تېخنىكا بىلەن ھەپىشىلىدىغان بويتاقلار ياساپ چىققان ھېسابلاش ماشىنىسى، مېۋە كېسىپ ئوينىغىلى بولىدىكەن تېخى!!!
مېۋە كېسىش(Fruit Ninja) ئويۇنىنى ئويناپ باقمىغان ئادەم قالمىدىغۇ دەيمەن؟ ئەمما يانفون، پەد، تېلىۋېزور ۋە XBox قا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردىن باشقا ئۈسكۈنىلەردە بۇ ئويۇننى ئويناشنى ئويلاپ باققانمۇ؟ بىر تېخنىكا بىلەن ھەپىلىشىدىغان بالاڭزا ئولتۇرۇپ پروگرامما يېزىپ، ھېسابلاش ماشىنىسىدا مېۋە كېسىش ئويۇنىنى قوزغىلىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ، قېنى ئۈنۈمى قانداقراقكىن بىر كۆرۈپ باقىلى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، پروگرامما تۈزەش، تېخنىكا، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,146 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: fruit-ninja-for-calculator.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نىمە ئۈچۈن روسلار ماشىنا ھەيدىگەندە دائىم ئالدى تېلكامىرانى ئىچىپ قويىدۇ؟ بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق ؟
- كېيىنكى يازما > Michael Jackson نىڭ «Bad» ناملىق پلاستىنكىسىنىڭ 25 يىللىقى ئۈچۈن مەستانىلەر ئىشلىگەن قاتۇرما MV
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
ۋاي دىۋان ۋاي دىۋان…
ئىشقىلىپ قول قويىمەن مۇشۇ خەقلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان ئىجتىھاتىغا.
1- پىقىر ئۆتمۇشتە ، ھازىرمۇ ، كەلگۇسىدىمۇ بۇ تىمىنىڭ يازما ئاپتۇرىنى تونۇمايدۇ ، ھەم ئاپتۇر بىلەن ھىچقانداق پايدا زىيان ، مەنپەئەت توقۇنۇشۇم يوق ، ئىنكاسىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى (قىستۇرما رەسىم ، خەت ، ھەرىپ ، بەلگە ، ئۈن -سىن ماتىرياللىرى ) ئىنتىرنىت تورىدىن كۆچۇرۇپ ئەكەلگەن ، كۆچۇرۇلگەن مەزمۇننى پىقىر تولۇق ياكى قىسمەن چۇشەنمەيدۇ (ئىنكاس مەزمۇنىنى چۇشىنىش ، ئوقۇش ، مۇلاھىزە قىلىش ، خۇلاسە چىقىرىش ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوق ).
2- يازما ئاپتۇرىنڭ يازغان مەزمۇنى پىقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، پىقىر پەقەت «تېما كۆرۇپ ئىنكاس يىزىش شەرەپ ، ئۆزگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ مەنپەئەت يەتكۇزۇش » مەقسىتى بويىچە «ئېشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ئىچكى ئىھتىياجىنى كىڭەيتىپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش » پىرىنسىپى بويىچە ئىنكاس يېزىپ ، مۇنبەر دەرىجەمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم .
3- پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ۋە باشقا قىسىملىرىنىڭ ئېلېكتىرلىق ، ئوپتىكىلىق، مىخانىكىلىق ئقتىدارلىرىنى سىناش ئۇچۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ پىقىرنىڭ بۇ يازمىغا بولغان تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا بولغان قوشۇلۇشى ياكى قارشى تۇرۇشىنى ئىپادىلىمەيدۇ .
4- تۇمۇشتا خەۋىپ خەتەر كۆپ ، پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ھىچقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ، خىزمەت پوزىتسىيسى ، نىكاھ ۋە دوسىتلۇق ، پەرزەنىت تەربىيسى ياكى سەلبىي قاراشلىرىنى قوللاش ، دارىتمىلاش، رىغبەتلەندۇرۇش ، ئەكىس ئەتتۇرۇش مەقسىتى يوق . قورامىغا يەتمىگەنلەر چوقۇم چوڭلارنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇڭ ، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوقلار بۇ توربەتتىن چىكىنىپ چىقىڭ ، ھەمدە %20 لىك كالىي پېرمانگاناتقا (مارگانسوۋ) %75 لىك دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرىتنى قوشۇپ ئۆزىڭىز ۋە كۆمپىيۇتىرنڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ، CPU , GPU , قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا قاتارلىقلارنى بىللە چىلاپ دېزىنفىكسىيە قىلىڭ .
5- پىقىرنڭ بۇ ئىنكاسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئەمىر پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا ، تور باشقۇرغۇچى ئىنكاسىمنى تازلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئىنكاسنى ۋاقتىدا تازلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان قانۇنغا (ئاساسىي قانۇن ، ئوم قانۇنى ، نىگىزلىك قانۇن ، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنى ، نىيۇتۇننىڭ 1-،2- ، 3- قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار يەرلىك قانۇن نىزاملارنى(يەنى كەينىدە خەنچە 法 خىتى بولغان بارلىق قانۇنلار ، مەسىلەن :加法、减法、乘法、除法、剑法、拳法、脚法、民法,刑法,书法,公检法,基本法,劳动法,婚姻法,输入法,没办法,国际法,
今日说法,吸星大法,与台湾关系法及文中涉及或可能涉及以及未涉及之法,قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ) ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ ) تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ، تالاش تارتىشلاردا پىقىر ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ .
6- پىقىر ھەرقانداق شەكلىدىكى دەرىجە ئاتلاپ تۇتۇپ كېتىشنى رەت قىلىدۇ ، ئەگەر تۇتۇشقا توغرا كەلسە تىما يازغۇچىنى ، تەستىقلىغۇچىنى ،مۇنبەر مەسئۇلىنى ، تور بەت باشقۇرغۇچىنى ياكى قانۇنىي ۋەكىلنى تۇتۇڭ ، زادى تۇتمىسام پۇقرانىڭ غەزىپى بىسىلمايدۇ ياكى باشلىق خاپا بولۇپ مۇئاشىمنى بەرمىسە ، خوتۇن باللىنى باقالماي قالىمەن دەيدىغانلار بولسا ، خاپا بولماي خىزمەت كىنىشكىسى ، كىملىك ، توي قىلىش \ئاجرىشىش كىنىشكىسى ، يالغۇز پەرزەنىتلىك كىنىشكىسى ، ساغلاملىق كىنىشكىسى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىسكىسى ، ئوقۇش پۇتتۇرۇش كىنىشكىسى … ۋە ناھىيدىن يۇقرى دەرجىلىك ھۆكۇمەت ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن تونۇشتۇرش خىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئادەم تۇتۇڭ ، تۇتۇش تەرتىۋى: تېما تەستىقلىغۇچى ، تىما يازغۇچى ، مۇنبەر مەسئۇلى ، تور نازارەتچىسى ، تور بوشلۇقى تەمىنلىگۇچى ، ISP تور مۇلازىمەت تەمىنلىگۇچى ، توك تەمىنلىگۇچى ، كومپىيۇتىر ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلار ، ئويغۇرچە كىرگۇزگۇچ كەشىپ قىلغانلار
7- يۇقارقى مەزمۇننى پىقىر كەلگۇسى نەچچە مىنۇتتا ئۇنتۇپ قالىدۇ ، يۇقارقى مەزمۇنغا نىسبەتەن ھىچقانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ .
8-بۇ ئىنكاسنىڭ ئاخىرقى چۇشەندۇرش ھوقۇقى پىقىرغا مەنسۇپ .
ئىنكاس دىگەننىڭ ئانا مانىسنى كوسۇتىۋېتىپتىغۇ
ئىنكاس بولا مۇشدابولا
بوران جان رىكورت بۇزىۋىتىپتۇ!!!
بورانغا بىر بانان مۇكاپات بەرسەك، چىشلەپ ھاردۇقىنى چىقارسا بولغۇدەك.
بۇگۇن تىمىدىنمۇ بەك بۇران نىڭ ئىنكاسى ئالامەت يارىدى ماڭائىنكاس دىگەننى ئەسلى مۇنداق يازىدىكەنمىز دىسە.بوران ئەپەندىم قارىغاندا ئادۇكات ئوخشايدۇ
بورانجاننىڭ ئىنكاسى مەن كۆرگەن ئەڭ قاتىل ئىنكاس…法 خېتى كېلىدىغان قانۇنلىرىڭىزدىن ئۆرگىلەي. 输入法,没办法。。。。
بورانجاننىڭ ئىنكاسىنى كورۇپ 3ئەخمەق دىگەن كىنودىكى ماشىنا دىگەن چۇشەنچە يادىمغا يىتىپ قالدى
ئۇستىدە بوران چىقىپتۇدە….
كونىلاردا تاپقانلار گۈل كەلتۈرەر ،تاپالمىغانلار بىر باش پىياز دەپ توغرا ئېيىتقان. ئىنكاس دىگەننى بوران ئەپەندىمدەك يازسا بۇلىدىكەن. تۇلۇق، تەپسىلى ، ھەرخىل ماددا بۆلەكلەرگە چۈشۈرۈپ ،ئىنكاسنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت داۋاتقان بىر بىكەتتە بۈگۈن مەن بوران ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ راستىنلا ئىشەندىم .
يېزىپ قويدىكە خەت دىگەننى زېرىكمەستىن بورانكام