Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
تېخى يېقىندا «windows 7 نىڭ SP1 يامىقى» توغرىسىدا مەخسۇس يازما ئېلان قىلغان ئىدۇق، ياماق توپلاشتۇرۇلغان نەشىرى بولسا ئېنگلىزچە ئىدى. مانا ئەمدى MSDN تەرەپتىن SP1 ياماق توپلاشتۇرۇلغان ئەسلى ھەقىقى نەشىرىمۇ ئېلان قىلىندى! ناۋادا سىز Windows 7 نىڭ خەنچە نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ھەمدە ئەڭ يېڭى SP1 نەشىرىگە كۆتۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ياكى Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئوپتېك دېسكىغا ئويۇپ ساقلاپ قويماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۈگۈن تەدبىركار تەمىنلىمەكچى بولغان ISO تەسۋىر ھۆججىتى ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ!
Windows 7 SP1 نى قاچىلاش ئوپتېك دېسكىسى ھەققىدە:
بۇ نەشىرى، Windows 7 نى يېڭىدىن قاچىلىماقچى بولغانلار ياكى ئوپتېك دېسكىغا ئويۇپ ساقلىۋالماقچى بولغانلارغا ماس كېلىدۇ. بولۇپمۇ XP دىن بىراقلا Win7 غا كۆچمەكچى بولغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تاللاشتۇر. يەنى بۇداقى نەشىرى MSDN تەرەپتىن تارقىتىلغان ئەسلى ھەقىقى نەشىرى بولۇپ، سېستىمىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقى ئەڭ ياخشى نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كونا گەپنى نەقىل ئالساق، تەدبىركارمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاش Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئاساسى مەشغۇلات سېستىمىسى قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە كۆپچىلىككە مۇشۇنداق ئەسلى ھەقىقى نەشىردىكى پاكىز سېستىمىلارنىڭ ئىشلىتىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. ھېلىقىدەك 优化版، 简精版 ۋە يەنە بىر نېمە Ghost نەشىرى دېگەندەك سېستىمىلارنىڭ ھەممىسى پاخ-پاخ سېستىمىلار، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ھەرگىزمۇ ئەسلى نەشىردىكى سېستىما بىلەن تەڭداش بولالمايدۇ.
ناۋادا سىز ھازىر Windows 7 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، SP1 يامىقىنى ئايرىپ چۈشۈپ ئورنىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى بولسا، SP1 يامىقى توپلاشتۇرىۋېتىلگەن MSDN دىن تارقىتىلغان ئەسلى ھەقىقى نەشىرىنىڭ ISO تەسۋىر ھۆججىتى. ISO ھۆججىتىنى LevinISO غا ئوخشاش يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا شەكلىدە ھاسىل قىلىۋېلىشقىمۇ، ياكى IMGBurn غا ئوخشاش يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق مەخسۇس ئوپتېك دېسكىغا ئويۇۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.
قوشۇمچە: Windows 7 نى نەزىرىيە جەھەتتىن يېشىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىراق كۆپچىلىكنىڭ قۇربى يەتكەن ئەھۋالدا يەنىلا ئامال بار ھەقلىق نەشىرىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى 32 بىتلىق نۇسخىسى | مەنبە: تەدبىركار تور بېكىتى | Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى 64 بىتلىق نۇسخىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: Microsoft، windows، windows7، چۈشۈرۈش، سېستىما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,439 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows7-with-sp1-msdn-iso.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- كېيىنكى يازما > Windows 8 Professional نىڭ RTM نەشىرى ئاشكارىلاندى
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېنگلىزچە 26 ھەرپتىن تۈزۈلگەن تەگرەسىملەر
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
دىۋان!
مەنمۇ شۇ ئوغرى نەشىرىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن نامرااتچىلىقتاھې ھې ھې ھې ھې………….
بۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي ھە
ھەيييييييييييييييييي………………
تەستىقلاش نومۇرىچۇ بۇنىڭ نومۇر سوراپ تۇرىۋالدى ياردەم قىلىڭلا دوسلا ،
بۇ تېخى ھەقسىز ئەمەسمىكەن ؟؟؟؟
بۇنىڭ تەستىقلاش نومۇرىچۇ؟ئاران تەستە بىر چۈشۈرسەم ،تەستىقلاش نومۇرىنى سوراپ تۇرىدىيا بۇ !!
vista با مۇ
تېمىڭىزنى كۆرۇپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم !!
چۇشۇرۇپ قاچىلاپ باقاي . مەن يېڭىدىن win7
قاچىلىغان ئىدىم . رەخمەت !!!!!!!!!!!!!
قاچىلاش نۇمۇرى بولمىسا قانداق قاچىلايمىز بۇنى ئەمدى