[بىر كىنو بىر دۇنيا] ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ئۆزگىچە قۇرقۇنۇچلۇق فىلىم «1408» ھەققىدە
كونا فىلىمنىڭ ھەممىسىلا يىڭىسىدىن ناچار بولىشى ناتايىن. شۇنىڭدەك قورقۇنچلۇق فىلىمنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق بولىشىمۇ ناتايىن. بەزىدە ئۇنىڭدا ئادىمىلىك ۋە ئىنسانى خىسلەتلەرمۇ بايان قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن دائىم ھەرخىل كومېدىيىلىك ۋە ياكى ۋەھىمىلىك ۋەقەلىكلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. شۇڭا مەن تۆۋەندە سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان قورقۇنۇچلۇق فىلىمنى بەك قورقۇنۇشلۇقمىكى دەپ ئەنسىرمەي خاتىرجەم كۆرىۋېرىڭلار.
فىلىم ئىسمى ۋەھىمىلىك 1408-ئۆي (ئۆزۈم قويغان ئىسىم بۇ) . داڭلىق يازغۇچى Stephen King نىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن. گەرچە بۇ فىلىم مەن كۆرگەن ئەڭ ئېسىل قورقۇنۇچلۇق فىلىم بولمىسىمۇ، ئەمما فىلىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاجايىپ ۋەقەلىك بىلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇب مېنى جەلىپ قىلماي قالمىغان. شۇڭا بەش يىلنىڭ ئالدىدىكى بۇ كونا فىلىمنى تورخۇمارلارغا بىرقۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكۈم كەلدى.
1408 – تەشۋىق فىلىمى
فىلىم ھەققىدە :
فىلىمدە : قورقۇنۇچلۇق ئەسەرلەر يازغۇچىسى مېك دائىم ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ رىۋايەتلەردىكى ئەرۋاھلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاچ ئۆز ئەسەرلىرىگە ماتېرىيال توپلايدىغان ئاددى بىر يازغۇچى. لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئەرۋاھنىڭ مەۋجۇدلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ ئۆز كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان ھەرقانداق بىر ئەپسانىگە نىسپەتەت سەمىمى پوزىتسىيە تۇتمايدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ دۇنياغا داڭلىق دېلفىن مېھمانسايىرى ھەققىدىكى بىر قىزىققارلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولىدۇ. ئېيتىلىشچە مەزكۇر مېھمانساراينىڭ 1408- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى ئۆزىنى ھەر خىل ھالەتتە ئۆلتۈرىۋالغان بولۇپ، ئۆلۈش سەۋەبى كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنھانساراي بۇ ئۆينى سىرتقا قارىتا ئىچىشنى توختىتىدۇ. لېكىن مېك بۇ ئۆيدە خۇددى باشقىلار پەرەز قىلىشقاندەك غەيرى ئەھۋالنىڭ بولىشىغا ئىشەنمەيدۇ ۋە مېھمانساراي دىرېكتورىنىڭ شۇنچە قارىشى تۇرىشىغا قارىماي بۇ ئۆيدە بىر كېچە يىتىپ سىناپ بېقىشتا چىڭ تۇرىدۇ. دېرىكتورمۇ ئۇنىڭ جاھېللىقىغا ئامال قىلالماي ئاخىرى بۇ ئۆينى ئۇنىڭغا ئامەت تىلىگەچ ئىچىپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئۆيدە راسلا شۇنداق كارامەت بارمۇ؟ مېكمۇ مۇشۇ ئۆيدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالامدۇ ياكى باشقىلارغا بۇنىڭ پۈتۈنلەي بىر سەپسەتىلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەمدۇ؟ نەتىجىسىنى يەنىلا فىلىمدىن ئىزدەڭ.
[ فىلىم ئۇچۇرى ]
فىلىم نامى : ۋەھىمىلىك 1408-ئۆي (幻影凶间 1408 )
قويۇلغان ۋاقتى : 2007-يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى (ئامېرىكا)
فىلىم خارەكتىرى : قورقۇنۇچلۇق فىلىم
رىجىسسور : Mikael Håfström
فىلىم ئۇزۇنلۇقى : 140 مىنۇت / 112 مىنۇت
باشقا ناملىرى : 1408 ، 幻影凶间 1408
ۋەقەلىكى : بىر يازغۇچىنىڭ ماتېرىيال توپلاش جەريانىدىكى يولۇققان بىر قېتىملىق ئاجايىپ سەزگۇرەشتىسى.
كەمىنىنىڭ باھاسى : مەن كۆرگەن ئەڭ ياخشى قورقۇنۇچلۇق فىلىملەرنىڭ بىرى.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش :
HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ | مەنبە : تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: قورقۇنچلۇق، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,110 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 1408-themovie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بور جېڭى – ئەجنەبىيلەرنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرى بولىدىكەن، بور ئېتىشىش دېگەن مۇنداق بولمامدۇ؟!
- كېيىنكى يازما > نىمە ئۈچۈن روسلار ماشىنا ھەيدىگەندە دائىم ئالدى تېلكامىرانى ئىچىپ قويىدۇ؟ بۇنىڭدا بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق ؟
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
بەلىكىم دىۋان……
بىلگەندەك كىرىپتىمەن دىسە…
مەن بۇ فىلىمنڭ كۆرۈپ ساراڭ بوپقالاي دېگەن
كىنو چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئايشەم نۇقتا كوم غا يوللىسام بولامدۇ ۋىروسكا …
http://www.ayxam.com
مەنچە چوڭ چاتاق يوق.
سىلىنىڭ بېكەتنىڭ قايتا تېرىلگەنلىكىنى قۇتلۇقلايمەن! ئايەم مۇبارەك بولسۇن!
كىنونى كۆرەي دېگەنتىم، نەدىن ئىزدەپ يۈرەرمەن، ياخشىلىقنى ئاخىرىغىچە قىلىپ كىنونىمۇ يوللىۋەتسىڭىزچۇ
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇردۇمغۇ …
دېمەكچى بولغىنىم «بەخت ئىشىكنى چەككەندە»يوللىغاندەك چەكسىلا قويۇلىدىغان دېمەكچى ئىدىم، كۆردۈم. شۈنلىدىن.
بىز تورخۇماردا تورداشلارنى سۈزۈك نۇسخىدىكى كىنولارنى كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرىمىز. شۇندىلا كىنودىن ھەقىقى ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ كىنونىڭ كۆرۈش ئادىرىسىنى قىستۇرمىغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنىلا كۆرۈش نۇقتىسىنى تەمىنلەشنى ئۇنۇتمىسام بولغۇدەك.
شۇ شۇ يەنە يوللىڭە مۇشتا پەيزى كىنودىن بىرەنى
سەل ۋەسىمىسى باركەن ئەمما قورقۇتالمىدى .شۈنلېي سىز تۇرغان يەردە قويۇلمايدۇ دېدى . فىلىم ئىزلە دىگەن تور بەتتە باركەن ، كۆرۈۋاتىمەن .
بۇلىدىغان كىنوكەن …… رەھمەت . بولسا مۇشۇنداق ئېسىل كىنولارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ……
ۋوللىۋوتنىڭ 2داڭلىق چولپىنى باش رولغا چىققان كىنو بۇ!
ۋىروس ئەپەندى، كىنولىرىڭىز توختاپ قالدىغۇ؟ يەنە تونۇشتۇرماسىز؟