نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner

بۈگۈن تەدبىركار كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغان قورال CCleaner بولسا بىر خىل سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ھەقسىز يۇمشاق دېتال! CCleaner سېستىمىڭىزدىن ئىشلىتىلمەيدىغان كېرەكسىز ھۆججەت ۋە ئەخلەتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ تازىلاپ بېرەلەيدۇ، Windows مەشغۇلات سېستىمىڭىزنى تېخىمۇ تېز، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇپ، قاتتىق دېسكا سىغىمىنى زور دەرىجىدە تېجەپ بېرەلەيدۇ!

ccleaner

سىناپ ئىشلىتىش جەريانىدا CCleaner بىردەمدىلا 2GB تىن ئارتۇق ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاپ بەردى، ھەقىقەتەن قالتىس قورالكەن، Windows7 نى مۇكەممەل قوللايدىغان بولۇپ، ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلىدىكەن.

CCleaner1

CCleaner نىڭ يەنە بىر چوڭ ئىقتىدارى بولسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ تورغا چىقىش خاتىرىسىنى تازىلاش. CCleaner نىڭ سىغىمى كىچىك، قوزغىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ۋاقىتلىق ھۆججەت، مەشغۇلات خاتىرىسى ھۆججەتلىرى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ھۆججەت تازىلاش ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن يەنە، windows نىڭ تىزىملاش جەدۋېلى(RegEdit)گە نىسبەتەن كېرەكسىز ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە تازىلاش ئىقتىدارى بار، قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى سېستىمىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى قوشۇپ قويۇلغان، Cookies تازىلاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، بىرلا ۋاقىتتا FireFox، IE قاتارلىق قاتارلىق تور كۆرگۈلەرنى قوللايدۇ. ھېچقانداق لۈكچەك قىستۇرما ياكى ئەخلەت پروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە جەمئىي 26 خىل دۆلەت تىلىنى قوللايدۇ.

CCleaner2

CCleaner ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاشتا باشقا يەنە يۇمشاق دېتاللارنى Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم جاھىل قوراللارنى ئەخلەتلىرى بىلەن قوشۇپ تازىلىۋېتىشكە بولىدۇ.

CCleaner3

CCleaner بىرلا ۋاقىتتا يەنە Opera،FireFox،IE قاتارلىق جاھاننامىلەرنى قوللايدۇ، ناھايىتى ئاسانلا زىيارەت خاتىرىسى، Cookies، ئاپتوماتىك تاماملاش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى تازىلىيالايدۇ. ھەتتا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارغا نىسبەتەن "يېقىندا ئېچىلغان ھۆججەتلەر" تىزىملىكىنىمۇ تازىلىيالايدۇ! مەسىلەن: Media Player ، Netscape ،MS Office ،Adobe Acrobat ،WinRAR قاتارلىقلار؛

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

CCleaner نى چۈشۈرۈش      |     مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۇرنىجات 2012.08.20 , 20:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېنى مېھمانلار تۆرگە!:mrgreen::mrgreen:

  2. ئىمكانسىز 2012.09.23 , 20:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاتامان ،ماۋۇ نەرسە يامان ئىسىلدەك كۆرۈنگەنتى،،ئەمما چۈشۈرۈش ئادرىسى خاتامۇ قانداق،بىر تالاي ئىنگىلىزچە نەرسىلەر چىقىپ كەتتىيا،،بولسا قايتا بىر تەڭشەپ بەرسىڭىز ھە،،،،
    ھەراست،،دىۋان دىگەن يەرگە چىقىپ قالارمەنمۇ،:mrgreen:

    • تورخۇمار 2012.09.23 , 23:03

      سول تەرەپتىكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

  3. چاشقان 2013.01.04 , 23:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىزدىن سوراپ باقسام، بۇنىڭ 清理器 نىڭ 应用程序 دىكى توغرا بەلگىسى قويۇلغان پروگراممىلارنى ئۆچۈرۋىتەمدۇ؟ تەپسىلى دەپ بەرسىڭىز.

    • تورخۇمار 2013.01.05 , 00:04

      ياق. پەقەت شۇ پروگراممىلار ھاسىل قىلغان ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ. ناۋادا پروگراممىنىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، 工具 نىڭ ئىچىدىن ئۆچۈرمەكچى بولغان پروگراممىنى تاللاپ ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量