نىمە ئۈچۈن روسلار ماشىنا ھەيدىگەندە دائىم ئالدى تېلكامىرانى ئىچىپ قويىدۇ؟ بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق ؟
نىمىشكە روسلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا تېلكامىرا ئورۇنتىدۇ؟ يىقىندا خۇددى مەندەكلا تورخۇمار ئاغىنەمدىن بىرى شۇنداق سوراپ قالدى. چەت ئەللىكلەرنىڭ قىززىقارلىق ۋىدىو ياكى قاتناش ھادىسسى خاتىرلەنگەن فىلىملىرىنى تولا كۆرىدىغانلار بىلىدۇ. كۆپۈنچە قاتناش ھادىسسىلىرى خاتىرلەنگەن ۋىدىولار روسسىيەنىڭ بولۇپ، شۇ دوستۇمنىڭ سوئالىدىن كېيىن بۇنىڭمۇ مۇئەييەت سەۋەبى بولىشى مۈمكىن دەپ قالدىم.
دەرۋەقە ماتىرىيال ئاختۇرۇپ كۆرۈشۈمدىن ئايان بولدىكى، قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىپتۇ دىگەندەك، بۇ ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك روسلارنىڭمۇ خۇددى بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدىكى ئاكىجانلاردەك سەت قىلىقلىرىمۇ ئاز ئەمەسكەن. جان بېقىش تەس كەلگەندە خۇددى بەزىلەردەكلا ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىشتىن يانمايدىكەن. بۇ ھەتتا بەزىلەرنىڭ مەخسۇس جان بېقىشتىكى كەسپىگە ئايلانغان بولۇپ، شۇنداق پارازىتلارنىڭ بالاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپ قىسىم روسلار ماشىنا ھەيدىگەندە ئالدى تېلكامىرانى ئوچۇق قويىدىكەن. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاپتوموبېل، بىخەتەرلىك، قاتناش، قورقۇنچلۇق، كامېرا، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,855 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: car-mounted-monitor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [بىر كىنو بىر دۇنيا] ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ئۆزگىچە قۇرقۇنۇچلۇق فىلىم «1408» ھەققىدە
- كېيىنكى يازما > تېخنىكا بىلەن ھەپىشىلىدىغان بويتاقلار ياساپ چىققان ھېسابلاش ماشىنىسى، مېۋە كېسىپ ئوينىغىلى بولىدىكەن تېخى!!!
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
دىۋانما بۇ ،،،، چاق چاق ھە،،
سىز ئولتۇرغان دىۋان ھىساب ئەمەس، مانا مەن دىۋاندا ئولتۇردۇم.
مەن ئولتۇرغىنى پىشايۋان ھسىابلىنامدۇ ؟
توۋا . دەپ قويدۇم
يامان قىزىق گۇيلاركەنغۇ بۇ، ماشىنلارمۇ كۆنەپ كىتىپتۇ ،سوقىدىغاننى سوقۋېتىپ قاراپمۇ قويماي كىتىدىكەن، بەزدەك يېتپ بېقىپ بولمىسا توپىلىرىنى قېقىشتۇرۇپ ماڭدىغان گەپ ! تاغتۇرا نوسخىدىكى روسلاركەن بۇ ….
بۇنى كۆرۈپ نېمە دېيشىمىنى بىلەلمەي قالدىم. ما خەقلەرنىڭ ئوبرازى دەھشەت چۈشۈپ كەتتى … قانداق تەۋپىقە بۇ
ئۇنداق پارازىتلار ئارىمىزدىمۇ بار. مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.قاراپ تۇرسام بىر 50 ياشلار ئەتراپىدىكى ئادەم 7 كىشىلىك بولكا ماشىنىنىڭ كەينى چاقىغا كىرىپ يېتىۋالدى. يېرىم سائەتكىچە خەق دېگەن ئولىشىپ بىر ۋەقە قىلىۋەتتى. ياقامنى تۇتۇپ قالغانتىم . مېنىڭ ئاغزاكى ئىسپاتىم بولمىغان بولسا شوپۇر بىرمۇنچە چىقىم بولاتتى شۇ چاغدا
بەسەيلەر بىلەن ئورۇسلارنى بىر بىرىگە ئوخشىتىشقا مەن قارشى . بۇ ئىككى تائىپە بىرىدىن بىرى ئەسكى بولۇپ زادى قايسىسى بەكرەك ناچار بىلگىلى بولماس …
مەن بەك ئۆچ بۇ ياۋروپانىڭ ياۋايىلىرىغا . ھۇ ئېيىقلار
مەن ماشىنا ئالسام ئورنىتىپ قويسام بولغۇدەك كامىرادىن 5-6نى
ۋاي بەك بىچارىكەن بۇلار
1- پىقىر ئۆتمۇشتە ، ھازىرمۇ ، كەلگۇسىدىمۇ بۇ تىمىنىڭ يازما ئاپتۇرىنى تونۇمايدۇ ، ھەم ئاپتۇر بىلەن ھىچقانداق پايدا زىيان ، مەنپەئەت توقۇنۇشۇم يوق ، ئىنكاسىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى (قىستۇرما رەسىم ، خەت ، ھەرىپ ، بەلگە ، ئۈن -سىن ماتىرياللىرى ) ئىنتىرنىت تورىدىن كۆچۇرۇپ ئەكەلگەن ، كۆچۇرۇلگەن مەزمۇننى پىقىر تولۇق ياكى قىسمەن چۇشەنمەيدۇ (ئىنكاس مەزمۇنىنى چۇشىنىش ، ئوقۇش ، مۇلاھىزە قىلىش ، خۇلاسە چىقىرىش ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوق ).
2- يازما ئاپتۇرىنڭ يازغان مەزمۇنى پىقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، پىقىر پەقەت «تېما كۆرۇپ ئىنكاس يىزىش شەرەپ ، ئۆزگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ مەنپەئەت يەتكۇزۇش » مەقسىتى بويىچە «ئېشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ئىچكى ئىھتىياجىنى كىڭەيتىپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش » پىرىنسىپى بويىچە ئىنكاس يېزىپ ، مۇنبەر دەرىجەمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم .
3- پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ۋە باشقا قىسىملىرىنىڭ ئېلېكتىرلىق ، ئوپتىكىلىق، مىخانىكىلىق ئقتىدارلىرىنى سىناش ئۇچۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ پىقىرنىڭ بۇ يازمىغا بولغان تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا بولغان قوشۇلۇشى ياكى قارشى تۇرۇشىنى ئىپادىلىمەيدۇ .
4- تۇمۇشتا خەۋىپ خەتەر كۆپ ، پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ھىچقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ، خىزمەت پوزىتسىيسى ، نىكاھ ۋە دوسىتلۇق ، پەرزەنىت تەربىيسى ياكى سەلبىي قاراشلىرىنى قوللاش ، دارىتمىلاش، رىغبەتلەندۇرۇش ، ئەكىس ئەتتۇرۇش مەقسىتى يوق . قورامىغا يەتمىگەنلەر چوقۇم چوڭلارنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇڭ ، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوقلار بۇ توربەتتىن چىكىنىپ چىقىڭ ، ھەمدە %20 لىك كالىي پېرمانگاناتقا (مارگانسوۋ) %75 لىك دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرىتنى قوشۇپ ئۆزىڭىز ۋە كۆمپىيۇتىرنڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ، CPU , GPU , قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا قاتارلىقلارنى بىللە چىلاپ دېزىنفىكسىيە قىلىڭ .
5- پىقىرنڭ بۇ ئىنكاسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئەمىر پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا ، تور باشقۇرغۇچى ئىنكاسىمنى تازلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئىنكاسنى ۋاقتىدا تازلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان قانۇنغا (ئاساسىي قانۇن ، ئوم قانۇنى ، نىگىزلىك قانۇن ، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنى ، نىيۇتۇننىڭ 1-،2- ، 3- قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار يەرلىك قانۇن نىزاملارنى(يەنى كەينىدە خەنچە 法 خىتى بولغان بارلىق قانۇنلار ، مەسىلەن :加法、减法、乘法、除法、剑法、拳法、脚法、民法,刑法,书法,公检法,基本法,劳动法,婚姻法,输入法,没办法,国际法,
今日说法,吸星大法,与台湾关系法及文中涉及或可能涉及以及未涉及之法,قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ) ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ ) تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ، تالاش تارتىشلاردا پىقىر ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ .
6- پىقىر ھەرقانداق شەكلىدىكى دەرىجە ئاتلاپ تۇتۇپ كېتىشنى رەت قىلىدۇ ، ئەگەر تۇتۇشقا توغرا كەلسە تىما يازغۇچىنى ، تەستىقلىغۇچىنى ،مۇنبەر مەسئۇلىنى ، تور بەت باشقۇرغۇچىنى ياكى قانۇنىي ۋەكىلنى تۇتۇڭ ، زادى تۇتمىسام پۇقرانىڭ غەزىپى بىسىلمايدۇ ياكى باشلىق خاپا بولۇپ مۇئاشىمنى بەرمىسە ، خوتۇن باللىنى باقالماي قالىمەن دەيدىغانلار بولسا ، خاپا بولماي خىزمەت كىنىشكىسى ، كىملىك ، توي قىلىش \ئاجرىشىش كىنىشكىسى ، يالغۇز پەرزەنىتلىك كىنىشكىسى ، ساغلاملىق كىنىشكىسى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىسكىسى ، ئوقۇش پۇتتۇرۇش كىنىشكىسى … ۋە ناھىيدىن يۇقرى دەرجىلىك ھۆكۇمەت ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن تونۇشتۇرش خىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئادەم تۇتۇڭ ، تۇتۇش تەرتىۋى: تېما تەستىقلىغۇچى ، تىما يازغۇچى ، مۇنبەر مەسئۇلى ، تور نازارەتچىسى ، تور بوشلۇقى تەمىنلىگۇچى ، ISP تور مۇلازىمەت تەمىنلىگۇچى ، توك تەمىنلىگۇچى ، كومپىيۇتىر ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلار ، ئويغۇرچە كىرگۇزگۇچ كەشىپ قىلغانلار
7- يۇقارقى مەزمۇننى پىقىر كەلگۇسى نەچچە مىنۇتتا ئۇنتۇپ قالىدۇ ، يۇقارقى مەزمۇنغا نىسبەتەن ھىچقانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ .
8-بۇ ئىنكاسنىڭ ئاخىرقى چۇشەندۇرش ھوقۇقى پىقىرغا مەنسۇپ .
9_ بۇ ئىنكاس بۇ يەرگە خاتا ھالدا چاپلىنىپ قالغان!
9-سى يامان قىزىپ كېتىپتۇ ھا ھا ھا
90 يىللادا پەيدا بوغان 天津大发 قېپ قاپتۇ
http://my.tv.sohu.com/u/vw/31665723?xuid= ماۋۇ سىننى كۆرۈپ بىقىڭلار،ماشىنىغا سوقولدۇم دەپ مۇشۇنداقمۇ چاندۇرۇپ قويغان بارمۇ دەيمەن.
ئەپسانە ………. سىز قالدۇرغان ئادىرستىكى گۇي ئارتىس بولسا رولنى خىلى ياخشى ئالغىدەك ھە ……..