بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
بۇ يىل يازدا، مىكروسوفت windows 9 دىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بىۋاستە Windows 10 نى چىقارماقچى. Win10 جەمئىي 111 خىل تىلنى قوللايدىغان بولۇپ، 190 دۆلەتتە تارقىتىلىدىكەن. بارلىق Windows 7 دىن يۇقىرى ئىشلەتكۈچىلەر ھەقسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلەيدىكەن، ئۇنىڭ باشقا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى:
دۆلىتىمىزدىكى 360 ۋە 腾讯 شىركەتلىرى مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەقسىز Windows 10 غا كۆتۈرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىكەن، يەنى سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ئوغرى نەشىرىدىكى Windows بولسىمۇ، بىر كۇنۇپكا بىلەن ھەقسىز Windows 10 غا كۆتۈرەلەيدىكەنسىز. بۇ مۇلازىمەت XP دىن تارتىپ 8 گىچە ھەممە Windows قا ئورتاق ئىكەن.
ئاجايىپ چىرايلىق يېڭى تەگرەسىملەر
كۆرۈنمە يۈزىدە قارىماققا چوڭ ئۆزگىرىش يوقتەك
ئەڭ چوڭ يېڭىلىق، پۇلغا قوشۇپ بېرىدىغان بىر يېڭى 3D كۆزئەينەك
بۇندىن كېيىن ئۆزىڭىز مۇشۇنداق مەشغۇلات قىلالايدىكەنسىز
كۆپ كىشىلىك يىغىن ئاچقاندىكى مەشغۇلات مۇنداق بولىدىكەن
XBox ھېسابات نومۇرى بىلەن بىۋاستە تىزىملانغىلى بولىدۇ ھەمدە ئويۇن ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقىلى بولىدۇ
ئەمەلىيەتتە، مىنا تازىلاش بىلەن قارت ئويۇنى بار بولسىلا، باشقا يېڭىلىقلار بىز ئۈچۈن بەرىبىر، شۇنداققۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 31,419 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: summer-free-win10-3d-glass.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- كېيىنكى يازما >
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس(Bill Gates) نىڭ ھاياتىغا قىززىقامسىز؟
- ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
- مىكروسوفت ھەزىل قىلىنغان كىچىك فىلىم: ناۋادا Microsoft مۇ Windows Project Glass نى بازارغا سالسا…
- سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
پاھ . راستىنلا قالتىسكەن . ئاۋۇ 3د كۆزەينەكمۇ راسمۇ ياكى تەشىۋىقات رەسىمىمۇ ؟
مەن خىلى ئۇزاق بولدى ئوغرى نەشىرنى ئىشلىتىۋاتقىلى .خىلى يامان ئەمەس،لىكىن ئاۋۇ3dكۆزئەينەكتە ماندا ماندا قىلدىغان راس ئەمىلىيەت مىكەنيا بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق بولىدۇ دىگەن گەپمۇ …..ھە راس 111تىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىمۇ بامىدۇ
ئالدى بىلەن دىۋانە
ئەمدى ئاسى مەقسەتكە كەلسەك…
ۋاھ نىمانداق ياخشى قاچان ئىلان قىلدىغاندۇ…
ئەڭ چوڭ يېڭىلىق، پۇلغا قوشۇپ بېرىدىغان بىر يېڭى 3D كۆزئەينەك ھا ھا ھا
مەندەك ھەقسىز win 8 ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ يىڭىيالايدىكەن راسگەپمۇ بۇ ؟
يېڭى سېستىما دېگەن بىلەن نۇرغۇن يۇمتاللارنى قوللىمايدۇ ھەقىچان
شۇنىڭ بىلەن يەنەXP ئويناپ شۇ …
ئاداشلار خۇماداشلار راسلا يىڭىلىككەن ماۋۇ ئەجەپ ياخشى مۇشۇ wi8گە كۇچۇپ بۇلالمىغانتىم ئەمدى ھەقسىز 10غا كۇچىدىغان بۇپتۇق . ئاغزىم قۇلاغىمغا يىتەيلا ئائەپ قالدى جۇما ؟ ئىنىق ۋاقتى قاچانلىراقتۇ
ئەمەلىيەتتە، مىنا تازىلاش بىلەن قارت ئويۇنى بار بولسىلا، باشقا يېڭىلىقلار بىز ئۈچۈن بەرىبىر، شۇنداققۇ؟
راست، باشقىلىرى بىز ئۈچۈن بەرىبىر…..
پەلسەپىۋى گەپتىن بىژنى دىۋىتەي :
تاشقى كۈرنىشىدىن شۇنداق ئىسىل ھەم ياخشى كۈرۈنگەن نەرسىنىڭ كەينىدە بەلكىم سىزنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغىدەك ئىشلا بۇلشى مۇمكىن —-ئابومجان مۇئەللىم
گەپكە دىققەت قىلساق ، بىز گە ھەقسىز سوۋغا قىلىدىكەن ، لىكىن بىزنى بىر ئۆمۈر بىكارغا ئىشلىتىسىز دىمەپتىغۇ ؟ ئاسماندىن بۇنچىۋالا جىق تۇقاچنىڭ چۈشكىنىدە چۇقۇم بىر گەپ با ، سۇيقەسىت !
بەلكىم ئەپلەرنىڭ نوچىلللىرىنى پۇللۇق قىپقۇيا ، با بوممىسا ھەقىقى نەشىرگە كۆتۈرمىسىڭىز بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتەممەيسىز دەپ قورقۇتا ، ۋە ياكى نەشىرنى 10غا بىرلا كۆتۈرگەندىن كىيىن xp دىگەنگە قايتامماس قىپقۇيا ، ئىشقىلىپ بىر ھۈنەر باغۇ بۇنىڭدا
ئابومجان مۇئەللىم بوپتۇدە
ماڭا ئاۋۇ كۆزەينىكى يارىدى.قانچە سومدىن ساتا؟