نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىچىك تېخنىكىلار > يازما مەزمۇنى

[ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى

نۇرغۇنلىغان تورداشلار 32بىتلىق سىستېما (32位系统) قانداق سىستېما، 64 بىتلىقچۇ (64位系统) دەپ سورىشىدۇ. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئۇلارنىڭ پەرقىنى قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي.

x86x64

ئالدى بىلەن نېمىنىڭ 32بىتلىق سىستېما ۋە 64بىتلىق سىستېمىلىقىنى چۈشەندۈرەي
32بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا، CPU نىڭ بىر قېتىملىق ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ 32بىت ياكى 64بىت ئىكەنلىكى. بۇ يەردە يەنە “بىت” دېگەن ئۇقۇم چىقىپ قالدى، شۇڭا بۇنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار بولدى، 32 بىت ۋە 64 بىت نى تېگىدىن چۈشەندۈرۈپ كەلسە بىر كىتاب بولۇپ چىقىدۇ ….
32بىتنىڭ ئىپادە بەلگىسى بولسا : x86
64بىتنىڭ ئىپادە بەلگىسى بولسا : x64

بىز ھازىر سېتىۋالغان CPU لارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 64بىتلىق CPU، لېكىن ھېچقايسىسى ھەقىقىي مەنىدىكى 64بىتلىق CPU ئەمەس، پەقەت 32بىتلىق CPU ئاساسىدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 64 بىتلىق CPU نىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئالاھىدىلىكىنى ئەكىرگەن. لېكىن يەنىلا 64بىتلىق CPU دەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى 64 بىتلىق CPU نى دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاسترونومىيە قاتارلىق غايەت زور ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىدىغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىدۇ. CPU بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق ھەم مۇرەككەپ، جۈملىدىن 32بىتلىق CPU بىلەن 64بىتلىق CPU نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بەزى ئالماشتۇرۇشلار ئوخشىمايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا 32بىتلىق CPU ئىچكى ساقلىغۇچتىن 2نىڭ 32-دەرىجىسى= 4294967296(bit)يەنى 4G ئەتراپىدىكى ئورۇننى ئىشلىتەلەيدۇ، 64بىتلىق بولسا 2نىڭ 64-دەرىجىسى = يۈز مىليون دىن ئارتۇق GB ئورۇننى ئالالايدۇ.
مانا بۇ دەل 32بىتلىق سىستېما 4G ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، 64بىتلىق بولسا چەكلىمىسى يوق دەپ ئېتىلىدىغان گەپنىڭ سەۋەبى.

بۇ يەردە 32بىت ۋە 64بىتلىق دەپ ئېيتىلىدىغان مۇنداق ئۈچ نەرسە بار.

1. 32بىت ۋە 64بىتلىق CPU يەنى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ
بايا ئېيتقىنىمىزدەك ھازىر بازاردىكى بارلىق CPU 64بىتلىق بولىدۇ، شۇڭا قايسىسىنى سېتىۋالىدىغان ئىشتۇ دەپ ئەندىشە قىلماڭ، بىراق بازاردىكى ھەممىسى 64بىتلىق بولغان بىلەن سىزنىڭ ئاسار ئەتىقە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ CPU سى 64بىتلىق بولىشى ناتايىن، بۇنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :

1

2

2. 32بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى
مەشغۇلات سىستېمىسى CPU ئۈچۈن ياسالغان بولىدۇ، مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ شۇ CPU دىكى مەۋھۇم ھېسابلاشلارنى سىزگە چۈشىنىشلىك بولغان كۆزنەكسىمەن كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىپ بېرىش. شۇڭا مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ 32بىت ۋە 64بىتلىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. مەشغۇلات سېستىمىڭزنىڭ قانداق بىتلىق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :

1

3

3. 32بىت ۋە 64بىتلىق قوللىنىشچان دېتاللار
مەشغۇلات سىستېمىسى CPU ئۈچۈن ياسالغان، قوللىنىشچان دېتال بولسا مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن ياسالغان، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا بۇلار ھەممىسى CPU ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھازىرقى CPU ھەممىسى 64بىتلىق بولغىنى بىلەن قوللىنىشچان دېتاللار ۋە مەشغۇلات سىستېمىنىڭ ھەممىسى 64بىتلىق بوپ كەتكىنى يوق، بولۇپمۇ 64بىتلىق دېتاللار ساناقلىقلا، شۇڭا 64بىتلىق دېتالغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ، ئەسكەرتىلمىگەن، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان دېتالنىڭ ھەممىسى 32بىتلىق. شۇڭا بۇنى ئالايىتەن تەكشۈرۈپ ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

32بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ پەرقى :

1. لايىھەلەش مەقسىتى ئوخشىمايدۇ.
64بىتلىق سىستېمىنى دەسلەپتە مېخانىك لايىھەلەش، 3ئۆلچەملىك كارتون، سىن بىرتەرەپ قىلىش ۋە ياساش ۋە بەزى يۇقىرى پەن تېخنىكلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسىغان. بارا-بارا ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ سىڭىپ كىرگەن.

2.سەپلىمە تەلىپى ئوخشىمايدۇ.
64بىتلىق سىستېمىنى پەقەت ۋە پەقەت CPU سى 64بىتلىق بولغان كومپيۇتېرغىلا قاچىلىغىلى بولىدۇ. 32بىتلىق سىستېمىنى 32بىتلىق ۋە 64بىتلىق CPU لىق كومپيۇتېرىنىڭ ھەممىسىگە قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قىلىش ئۈچۈن 64بىتلىق سىستېمىغا 64بىتلىق دېتالنى ئىشلەتسىڭىز ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز، لېكىن 64بىتلىق سىستېمىغا 32بىتلىق دېتالنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ھېچقانداق ئوخشىماسلىق ھېس قالمايسىز، بەزىدە ئەكسىچە تېخىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ. چۈنكى 64بىتلىق سىستېما 32بىتلىق دېتالنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى بارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى 32بىتقا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن 32بىتلىق دېتالنى ئىجرا قىلىدۇ، سۇڭا ئاستا بولىشى تۇرغانلا گەپ.

3. ھېسابلاش سۈرئىتى ئوخشىمايدۇ،
تومتاق قىلىپ ئېيتقاندا 64بىتلىق CPU بىر قېتىمدا 64 ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ، 32بىتلىق CPU بىر قېتىمدا 32 دانە ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ CPU رىڭىز 64بىتلىق بولسا ھېسابلاش سۈرئىتى 2 ھەسسە ئاشتى دېگەنلىك ئەمەس، ھەرگىزمۇ!!! بۇنىڭدىكى پەرقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن سىز چوقۇم 64بىتلىق CPU سى بار كومپيۇتېرغا 64بىتلىق سىستېما قاچىلاپ ئاندىن 64بىتلىق يومشاق دېتالنى ئىشلىتىپ مەسىلەن فوتوشوپنىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى دېگەندەك، ئاندىن ھېس قىلالايسىز، سەل پەل تېزلەشكىنى ھېس قىلىسىز بىراق ھەرگىزمۇ 2 ھەسسە ئەمەس!

4. قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چوڭلىقى ئوخشىمايدۇ.
بايا ھېسابلاپ چىققاندەك، 32بىتلىق سىستېما (مەيلى ئۇ قانچە بىتلىق CPU بولسۇن ) ئەڭ چوڭ بولغاندا پەقەت 4G ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، بىراق ئەمەلىي ئەھۋالدا پەقەت 3.2G لا بولىدۇ، بۇ سىستېمىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 64بىتلىق سىستېما قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چوڭلىقى نەزەرىيە جەھەتتە چەكسىز دەپ بىلىشكە بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋالدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 156G.

5. يۇمشاق دېتالنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ.
64بىتلىق يۇمشاق دېتاللار گويا تامچە سۇ، 32بىتلىق دېتاللار بولسا چوڭ كۆل. دېمەكچى، 64بىتلىق دېتاللار ناھايىتى ئاز، چۈنكى 64بىتلىق سىستېما تېخى ئومۇملىشىپ بولغىنى يوق، شۇڭا ئاچقۇچىلارمۇ 64بىتلىق سىستېما ئۈچۈن دېتال ياشاشنى كۆپ ئويلىشىپ كەتمەيدۇ!

يۇقىرىقىلاردىن كېيىن ئىشىنىمەنكى كۆپلىگەن دوستلىرىمىز 32بىت ۋە 64بىتقا خېلى چوڭقۇر تونۇشتا بولدى. XP ئىشلىتىدىغان دوستلىرىمىز بېشىڭلارنى قاتۇرماڭلار، چۈنكى XP نىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى يوق، Vista ۋە Win7, Win8 نىڭ 32بىت ۋە 64بىتلىق نەشرى بار.
64بىتلىق سىستېمىنىڭ باسىدىغان مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن، بىراق كېيىنكى مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ ئېقىمى بولىشى ئېنىق گەپ. ئاخىردا بۇلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا، قايسىنى قاچىلىسام ياخشى بولا؟ دەيدىغان دوستلىرىمىزغا يازمىغا ئاساسەن كۆرسەتمە بەرسەم:

1. ئەگەر سىز XP نىڭ زاكا ئاغىنىسى بولسىڭىز بۇنداق سوئاللارنى سورىماڭ، ۋە ئەخمەقلىك قىلىپ 4G دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىۋالماڭ!
2. CPU رىم 64بىتلىق، ھەم 4G دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىپ باققۇم بار! دەيدىغان دوستلار 64بىتلىق سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ.
3. CPU رىم 64بىتلىق، 4G ساقلىغۇچ ماڭا يېتىپ ئاشىدۇ، ھەم جىق ئىشلارنىمۇ قىلپ كەتمەيمەن دەيدىغان دوستلار ئىككى پۈتنى جۇپلاپ 32بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىۋېرىڭلار، بولمىسا ئارتۇق ئاۋارىچىلىق چىقىدۇ.
4. 64بىتلىق سىستېما ئىشلەتسە قانداق بولىدىغاندۇ؟ دەيدىغان دوستلارمۇ جىم ئولتۇرۇپ 32بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىڭلار! مېنىڭ جاۋابىم: ھېچقانداق بولمايدۇ!
5. كومپيۇتېرنى ئانچى مۇنچە بىلىمەن، ھەم سىستېما قاچىلاش دېگەنلەرگە پۇختامەن! دەيدىغان دوستلار قىزىقىشىڭلار بويىچە قاچىلاپ باقساڭلار بولىدۇ.
6. كومپيۇتېرىم ئويۇنغا لىق توشاق! دەيدىغان دوستلارمۇ ھاياجانلانماي، بۇرۇنقى پەدەڭدە تۇرىۋېرىڭلار! 64بىتلىق سىستېمىدا بەزى ئويۇن ئېچىلمايدۇ.
7. Adobe نىڭ دېتاللىرى كۆپ ئىشلىتىمەن، 3Ds MAX ئوينايمەن، سىن بىرتەرەپ قىلىمەن! دەيدىغان دوستلارنىڭ 4G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سېتىۋېلىپ، 64بىتلىق سىستېما ئىشلىتىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سۈرەت، ئۈن. سىن بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 64بىتلىق نەشرى بولىدۇ، چۈنكى 64بىتلىق سىستېما سۈرەت، ئۈن-سىن بىرتەرەپ قىلىشتا ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك تېز!

ئەڭ ئاخىردا ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن جاكارلايدىغىنىم شۇكى: 32بىتلىق سىستېمىدىن 64بىتلىققا بىۋاسىتە ئاتلىغىلى، 64بىتلىق سىستېمىدىن 32بىتلىققا بىۋاستە سەكرىگىلى بولمايدۇ. بۇ مۇمىكن ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، بۇ بىر تېخنىكلىق ئوقەت! بەلكىم كېينكى يازمىلاردا مۇشۇ توغرىلىق سۆزلىشىم مۇمكىن!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئادىلجان ئابلىز 2013.02.06 , 21:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىمۇ بىلىپ قويغۇلۇق

  2. بودەك 2013.02.06 , 21:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان، بۇ ھەقتە چوڭقۇر چۇشەنچگە ئىگە بولدۇم:mrgreen:

  3. جاھان كەزدى بالا 2013.02.06 , 22:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت كۇپ نەرسىنى بىلىۋالدىم

  4. ئارسلان 2013.02.06 , 22:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانغا كىيىن قاپسىز،خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم. :mrgreen::smile:

  5. xilas 2013.02.06 , 22:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈستىدىن ئاستىغا ئوقۇپ چۈشسە دىۋان قالمايدىكە .
    كېيىنكى قېتىم ئاستىدىن ئۈستىگە ئوقۇمىسام .

  6. ئۇيغۇرباي 2013.02.06 , 23:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئائىلە كومپڭيۇتۇرۇم 64، خاتىرە كومپىيۇتۇرۇم 32 بىتلىق ئىدى. خىلى مۇھىم نەرسىنى بىلىۋالدىم جۇمۇ .

  7. تاماشىبىن 2013.02.06 , 23:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بەك ياخشى بولدى. ئويۇنغا 64 بىتلىق ئىشلىتىمەن دەپ جېدەل قىلىۋاتقان بىر-ئىككىسى باتتى، سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ پەقەتلا ئۇقتۇرالمىغانىدىم… ئەمدى بۇنى ئوقۇتۇپ كۆزلىرىگە تىقىۋەتمەيدىغان بولسام…….:mrgreen:

  8. موللاخۇن 2013.02.06 , 23:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى چۈشەندىم جۇما ،مەن تېخى كومپىيۇتىرىمغا 64بىت لىقنى قاچلاپ ناچار ئوخشايدۇ 32بىت لىقى ئىخچاملاشتۇرۇلغىنى دەپ ئويلاپ 32بىت لىقنى قاچلاپتىكەنمە!:grin::mrgreen:

  9. ياغاچ قۇلاق 2013.02.06 , 23:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلىدەمىنىڭ 64لىك 8دە سىمسىزتوركارتىسىنى نۇرمال ئىشلىتەلمىگىنىم بىكائەمەسكەندە:arrow:لىكىن بۇ32لىك سىستىما بۇرۇنقى64لىك سىستىمىقغاقارىغاندا بىريەرلىرى بىرنىمە 64لىك سىستىمىغا ئالماشتۇراي دىسەم بولمايۋاتىدۇ.:?:سىپىيۇرىم64xئىدى.
    ما تىمىغا قارىغانداياخشىسى ئامال قىلىپ كۆنمەي بوممايدىغان چېغى:grin:

  10. ئابومجان 2013.02.07 , 00:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ما ئانا تىلىدا چۈشەنسە نىمىدىگەن ھۇزۇر ، مۇشۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى چۈشۈنەلمەي تالاي قېتىم بەيدۇنى قېزىۋەتكەن ،ئەپسۇس دىگەندەك بەلەن چۈشۈنەلمىگەن .
    بۇ ھەقىقەتەن مېغىزلىق يازما بوپتۇ ، كۆپ نەپكە ئىرىشتىم .
    دىۋانمۇ يا بۇ ؟ (ئۈگۈنۈپ قاغان خۇي دەڭلا …ھې ھې ھې )

    • ئۇيغۇرمەن 2013.02.07 , 00:32

      ئىككىنچى قېتىملىق دىۋانكەن……:lol::lol::lol::mrgreen:

  11. شىنجاڭ دىتاللار بىلوگى 2013.02.07 , 00:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت سىزگە! بۇ ھەقتە ناھايىتى تەپسىلىي توختۇلۇپسىز، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

  12. تۇلپار 2013.02.07 , 00:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن64لىقنى ئشلىتەتتىم لىكىن 红警قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىسام كەڭ ئىكران بولماي ئەكىسچە تار ئىكران بوپ چىقۋىلىپ مىنى خاپا قىلۋاتىدۇ قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز

    • ئابدۇۋەلى 2013.02.07 , 12:40

      بۇنىڭ 64 بىت ، 32 بىت دىگەن بىلەن پەقەت مۇناسىۋىتى يوق ! بىرسى كۆرسىتىش كارتىڭىزنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىدىكى مەسىلە ، يەنە بىرسى شۇ ئويۇننىڭ ئىچىدىكى تەڭشەكنىڭ مەسىلىسى .

  13. ۋاقتىم 2013.02.07 , 00:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
    كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
    مانا بۈگۈن ناھايتى ياخشى تېمىغا يولۇقۇپ ، خېلى ئوبدان چۈشەنچىگە ئېرىشتم….:smile:

  14. خىيال 2013.02.07 , 01:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://hi.baidu.com/81008589/item/ce2e14dba2d58d3fe2108f51

    ماۋۇ WinXP نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىكەن، پايدىلانساڭلا…

    • 100100 2013.02.10 , 01:59

      WinXPنى تەشۋىق قىلغىنىڭىز نېمىسى؟Win7 ياكى Win8نى تەشۋىق قىلىڭ.تېما يوللىغۇچىنىڭ كومپيۇتېرىغا ھەجەپمۇ تۆۋەن نومۇر قويۇلۇپتۇ،تېخى Win8نىڭ قويغان نومۇرى ئىكەن،ھەقىقىي ئاسارە-ئەتىقە!

  15. شامال 2013.02.07 , 04:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بولدى ! ئەمدى چۈشىنىۋالدىم !
    ھەزرەت ئەپەندىگە رەھمەت!:smile:

  16. كۇسەن 2013.02.07 , 12:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى تېمىكەن

  17. ئەركە 2013.02.07 , 15:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى پەقەت چۈشىنەلمىگەن، توردىن ئىزدەپمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنتىم. مانا ئەمدى تولۇق چۈشىنىۋالدىم. مىنىڭمۇ 32 بىتلىق ،گەرچە ماركىلىق ئەمەس، زاپچاسلىرىنى تاللاپ يۈرۈپ قوراشتۇرغان كومپيۇتېر بولسىمۇ 8 مۇ شۇنداق يىنىك ئىشلەۋاتىدۇ…
    رەھمەت جۇما !!!

  18. بانكىر 2013.02.09 , 15:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەنچە مۇنبەرلەردىن ئىزدەپ يۈرۈپ چالا-پۇلا ئۇقۋالغان، ئەمدى تولۇق چۈشەندىم. مىنىڭ 64بىتلىق، ۋندوۋىس 8 ئىشلىتۋاتىمەن.:grin:

  19. تىرىشچان 2013.02.10 , 11:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت جۇما .
    مەن يەنىلا شۇ كۆنگەن 32bit نى ئىشلىتەي!

  20. خيال 2013.02.23 , 19:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە 64بىت ياخشى ،
    تورداشلار ماڭا win8 نى نەدىن تۈشۈرۈمەن دەپبەسەڭلار مەن ىشلىتىپ باقاي.

  21. تۈگمەنچى 2013.05.13 , 14:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن مېغىزلىق گەپ بوپتۇ . رەھمەت

  22. چاقماق 2013.09.24 , 15:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    i5 cpu كەن ئاۋۇ

  23. تۇنيۇقۇق 2013.11.02 , 15:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەچۈرۈڭ،ئاتكاچىلىق قىپ قويدۇم، XPنىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى بار لېكىن كەڭ تارقالمىغان مەن بىر كومپىيۇتېرىمغا شۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىمەن24Gئىچىكى ساقلىغۇچ قوللايدۇ…:kiss::kiss:

  24. تۇيغۇن 2013.11.08 , 14:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بىلىملەر ئىكەن. بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق .

  25. سىرلىق4 2013.12.02 , 16:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا تىگىشلىككەن رەھمەت سىزگە

  26. گۇزەل يېڭسار 2014.07.21 , 20:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :cry::cry::cry: خەپ ،،يېڭى كومپىيۇتىر ئالمىسام:mrgreen::grin:

  27. يەكزات 2015.06.28 , 02:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ i3-3220 cpu ئىدى ، لېكىن 32 بىتلىق ئىكەن ، Win7 نىڭ 64بىتلىق سېستىما قاچىلىسام قوللامدىغاندۇ؟ مەسىلىھەت بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتىم .:wink:

  28. hawaskar218 2016.04.28 , 12:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يازمىنى ئوقۇپ توللۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئاتامەن سىز تەدبىركار ئۇستاز شۇمۇ ئەمەسمۇ :kiss:

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量