نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows,نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر

نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا، Inflow Inventory شىركىتى باش شىركەت Archon Systems توردا بىر قېتىملىق Windows8 logo لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تورداشلار ئۆزى windows8 ئۈچۈن لايىھەلىگەن Logo لارنى مۇسابىقە خالىغانچە قاتناشتۇرسا بولاتتى. بۇ ئىش كېيىن Microsoft نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورگان تەرەپ Logo ئەندىزىسىنى ئاشكارىلىغان.

windows8-logo-design

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە مۇسابىقە ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولۇپ، يۇقارقى سۈرەتتىكىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ئەسەر شۇ. بۇ لايىھەنى ئىسىم-زاتى ئېنىق بولمىغان بىرەيلەن "Biaggong" ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ لايىھەلەپ چىققان.

تۆۋەندە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 15 دانە Logo نى كۆرۈپ باقايلى:

windows8-logo-design-01



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. Forever 2012.05.06 , 15:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالدۇرراق بىلگەن بولسام مەنمۇ سىناپ باقىدىكەنمەن :sad:

  2. ئۇچقۇر 2012.05.06 , 16:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Windows8 نىڭ Logo سىدا تورخۇمارنىڭ Logo سى نىمىش قىلىدۇ ؟؟؟ :roll:

  3. خىسلەت 2012.05.06 , 18:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشلىتىۋاتقان win7 نىڭ ئورنىغا win8 قاچىلاشنى بىر ئۈگەتسىڭىز بولاتتى، مەن قاچىلاي دىسەم ئەسلىدىكىنى ئۆچۈرمەيلا قاچىلايدىغاندەك تۇرىدۇ:grin:

    • تورخۇمار 2012.05.06 , 18:52

      ISO نى دېسكىغا ئويۇپلا قاچىلاڭ.

  4. Geek 2012.05.07 , 10:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ISO نى ئويماي تۇرۇپمۇ قاچىلىغىلى بولىدىكەن ……

    • ئاماندار 2012.05.07 , 16:23

      مۇشۇ ISOنى ئويماي تۇرۇپ قاچىلاش ئۇسۇلى ۋە دېتال مەنبەسىنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز مەنمۇ سىناپ باقاركەنمەن:mrgreen:رەخمەت

    • Geek 2012.05.19 , 10:40

      ubuntu نى دېسكىغا ئويماي تۇرۇپ قاچىلاش ئۇسۇلى بۇ يەردە بار مانا ، تەپسىلى ئوقۇپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .

      http://www.uztaj.com/wubi-ubuntu-installer

  5. ئارسلان 2012.05.07 , 20:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سول تەرەپ ئۈستىدىن سانىغاندا ئىككىنجىسى ماڭا يارىدى،گەيتىس قارىمنىڭ تېلفۇن نومۇرى بارلار دۇەنشىن يوللىۋېتىڭلا:lol:
    تور خۇمارغا ئوڭ تەرەپ ئاستىدىن سانىغاندا ئىككىنجىسى چۈشۈپ قالىدىكەن،تورخۇمارنىڭمۇ ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتى بوپ قالدى لوگو نى، كېيىن ھەممە تونۇپ كەتكەندە تەس بولامىكى دەيمىنا:grin:

  6. oppop 2012.05.15 , 21:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سول تەرەپ ئۈستىدىن ئۈچىنجىسى بىزنىڭ ئەتلەسكە بەك ئوخشاپ قالىدىكەن ،ماڭا بەك يىقىپ قالدى.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量