مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس(Bill Gates) نىڭ ھاياتىغا قىززىقامسىز؟
ئامېرىكا تېخنىكا بلوگى تور بېكىتى Business Insider گە ماقالە تەييارلىغۇچى جۇلىيا يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىدە، مىكروسوفىتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى بىلگەيتىسنىڭ ھاياتىغا قارىتا خۇلاسىلەش ئېلىپ بارغان.ئۇ:« ئۇنىڭ كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتالغا بولغان چۈشەنچىسى، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتتى، بۇ پەقەتلا بىر شەخس ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىىپ ياسىغۇچىلار ئۈچۈن زور بىر بايلىق بىلەن تەمىنلىگەن» دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ گەيتىس ھاياتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلىغان.
گەيتىس 13 ياش ۋاقتىدا، پۈتۈن كۈن كومپيۇتېر يېنىدىن ئايرىلمايتى، ئۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئائىلىدە كومپيۇتېر بولغان ئەمەس، شەكىل ئابونتلىرى ئۈچۈن ئۈستەل يۈزى تەمىنلەنگەن ئەمەس ….بۇلارنىڭ ھەممىسىنى گەيتىس بارلىققا كەلتۈرگەن.
گەيتىس 8- سىنىپتا ئوقۇيدىغان چېغىدا، ئۇ ئانا مەكتىپىدىكى «ئانىلار كۇلۇبى» خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن توپلىغان مەبلەغنى ئىشلىتىپ، بىر Teletype Model 33 ASR تېرمىنال ئاپپاراتى سېتىۋالغان، گەيتىس بۇ ئۇنىۋېرسال ئېلېكتېرك ئارقىلىق ئىشلەپچىقرىلغان كومپيۇتېردا نۇرغۇن ۋاقتىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ، گەيتىس ئۆزىنىڭ تۇنجى شەخسى كومپيۇتېرىنىڭ قوللىنىشچان پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان.
گەيتىس ئاللېن بىلەن سىئاتېل ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە تونۇشقان، گەرچە ئۇ ۋاقىتتا ئاللېن گەيتىستىن ئىككى سىنىپ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇسىمۇ، ئەمما ئىككىيلەن ئوخشاشلا كومپىيۇتېرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى ھەم بۇ سەۋەبلىك ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان.
1974- يىلى، ئاللېن گەيتىسقا «ھەممىباپ ماشىنىسى» ژۇرنىلىدىكى شەخسى كومپيۇتېر Altair 8800 تونۇشتۇرۇلغان ماقالىنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ ماقالىگە ئىككىيلەننىڭمۇ ئۆز ئوي-پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشى تەلەپ قىلىنغاندا، ئۇلار ئەگەر ھەر بىر ئادەمنىڭ بىردىن شەخسى كومپيۇتېرى بولسا، دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟ دەپ ئويلىغان، ئۇلار مۇشۇ خىيال بىلەن كومپيۇتېر ساتىدىغان شىركەتكە تېلېفون قىلىپ، كومپيۇتېردا ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان BASIC ئىسىملىك بىر پروگرامما بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىپ قالغان. كېيىن گەيتىس بىلەن ئاللېن ئۇدا ئىككى ئاي BASIC غا كود تۈزگەن.
گەيتىس بىلەن ئاللېن بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، بۇ شىركەتمۇ BASIC نى سېتىۋالغان. «Micro-soft » مۇشۇنداق يوسۇندا رەسمىي قۇرۇلغان، ئۇلار «Micro-soft» ئوتتۇرىسىدىكى سىزىقچىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، يېڭى شىركەتنىڭ نامىمۇ ھازىرقى «Microsoft» نامى بىلەن ئاتالغان.
گەيتىس دەسلەپتە ھەقسىز يۇمشاق دېتال ھەرىكىتى بىلەن كۈرەش قىلىپ، نەچچە ئون مىلىيون كىرىملىك كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
كومپيۇتېر تەرەققىي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، قىزىققۇچىلار ئۆز قىزىقىشلىرى بويىچە يۇمشاق دېتاللارنى ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلدۇرالايدىغان ۋە ئورتاق بەھىرلىنەلەيدىغان بولغان. 1976- يىلى فېۋرالدا، گەيتىس كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا بىر ئاشكارا خەت يوللاپ، يۇمشاق دېتاللارنى ھەقسىز ئېلان قىلىش «ياخشى يۇمشاق دېتاللارنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقى» نى چۈشەندۈرگەن.
گەيتىس كىشىلەر يۇمشاق دېتالنى چوقۇم ھەق تۆلەپ ئىشلىتىشى كېرەك دىگەن پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. ئۇ چاغدا، بۇ كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر كۆز قاراش ئىدى، ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل كۆز قاراشنى قوللاپ كەتمەيدۇ.
IBM ئۆز ۋاقتىدا ئاللىقاچان شەخسى كومپيۇتېر ياساپ چىققان بولۇپ، DOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن BASIC نى ياساپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغان. گەيتىس IBM نى قايىل قىلىپ، مىكروسوفىتنىڭ ھەقىقەتەن بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بار، ئەمما ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، يەنە كېلىپ مىكروسوفىت ئاللىقاچان بۇ خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى باشقا بىر شىركەتكە بېرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆز ۋاقتىدا مىكروسوفىت IBM نىڭ شەخسى كومپيۇتېرى ئۈچۈن نوپۇزلۇق مەشغۇلات سىستېمىسى ياساپ چىققان، ئەمما IBM غا بۇ مەھسۇلاتنىڭ كودىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. گەيتىس ئەينى ۋاقىتتا باشقا ياساش كارخانىلىرى IBM ياساپ چىققان شەخسى كومپيۇتېرنى كۆپەيتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئۇلار مىكروسوفىتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا مۇھتاج دەپ قارىغان.
گەيتىسنىڭ بۇ ئويى توغرا ئىدى. IBM ئىلگىرى مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق گەيتىسنى ئەيىبلەپ، مىكروسوفىتنى سوتقا ئەرز قىلغان، ئاخىرى ئىككى شىركەت ئەپلىشىپ قالغان.
ئاللېن مىكروسوفىتنى قۇرغاندىن كېيىن، گەيتىس خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىدىن ۋاز كەچكەن. گەيتىسنىڭ ئانىسى بۇنىڭدىن خاپا بولغان، ئۇ گەيتىسنىڭ كەلگۈسىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن. گەيتىسنىڭ ئانىسى گەيتىسنىڭ ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، دادىسىغا ئوخشاش داڭلىق ئادۋوكات بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
ئەمما گەيتىس خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن، چۈنكى ئۇ ئۇ يەردە ستېۋ.بالمېرنى ئۇچراتقان. بالمېر 1980 – يىلى مىكروسوفىت سېپىگە قوشۇلۇپ، مىكروسوفىتنىڭ 30- رەتتىكى خىزمەتچىسى بولۇپ قالغان. مەلۇم بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يىللىق مائاشى 5 تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ھەمدە شىركەتنىڭ 8 پرسەنت پېيىغا ئىگە بولغان. گەيتىس شۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىنى تاماملاش ئۈچۈن خارۋاردقا قايتمىغان.
1978- يىلى، مىكروسوفىتنىڭ پايدىسى 2 مىلىيون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، 23 ياشقا كىرگەن گەيتىسمۇ بۇنىڭ بىلەن مىلىيادىرلاردىن بولۇپ قالغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Microsoft، windows، شىركەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,798 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: billgates-life.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > جۇڭگونىڭ 2050-يىلى | ئاقپىشماق غەرىپلىكلەر جۇڭگودا ئىشلەمچىلىك قىلارمىش
- كېيىنكى يازما > ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك بىڭسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان 13 ھەقىقەت
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
دۇنيانى ئۆزگەرتتى دىسە گايتىسنى دېسە بولىدۇ مانا
دىۋان
كىرىمنىڭ كۆپ قىسىمنى ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىدۇ جۇما بۇ ئاداش،مۇشۇ ئىششى مىنى قايىل قىلىدۇ. ھەتتا بالىسىغىمۇ .ھېچقانداق مىراس قالدۇرمايدىكەن،بولمىسا قىزىنى ئېلىش مەقسىتىمنى ھېچكىمگە دېمىگەن
مەن بىر ئۇنىڭ خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىشىنى كۆرگەن ئۇمەبلەخ سالغان تۈر نۇرغۇن ئادەمنىڭ راك بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،قىزىقارلىق يىرى شۇكى ئۇ باشتا ئۇيەردىكى كىشلەرگە ياردەم قىلىپ كىيى زىيان سالغان.
مىنىڭ ئاڭلىشىمچە بىلگايتىس بىلەن ستىۋ جوبىس توختاملاشقان ۋە ستىۋ جوبىس لايھىلىگەن تۇنجى گىرافىك يۈزىدە خىزمەت قىدىغان مەشغۇلات سىستىمىنى گايتىس بىلەن بىللە بازارغا سادىغان بوپ توختالىشىپ بولۇپ كەتكەندىنى كىيىن بىلگايتىس نىيتىنى يامان قىلىپ بارارغا توختاملاشقان سىستىمىنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئاشكارلىۋەتكەن مىسش…
مىش مىش گەپ
پايدىسى 2 مىليون 500 مىڭ دوللارغا يىتىپلا مىليادېر بوپ كەتكەن دىدىڭىزما؟
سىتېۋ جوبز بۇددا دىني مۇخلىسى ئىكەن، ئۇ نان-ئاش تىلەپ يۈرگەن راھىپلارغا بولسىمۇ خەير-ساخاۋەت قىلغان بولغىيمىدى؟
ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمنى يۇقىرقى تېمىنى ئوقۇمايلا كۆرۈپ سالغان بولسام بىر توپ مۇزىكانتلاركەن دەپ سالاركەنمەن . روكىردەكلا ياسىنىدىكەنتۇق جۇمۇ شۇ چاغدىكى ئادەملەر .
گايتىس سىنىڭ داداڭما بەك داڭلاپ كەتتىڭ خۇددى پۇلغا قىزقىپ قالدىڭمۇ يا ئۇيغۇرلارنى ماختاڭلار ماختاش توغرا كەلسە ئۇيغۇرلاردىن مۇ نورغۇنلغان ئالمالار بار غۇ
ئۈزىمىزدىنمۇ ماختاشقا تىگىشلىكلەر كۆپ، لىكىن باشقىلاردىمۇ ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىگۈدەكلەر ئاز ئەمەسقۇ؟
23 ياشتا خەق نېمە قىلدى مەن نېمە قىلدىم .. ھەي ….