ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
گەرچە بۇ كەسىپكە تېخى يېڭىياچە بولساممۇ، كەسپىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم سەۋەبلىك بۇ توغۇرلۇق كوتۇلداشنى ياخشى كۆرىمەن، قېرىنداشلارغا ئازغىنە نەپ بەرسە، مەقسەد تامام!
ئوچۇق كود بولسا بىر تۈرلۈك ئۇنۋېرسال تەتقىقات سۇپىسى، بىر تۈرلۈك ئاممىۋى پايدىلىنىش سۇپىسى، بىر تۈرلۈك ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇپىسىدۇر. مەلۇم بىر پارتىزان گۇرۇپپا ياكى ھەۋەسكار تەرىپىدىن خالىسانە ياكى مەلۇم ئورگان تەرىپىدىن مەقسەتلىك ۋە ياكى مەلۇم دۆلەت تەرىپىدىن غەرەزلىك تەرەققى قىلدۇرۇلغان مەلۇم پروگىرامما تىلى ياكى مەلۇم يۇمشاق دېتالنىڭ تەگ كود يەنى، يادرو كود قىسىمىنى پۈتۈنلەي سىرتقا ئاشكارىلاپ بارلىق كەسىپ ئەھلىلىلرى ئورتاق پايدىلىنالايدىغان، ئۆز ئالدىغا كېڭەيتەلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىشتىن ئىبارەت . ئەلۋەتتە كودنىڭ سىرتقا ئېلان قىلىنىشى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەزكۇر تېخنىكىغا غايەت زور تەرەققى قىلىش، كېڭىيىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. تۆۋەندە بىز سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىر قىسىم ئوچۇق كود سېستىمىسى ۋە تېخنىكىللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1.كۆچمە سۇپىدىكى راك ھۈجەيرىسى ئاندرويىت(Android) ئوچۇق كود سېستىمىسى
ئالما شىركىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بازار مونوپوللىقىنى چەكلەش ياكى باشقا مەقسەدلەر بىلەن Google شىركىتى تەرىپىدىن سىرىتقا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر سېستىما، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ قىسقىغىنە 5 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا ئەقلى يانفون بازىردىكى ئالما شىركىتىنىڭ بىردىنبىر كۈچلۈك رىقابەتچىسى بولۇپ قالدى. گەرچە ئالما شىركىتى ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يەنىلا ئىزچىل مونۇپوللۇق ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، Android ئوچۇق كود سېستىمىسىنىڭ ھېچ چەكلىمىسىز ھالدا دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بازىردا ئەركىن كېزىپ يۈرۈشىنىڭ ئالما شىركىتىگە كەلتۈرگەن زىيىنىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىيەلمەيمىز.
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم بىلگىنىمچە ئازىراق بولسىمۇ مەزكۇر ئوچۇق كود سېستىمىسىنىڭ تارقىلىشى ۋە سەۋەبىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئالما تۇنجى ئەۋلاد ئەقلى يانفونى بىلەن بولۇپمۇ تۇنجى ئەۋلاد پەد(iPad) بىلەن دۇنيانى تىتىرتىۋەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئالما دەۋىرى باشلاندى. ئەمما شۇنى جەزىم قىلىپ ئېيتالايمىزكى، ئەقلى كۆچمە ئۈسكۈنە سېستىمىسى ھەرگىزمۇ ئالمىنىڭ پاتنېتلىق (يەنى ئۆزى تەتقىق قىلغان)تېخنىكىسى ئەمەس. بەلكى خېلى بۇرۇنلا باشقا ئېلىكتىرون تېخنىكا شىركەتلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە ئەمەلگە ئېشىپ بولغان تېخنىكىدۇر. بىراق Steve Jobs نىڭ كاللىسى ئىشلەپ كېتىپ ئۇدۇل مۇشنى باشتا ئېتىۋالغان يېرى بار شۇ! شۇنداق، ئالما شىركىتىنىڭ بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، بولۇپمۇ ئىناۋىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن تەڭ پېيىنىڭمۇ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى – شىركەت پەقەت پاي بىلەن ئۆرە تۇرىدىغان IT ساھەسى، بولۇپمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈچۈن غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلەتتى. ئۇنى دىمىگەندىمۇ ئەينى ۋاقىتتكى گىگانىت كۆچمە ئۈسكۈنە شىركەتلىرىدىن NOKIA، موتورولوﻻ(MOTROLLA)، فىلپىس(PHILPS) قاتارلىق شىركەتلەرنى بىراقلا سەھنىدىن چۈشۈرىۋەتكەن ئالما، شۇ ھالىتىدە توسالغۇسىز ئىلگىرىلىگەن بولسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولاتتى. لېكىن ئىش ئۇنداق ئاسان بولمىدى. Google دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئىزدەش ماتورىنىڭ ئېگىسى دەرھال تۇتۇش قىلىپ ئارقىغا ئۇلاپلا ئاندرويىد(Android) نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلغاندىمۇ ھەقسىز دەڭە تېخى! ئالما يانفون – پەدلىرىنىڭ شىددەت بىلەن بازار ئىگىلىشىگە چىداپ تۇرالمايۋاتقان نۇرغۇن شىركەتلەر كەينى – كەينىدىن ئەقلى يانفونلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. شۇلاردىن ئاندرويىد سېستىمىسىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە سامسوڭ گىلەكسىي (SAMSUNG GALAXY) يانفونلىرى ئالما يانفونىنىڭ كەينىدىنلا بازارغا كىردى ۋە ئالمىغا كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كەلدى. تېخى ئۆتكەن يىلىغىچە داۋاملاشقان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ جېڭى ( Apple VS SAMSUNG ) بىزگە قاراڭغۇ ئەمەس.
Google ئەنە شۇنداق ئازغىنە مەبلەغ بىلەن بىر سېستىمىنى ھەقسىىز سىرتقا ئېلان قىلىۋىتىشى ھەرگىزمۇ گۇگېلنىڭ مەردلىكى ياكى دۇنيا ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىگە قىلغان ساخاۋەتلىك ياردىمى ئەمەس، بەلكى كىچىككىنە زىياندىن كېچىپ كۈشەندىللىرىنى ئۆز-ئارا جەڭگى-جېدەلگە سېلىۋىتىپ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغىرلاشتۇر. شۇنداق، ئەمەلىيەتمۇ دەل شۇنداق بولدى. گەرچە گەرچە ئالما يەنىلا تىك دىئاگىراممىلىق تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ SAMSUNG بىلەن ئېلىپ بارغان دەۋالىرى ۋە سەپلىمىسى، سۈپىتى ئالمىدىن قەتئى قېلىشمايدىغان گىلەكسىي يانفونلىرىنىڭ بازارغا شىددەت بىلەن ئېقىپ كىرىشى، تېخمۇ مۇھىمى جۇڭگودەك بىر غايەت زور يانفون ئىستىمال بازىرىدا ئاندرويىد سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ساختا ماركىلىق يانفونلارنىڭ تۆكمە بولۇپ كېتىشى، ئالما شىركىتىنىڭ نۇرغۇن زېھنىنى، مەبلىغىنى، ۋاقتىنى خورىتىۋەتتى ياكى سوزۇۋەتتى. بۇ جەرياندا، بولۇپمۇ ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنغان گۇگېل مەھسۇلاتلىرى گۇگېلنىڭ پېيىنىڭ بازاردا شىددەت بىلەن ئۆسۈشىگە سەۋەپ بولدى. قىسقىسى، سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن بۇ سېستىما ئاندرويىد (android) نى دەستەك قىلغان پۈتۈن دۇنيادىكى ئاندرويىد ئوچۇق كودىدىن پايدىلانغانلار بىر تەرەپ ئالما شىركىتى ۋە ئالما ھەۋەسكارلىرى بىر تەرەپ بولۇپ كەسكىن تېخنىكا ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2.لىنۇكس(linux) ئوچۇق كود مەشغۇلات سېستىمىسى
ئىلگىركى ماقالىمىزدا توختالغىنىمىزدەك (Microsoft (windows مەشغۇلات سېستىمىللىرىنىڭ ئەشەددى كۈشەندىسى ۋە كۈشەندىللىرىنىڭ ئانىسى لىنۇكىس Linux مەشغۇلات سېستىمىسى، ئۆزىنىڭ ئۆچۇق كودلۇق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بولغاچ، تا ھازىرغىچە ئىزچىل شىددەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا. شۇسەۋەبتىن گەرچە مەلۇم بىر ئورگان تەرىپىدىن زور كۈچ بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمىگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بىردىن – بىر خەتەرلىك كۈشەندە مەنبەسى بولۇپ كەلدى. ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى، مەزكۇر مەشغۇلات سېستىمىسى ئەسلىدىنلا ئوچۇق كودلۇق بولغاچقا، بىر ئۆزى خىرىس ئەكىلىپلا قالماستىن خۇددى چۇما ۋىرۇسىدەك يۇقۇملۇق ھالدا تارقىلىپ، ناھايىتى تېزلا ئونلىغان، يۈزلىگەن شاخچىلارغا بۆلۈنۈپ كېڭىيىپ كەتتى. بۇنىڭلىق بىلەن دۇنيادا لىنۇكىس كودىنى يادرو قىلىپ كېڭەيگەن ، ئادەمنىڭ ئېغىزىغىمۇ كەلمەيدىغان ئاجايىپ غەلىتە مەشغۇلات سېستىمىللىرى بارلىققا كەلدى. بۇ خىل تېز تارقىلىش مىكروسوفىت MicroSoft قا غايەت زور زىيان ۋە بېسىم ئېلىپ كەلدى .
لىنۇكستىن مىكرسوفىتقا كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ.
(1) لىنۇكىس سېستىمىللىرىنىڭ بازار ئىگىلىشى. مەسىلەن، يەنە بىر گىگانىت شىركەت ئالمىنىڭ ئەڭ يارقىن مەھسۇلاتىنىڭ بىرى بولغان Mac OS X شۇ تاپتا دۇنيا كومپىيۇتېر بازىرىغا كەڭ تارقالماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس، چۈنكى مۇقىم كۈچ بىلەن قوللايدىغان بىر كۈچلۈك ئارقا تېرەك بولمىغاچ، لىنۇكس مەشغۇلات سېستىمىسى كۆرۈنمە يۈز ۋە باشقا تەرەپلەردىن يەنىلا ۋىندوۋس Windows تەك ئالقىشقا ئېرىشىپ كەتمەيتتى.
(2) خاككىرلىق ھۇجۇملىرى. ئەڭ ئاساسلىق خەۋپ دەل مۇشۇ يەردىن كېلەتتى. لىنۇكىسنىڭ ئەركىن ئازادىلىكى خاككىرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولغان ۋىرۇس ياساش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. بۇ خىل پايدىلىق شارائىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياخشى ياكى يامان نىيەتلىك كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ھالدا Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى كومپيۇتېر، مۇلازىمىتېر ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك ۋىروسلارنى ياساپ كەلمەكتە. ھەتتا بۇ خەتەر شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگىلا ئەمەس، FaceBook ، Google ،MicroSoft قاتارلىق تەپسە تەۋرىمەيدىغان گىگانت شىركەتلەرگە، ھەتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھەربى ئورگانلىرىغا قەدەر زور خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە.
3. ئوچۇق سۇپىلىق تور پروگىرامما تىلى – php
بۇرۇنقىنى قويۇپ مىلادىيە 1970-يىلىنى كومپيۇتېر تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىساق، ماشىننى بويسۇندۇرۇش ۋە ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىنسانىيەت مىسىلسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ، يېڭىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈردى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن ئېنتىرنىت ئۇچۇر - تېخنىكا (information technology) ساھەسىدە ئۆزخاسلىقى بىلەن ناھايىتى قىزغىن ئالقىشلانغان، شۇنداقلا ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلغان ھەم قىلىۋاتىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە مەزكۈر تۈر (ئېنتىرنىت)نىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئونلىغان ، يۈزلىگەن تور پروگىرامما تىللىرى بارلىققا كەلدى، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى تونۇشتۇرۇش ئوبىيكتىمىز PHP دۇر.
نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ئوچۇق سۇپىلىق پىروگىرامما تىلى PHP بولۇپ، 1995- يىلى ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائى نۇسخىسى دۇنياغا كۆز ئاچقان ، ئۇ نۆۋەتتىكى تور پروگىرامما تىللىرى ئىچىدە غايەت زور ئابرويغا ئىگە. ئەڭ مۇھىمى، بۇ بولسا بىر ئوچۇق كودلۇق پروگىرامما ھىسابلىنىدۇ. ASP/VB قاتارلىق سەل كونا ھىسابلىنىدىغان پروگرامما تىللىرىغا نىسبەتەن، PHP گەرچە تارىخى ئوخشاشلا ئۇزۇن بولسىمۇ، تا ھازىرغا قەدەر ئىزچىل تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. PHP نىڭ ئوچۇق كودلۇق بولغانلىقى سەۋەبلىك، پايدىلىنىش مەنبەلىرى مول بولغاندىن باشقا، فۇنكىسىيە ناملىرى، قىممەت بىرتەرەپ قىلىش، بېرىش ئۇسلۇبى، قىسقىسى، بارلىق لوگىكىسى ناھايىتى ئاددى ۋە قوللىنىشچان بولۇپ، كىشىگە ئىنتايىن يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن PHP نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ مودا ۋە ئەڭ ئاسان تور پروگىرامما تىللىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، يۇمشاق دېتالنى ياكى مەلۇم سېستىمىنى ئوچۇق كودلۇق ئېلان قىلغاندا، مەھسۇلاتىڭىز ناۋادا كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ قالسا، بۇ مەھسۇلات سىز ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە شۇنداق تېز تەرەققى قىلىدۇكى، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىشىڭىز ھاجەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەمما يەنە شۇنىمۇ ھېس قىلىسىزكى، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئېچىنىشلىق ھالدا ئومۇمنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ سىزگە تەۋە بولماي قالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دېگەنلىك، سىز پۈتۈنلەي پايدىلىنالمايسىز دېگەنلىك ئەمەس، قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا باغلىق.
پايدىلانغان مەنبەلەر: بەزى ئۇقۇملارنى ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ كۆردۈم/ ئومۇمىي جەھەتتىن نەدىن بىلىۋالغان ئېسىمدە يوق، دەرس جەريانىدا قۇلاققا پىشىپ قالغان گەپلەر.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [پروگرامما تۈزەش]
- ھالقىلىق ســــۆز: linux، php، windows، پروگرامما تۈزەش، كود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,507 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: open-source-code-heqqide.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- كېيىنكى يازما > يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- كىنولاردىكى خاككېرلاردەك كود يېزىپ تور بېكەتكە بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسى! سەت ئاقسا….
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- تېخنىكا بىلەن ھەپىشىلىدىغان بويتاقلار ياساپ چىققان ھېسابلاش ماشىنىسى، مېۋە كېسىپ ئوينىغىلى بولىدىكەن تېخى!!!
- كەلگۈسىدىكى ئادەم ۋە ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقە | Kinect ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان قۇرۇلما
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس(Bill Gates) نىڭ ھاياتىغا قىززىقامسىز؟
مەن ئوچۇق كودلۇق سېستىمىنى ياقتۇرىمەن،
php ھەقىقەتەن ئىسىل ، aps نى مەيداندىن چۇشۇرۋەتتى دسەكمۇ بولىدۇ جۇمۇ
ASP نى PHP ئەمەس مىكروسوفت ئۆزى چۈشۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ASP.NET دۇنياغا كەلدى. ASP.NET ئىقتىدار جەھەتتىن يەنىلا ئاتامان ئورۇندا
ئەمما asp.net نىڭ مۇلازىمىتىر باھا سىغا ئادەتتىكى ئادەملەر چىقىش قىلىپ بوللالمايدۇ ، ئاساسەن داڭلىق شىركەتلەر ۋە بەزى سودا بىكەتلىرى مۇشۇنىڭدا ياسىلىدىكەن . بىزلەر چىقىش قىلىپ بوللالمىغاچ بىزدە php دەك ئومۇملىشىشى تەس ..
گەرچە بەزى ئاتالغۇلانى چۈشەنمىسەممۇ ، خېلى يۇقىرى سەۋىيەدە يېزىلغان تىما بوپتۇ
ئۇچۇق كود يېپىق كود دىگەننى تازا چۈشەنمىسەممۇ ، ئالمىنىڭ سېستىمىسىنى يېپىق ، ئەنجۈرنىڭكىنى ئۇچۇق كودكەن دەپ ئاڭلىغان ، ئۇچۇق كود دىگىنى شۇ كودنى كۆرەلەيسىز بەزى كودلانى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز دىگىنى شۇ ئوخشىمامدا ؟ بۇلۇپمۇ مۇشۇ ئەنجۈر سېستىمىسنىڭ ئۇچۇقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىپ باقىدىغانلا خېلى با ئوخشايدا ، ما MIUI ،SUMSUNG ،SONYئىشقىلىپ بازادىكى ھەرخىل ئەنجۈر سېستىمىلىرىنى شىركەتلەر ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ باققان ئوخشايدا ھە ، ھەرقانچە ئۆزگەرتسىمۇ يىلتىزى بىردۇ بۇلانىڭ ؟
ئوچۇق كود دېگىنىمىز ئىككىنجى ئېچىشىنى(二次开发) نى كۆرسىتىدۇ، باشقىلار ئەسلى سېستىمىنى ئۆزى خالىغىنى بويىچە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىدۇ، ئاندروئىدتىكى روملار بۇنىڭ مىسالى.
كود يېزىش دىگەننى ئاجايىپ كاللا كىتىدىغان ئىش دەپ ئاڭلىغان ، مەكتەپتە توربەت ياساش دەرسىدە مەۋسۇملۇق ئىمتاھان نەتىجىسىگە ھىساپ قىلىمىز دەپ ئاددى قىلىپ توربەت ياساڭلا دىدى ، بىر كۈن ئولتۇرۇپ ياسىغان توربەت شۇندا بىر توربەت بولدىكى مانى مەن ياسىدىم دىيىشتىن خىجىل بوغىدەك ، قاندا قىلاي ئەمدى دەپ شۇ غەمدە ئولتاسام تۇيۇقسىزلا يىشۇدەك كاللام تىرىڭڭىدە قىلىپ يۇرۇپ كەتتى ، ھەپلىشىپ يۈرۈپ ئىسىل ئىسىل توربەتتىن يىگىرمە ئوتتۇزنى تېپىپ ئارىسىدىن چىرايلىق كۆركەم چىققان كودلىرى ئاددى توربەتتىن بىرنى تاللىۋالدىم ، كودلىرىنى شۇ پېتى كۈچۈرۈپ ئەكىلىپ بەزى رەسىملەرنى ئۆزگەرتتىۋەتتىم ، ئاللا ئاللا كاللام سەت ئىشلەپ قويدىدە ، مەمنۇن بۇلۇپ بىر ھازا قاراپ كىتىمە تېخى يېرىم سائەتتە قۇراشتۇرغان تور بەتكە ، شۇندا قىپ مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندا سەكسەن نەچچە ئاغىنىم ئىسىمدە … ھې ھې …
داڭلىق ئىزدەش ماتورلىرى Google ,baidu دىگەندەكلەرنىڭ كودىنى نەچچە يۈزمىڭ ، مىليۇن قۇر كىلىدۇ دەيدۇ راسمىدۇ شۇ ؟ baiduنىڭ لاۋداسى بەيدۇنى قۇرغان ۋاقىتتا بەيدۇنىڭ كودىنى ئون نەچچە ئادەم بىر قانچە يىلدا ئاران يېزىپتىكەن دەپ ئاڭلىغان ، يەنە بىر يەدىن ئاڭلىسامغۇ ماڭا ئوخشاش نۇمۇس قىمماي googleنىڭ كودىنى كۈچۈرۈپ ئەكىلىپ ئۆزگەرتىپلا مىنىڭ قىلۋاپتىكەن …
ئەسلى يادىروسى گوگىلنىڭ ، ھۆكۈمەت تەرەپ گوگىلىنى چەكلىگەچكە داڭ چىقارغان ،
php ھەقىقەتەن ئىسىل ، aps نى مەيداندىن چۇشۇرۋەتتى دسەكمۇ بولىدۇ جۇمۇ
يۇقۇرى سەۋىيەدە يېزىلغان تىماكەن جېق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
ھە راست google شىركىتى Android نى ھەقسىز تارقىتىۋەتسە ئۆزى زادى نىمىگە ئىرشىدۇ؟ بازار ئىناۋىتىنى دەپلا شۇنداق قىلامدۇ ياكى باشقا مەنپەئەتمۇ بارمۇ ؟
1 . گوگىلنىڭ ئاندىرويىدسىزمۇ غايەت زور كىرىم مەنبەسى بار.
2 . يۇقىردا ئېيتقاندەك ئەڭ كەسكىن رىقابەتچىسى ئالمىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بازار ئىگەللىشىنى چەكلەيدۇ.
3 . ئاندرويىد سېستىمىسى كۆچمە ئۈسكىنە بازىرنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگلەپ بولدى. ئەمما دىققەت قىلساق ھەرقانداق ئادىرويىد سېستىمىسىدا گوگىل ئىزدەش ماتورى باش بەت قىلىغلىق. يەنى گوگىل ئىزدەش ماتورى گوگىلنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىدىن.
4 . ئاندىرويىدتا نۇرغۇنلىغان يۇشۇرۇن سۈزمىلەر بۇلۇپ ئامىركا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئاخبارات مەنبەسى، شۇڭا ئامىركا ھۆكۈمىتى غايەت زور ئىقتىسادى ياردەم بېرىدۇ .
5 . . . …
6 . .. …..
7
.
.
مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قاغان ، سېستىمىدىن پۇل تاپاممىغان بىلەن google play دىگەنگە ئوخشاش قۇشۇمچە ئىقتىدارلىرىدىن كىرىم قىلغىلى بۇلامدىغاندۇ ؟ ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىدا ئەپلەرنى ئالدىدىراق كۆرسۈتۈش ئۈچۈن پۇل تۈلەيدۇ دەۋاتقان ، پۇل بەرمىسە بەزى ناچار ئەپلەرنى تەۋسىيەلىك ئەپ قىپ قويمايدۇ ھەقچان
بۇ گەپكە قوشۇلىمەن.
تورخۇمارلار كۇلۇبىغا يېڭىدىن ئەزا بولدۇم
ما يازمىنى بەك ياقتۇردۇم
جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم…
باش سۈرەت تەڭشىيەممەيۋاتىمەنا؟
بىرسى ئالمىنى ئامىرىكىغا ئاخبارات توپلايدۇ دەۋاتاتتى تۈنۈگۈن ، بۈگۈن بىرسى ئاندىروئىدنى ئامىرىكىغا ئاخبارات توپلايدۇ دەۋاتىدۇ ، ئەتە چوقۇم مىكروسوفىت ياكى لىنىۇكىس ، ئۆگۈنلۈككە يەنە بىرنىمە ئىكىس ……………………….. ۋەھاكازا !!!!!!!!!!!
كاللام گاراڭ بوپكەتتى دىسە
پىروگرامما ئىشلەشنى ئۈگىنىش ئارزۇيۇم بارئىدى شۇنىڭغا ئائىت سىستىما بولسا ئەۋەتىپ بەسەڭلا