كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئاجايىپ كىنو تەشۋىقات رەسىملىرى! ئارىسىدا قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
ھوللىيۋد كىنولىرىنىڭ تەشۋىقات رەسىمىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولىدۇ. بەزى فىلىملەرنىڭ مەزمۇنى گەرچە ھېچقانچە بولمىسىمۇ، بىراق تەشۋىقات ۋاراقچىسى ئالاھىدە ئۆزگىچە لايىھەلىنىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ئادەتتىكى فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تېخى ئادەمنى ئاز-تولا شۈركەندۈرىشىمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە شۇ خىلدىكى كىنو–فىلىم تەشۋىقات رەسىملىرىدىن بىر قانچىنى كۆرۈپ باقايلى…
1.«قارا كىيىملىك ئادەم»
2012 : ئەگەر زىچلىقتىن قورقۇش كىسىلى بارلار ئەڭ قورقىدىغان مانا مۇشۇ ئېلان-تەشۋىقات رەسىملەرنى تاللىساق مانا بۇ رەسىم گەپ سۆزسىز بىرىنجى بۇلۇپ تىزىلىدۇ . ئەگەر سىز يەنىلا بۇ رەسىمگە نىسبەتەن گۇماندا بولسىڭىز ئەمسە بۇ رەسىمنى چۈشۈرىۋېلىپ سىنچىلاپ قاراپ بىقىڭ . سىزگە مۇتلەق كۆزىڭىز ئايلىنىۋاتقاندەك، يۈرىكىڭىز سىلىۋاتقاندەك ياكى تىترەۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ رەسىمنىڭ لاھىيلىنىشىدا پەقەت بىرلا ئىلمىنت قوللىنىلغان . ئۇ بولسىمۇ كىچىكلىتىلگەن ئىسىم كارتىسى :MIB3 .خەتنى توملىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق ئالاھىدە خادىمنىڭ چىرايىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن . بۇ زادى كىمۇ ؟ قارىغاندە ۋېر شىمىسنىڭ ئالاھىدە بولغان بەش ئەزاسىغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ.
2.«قورقۇنچلۇق توك ھەرىسى6»
2009 : بۇ ئېلان-تەشۋىقات رەسىمىنىڭ يەنە بىر خىل ھەركەتچان نۇسخىسى بار بۇلۇپ ئۈنۈمى كىشىنى تىخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ . جىمىرلاپ تۇرغان ئادەملەر توپى خۇددى چۈمۈلىلەرگىلا ئوخشايدۇ .
3.«قورقۇنچلۇق توك ھەرىسى6»
2009:بۇ رەسىمنىڭ زىچلىقى توغرىسىدا سۆز ئېچىلغاندا غەلىتىلىك بۇياقتا تۇرسۇن ئاشۇ قان سۈمۈرتۈلگەن ئوكۇل يىڭنىلىرىلا كىشىنى يۈرىكىنى تىترىتىدۇ .شۇنداق زىچ جىپسىلەشكەن قورقۇنۇچلۇق يىڭنىدىن تۈزۈلگەن كىيىم كىيىۋالغان بۇ ئايالنىڭ ئەپتىدىنلا شۇنچىلىك ۋەھىمە چىقىپ تۇرىدۇ.
4.«ئۇرۇش شاھى»
2005 : بۇ ئەسەر نىگولاس كېجنىڭ بۇ زامانلاردا ئىشلىگەن كىنولىرى ئىچىدىكى ئەڭ نادىر بىرسى ھىسابلىنىدۇ .رەسىمدە ئۇنىڭ چىرايى سانسىز ئوقلاردىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ كىنودىكى سالاھىيىتىنى ئىنىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
5.«ئالۋاستىنى ئۆيگە باشلاش»
2006:بۇ كىنو داڭلىق‹‹كىچىدىكى قۇڭغىراق ئاۋازى›› دىگەن كىنونىڭ ئىزىنى باسقان بۇلۇپ ،2001-يىلى ياپونىيە ئىشلىگەن ‹‹ئۆيگە قايتىش››دىگەن دىگەن كىنودىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن . كىنونىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئويلىماي تۇرايلى مانا مۇشۇ رەسىملا كىشىنىڭ قەلبىنى قورقۇنچقا سالىدۇ ، سوغۇق كۆك رەڭ ۋە سانسىز جۈپ قوللار ، چوڭقۇر قارا ئۆڭكۈر ۋە يىنىپ تۇرغان بەش ئەزا ….
6.«جانغا زامىن سېھرىگەرلىك»
2006 : زىچ بۇلۇپلا قالماي يەنە ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان بىر پارچە رەسىم ، بىرلا ئېغىز سۆز : ئاھ خۇدا !
7.«قۇشلار توپى»
1963: بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر زىچلىقتىن قورقۇش كىسىلى تەسۋىرلەنگەن ۋەقە ، بىر تال قۇش نەزىرىمىزدە بەلكى بىر ئەرمەك ھايۋان بۇلۇشى مۇمكىن. بىر توپ قۇش بەلكى گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، بىراق ئاسماننى قاپقارا ھالدا توسىۋالغان غەزىپى تاشقان بىر ئوچۇم قۇشلار بىر ئاپەتكە ئايلىنىدۇ.
8.«ئاۋارىيەدىن كىيىن»
2012 : بۇ ئەڭ يىڭى ئېلان- تەشۋىقات رەسىمى بۇلۇپ بىر بالا ئىلىكتىرنى ياندۇرۇپ بىر نەرسە ئىزدەۋاتىدۇ ، بىز بىر قاراپلا بۇ يىپ ئۇچىنى بىلەلەيمىز. بۇ رەسىمنىڭ زىچلىق خاراكتىرى بەك زور ئەمەس ، چۈنكى ئاچقۇچ دىگەن بىر ئاز چوڭراق نەرسىنىڭ ئۇقۇمى . قانچىلىك كىچىك نەرسىنىڭ زىچلىق قورقۇنچى شۇنچىلىك كۈچلۇك بولىدۇ.
9.«101 دانە داغلىق ئىت»
1996: 101 دانە قارا داغلىق ئىت بىر يەرگە كەلگەندە جىپسىلىشىپ زىچلىشىپ كەتكەن بۇ داغلار باشنى قايدۇرىدۇ. لىكىن يەنە مۇشۇ ئىتلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كىشى يەنە باشقا خىل ھىسياتتا بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: رەسىم، قورقۇنچلۇق، كىنو، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,043 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: terror-poster.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفت ھەزىل قىلىنغان كىچىك فىلىم: ناۋادا Microsoft مۇ Windows Project Glass نى بازارغا سالسا…
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
قۇقۇنۇچلۇق كىنونى پەقەت كۆرمەيمەن!
ياپوننىڭ بىر كىنوسىنى كۆرۈپ يامان قۇرقۇپ كەتكەن
بۇنداق كىنولار بىۋاستە ئادەمنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن
دىۋاننىڭ خوشنىسى…..
قورقۇنۇچلۇق فىلىملەرنى ئادەتتە قورقۇپ تۇرۇپ كۆرىمەن، لىكىن-زە، بىر ھەپتىگىچە كۆرۈنۈشلىرى ئىسىمدىن چىقماي سەل ئاۋارە قىلىپ قويىدۇ شۇ…
چەتئەللىكلەر ھەقىقەتەن تەسەۋۇرغا باي دىسە. بۇ كىنولارنى قايدىن تىپىپ كۆرەمىز ئەمدى ؟
مەن بەك ئامراق قورقۇنچلۇق كىنولارغا،بۇلۇپمۇ ئادەم پارچىلايدىغان تۈردىكىلەرگە.بەك ۋەھشي !
مەن ئادەم يەيدىغانلىرىغا ئامراق !
مەن 1_ 2_ 3_ 4_ 9_ كىنولارنى كۆرۈپتىمەن
مەن ئادەم قورۇپ يەيدىغانلارغا ئامراق!
قورقونوشلوق فىلىملەرگە مەنمۇ بەك ئامراق نەدىن تاپىمىز ئۇنداق كىنولانى كىچىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بىر كۆرەي
مەن ئۈچنى كۆرمەپتىمەن، قالغىنىنى كۆرۈپ بوپتىمەن دېسە
ئالدىنقى قېتىم نەۋرە ئاكام بىر قورقۇنۇچلۇق كىنونى بىللە كۆرىمىز دەپ چاقىرغان ئىدى،ماقۇل دەپ كىردىم،(ئۇ دائىم ئاشۇنداق قورقۇنۇچلۇق كىنولارى كۆرەتتى) كۆرۈۋېتىپ بىرسى توك ھەرىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان يەردە كەينىمدىن ‹‹بــــــــــــــــــوھ!›› دەپتى قولۇم ئىتىك كېتىپ مۇش بىلەن تۇمشۇقىغىلا بىرنى ساپتىمەن،بىچارىنىڭ بۇرنىدىن خېلى ۋاقتقىچە قان توختىمىدى، شۇندىن كېيىن قورقۇنۇچلۇق كىنو كۆرمەكچى بولسا ماڭا ھەرگىز دېمەيدۇ
ئۇكۇللۇك كۆينەكنى كىيىپ ئۆچ ئادەملىرىمگە سانجىۋەتسەم
مەنمۇ قورقۇنۇچلۇق كىنولارنى ئانچە مۇنچە كۇرۇپ قويىمەن لىكىن شۇ ھىلىقى شىنجاڭنىڭ تىلسىمات دىگەن كىنو يادىمغا كەلسىمۇ بىر قورقۇپ توختايمەن دىسە. لىكىن ھىلىقى چەتئەلنىڭ ئەزرائىل كەلدى دىگەن كىنولىرىغا بەك ئامراق.