇمنىڭ كومپۇيۇتىرى بوغان بوسا كۇچىۋىرەتتىم … ما ئىدىيەسى قالاق چوڭلا نى زە …

    • سەھرالىق 2011.04.01 , 09:46

      جىڭ ياۋايىكەن ماۋۇ… چوڭلارمۇ كۆنۈپ كېتىدۇ، مەن بولغان بولسام يوشۇرۇنچە قاچىلاپ قوياتتىم:idea:

  3. ئۇيغۇربەگ 2011.04.01 , 21:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ياتاقدىشىم xpگە كۆچسەم دەپ قاقشاۋاتىدۇ!

  4. نۆل ۋە بىر 2011.04.04 , 16:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىرايلىق ۋىندوۋىس يەتتىنى ئېكىسپىگە ئوخشاش سەتلەشتۈرۈپ نىمە قىلىمىز ھا؟ ھى ھى ھى :idea:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量