كىچىك ساۋات: سۇغا چۈشۈپ كەتكەن رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى قانداق قىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؟
نۇرغۇن بىپەرۋا كىشىلەر دائىم ئۆزىنىڭ ئامراق يانفون ياكى سىفىرلىق كامېرا دېگەندەك نەرسىلىرىنى سۇغا ياكى ئوبۇرنىغا چۈشىرىۋېتىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. بەزى بەگزادە ياكى مەلىكىلەر تېخى بۇنداق خاتالىقلارنى تەكرار سادىر قىلىشقا كۆنۈك. بىر ئىستاكان كولا ياكى قەھۋەنى لەپتوپقا ئېھتىياتسىزلىقتىن تۆكۈۋەتكەندىن كېيىن چىرايىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىسىزغۇ دەيمەن؟ بىراق، تۆۋەندىكى بۇ كىچىك ساۋاتلار بەلكىم سىزنىڭ بۇ پۇشايمىنىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىشى مۇمكىن. ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز تەڭداشسىز NOKIA بولمىسا ئالدىراپ پو ئاتماڭ!
1. توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش
ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش، توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش. ھەرىكىتىڭىز چاققان بولسۇن! سۇ كىرىپ كېتىش ئاساسى تاختا قىسقا تۇتاش بولۇپ قېلىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا باتارىيەنىمۇ چىقىرىش تەس بولمىسا، ئۇنداقتا چىقىرىۋېلىشقا ئالدىراڭ. ناۋادا پوققا چۈشۈپ كەتكەن تېلىفونىڭىز قولغا ئالغاندا ئېتىك بولسا، ئەڭ ياخشى ئېچىشقا ئالدىرىماڭ. بولسا كەلگۈسى نەچچە كۈن ئىچىدە داۋاملىق ئىشلىتىشنى چۈشىڭىزدىمۇ ئويلاپ يۈرمەڭ!
2. ئۈسكۈنىنى چۇۋۇش
چۇۋىغىلى بولغۇدەكلا نەرسىلىرى بولسا ئامال بار ھەممىنى چۇۋۇۋېتىڭ. كەينى قاپ، SIM كارتا، ئاۋاز مەنبەسى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېلىڭ. چىقىرىۋالغان نەرسىلىرىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. ئەمما ئىچ-قارنىنى چۇۋۇۋېتىپ بۇزۇپ قويماڭ. قانچە كۆپ مىقداردا چۇۋۇش ئېلىپ بارسىڭىز، ئۈسكۈنە ئىچىگە تولىدىغان ھاۋا مىقدارىمۇ شۇنچە جىق بولىدۇ، ئاندىن ئىتتىك قۇرۇيدۇ.
3. سۇنى سۈمۈرىۋېلىش
ناۋادا سىزدە نەيچىسى بار ۋاكۇئۇملۇق چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ بولسا، ئۇنداقتا ئىشلار خېلى ئاسانلىشىدۇ. سىز بۇ سۈمۈرگۈچ ئارقىلىق ئۈسكۈنە ئىچىدىكى سۇنىڭ سۈمۈرىلىشىنى تېزلىتەلەيسىز. ئىلگىرى بىرەيلەننىڭ تېلىفونى شورپىغا چۈشۈپ كېتىپ، تىڭشىغۇچ ۋە توكلىغۇچ تىقىدىغان تۆشۈكىدىن شورپىنى شۈمۈپ چىقىرىۋالغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شورپىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە تېلىفونىنىمۇ قۇتقۇزىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
4. قۇرۇتۇش
نۇرغۇن تور بېكەتلەردە ئادەتتە سۇ كىرىپ كەتكەن تېلىفون قاتارلىقلاردىكى سۇنى گۈرۈچ ئارقىلىق سۈمۈرىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بىراق، مېنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان يەنە بىر خىل ئامالىم بار، بۇنىڭ سۈرئىتى سىز ئىلگىرى ئاڭلىغان ئۇسۇللاردىنمۇ تېز، يەنى – ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئىشلىتىدىغان تالقان! بۇنىڭ سۇنى سۈمۈرۈش سۈرئىتى تېخى دۈملىمىگەن خام گۈرۈچكە قارىغاندا خېلىلا تېز. يېڭى قاپتىن بىرنى تېپىپ، ئىچىگە ئازراق تالقان تۆكۈپ، ئاندىن تېلىفوننى سېلىپ قويۇڭ، ئىككى كۈن ئىچىدە تېلىفوننى ئېچىپ سالماڭ، ئارىلىقتا تېلىفوننى ئۆرۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بورنىڭمۇ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى.
5. سىناپ بېقىڭ
48 سائەتتىن كېيىن، تېلىفوننى تالقاننىڭ ئارىسىدىن چىقىرىڭ. ناۋادا ئېكران ۋە باشقا جايلاردا تېخىچە نەملىك ھىدى بولسا، تېلىفوننى داۋاملىق جايىغا قويۇپ قويۇڭ. ناۋادا تېلىفون قارىماققا قۇرىغاندەك بولسا، ئۇنداقتا باتارىيەسىنى سېلىپ سىناپ بېقىڭ. تېلىفونىڭىزنىڭ ئوڭشىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلا بولسىڭىز، مەنچە بىر گەپ بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناشتىن ھەزەر ئەيلەڭ:
1. چاچ قۇرۇتقۇچ، دوخوپكا، كاۋاپدان دېگەنلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرمەڭ. پەقەت بىر قىسىم ئوماقلار مۇشۇنداق قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. يۇقىرى تېمپراتۇرا ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىگە زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان زاپچاسلارنى ئېرىتىۋېتىدۇ. ناۋادا چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ پەقەت شامال چىقىرىش ھالىتىنى ئىشلەتسىڭىز(قىززىتىدىغان يېرىگىچە ئېچىۋالماڭ)، ئۇنداقتا بەك چوڭ مەسىلىمۇ يوق.
2. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلەتمەڭ. پەقەت تېلىفونىڭىزنى تۇخۇمدەك پىشۇرۇپ يىگۈڭىز بولمىسىلا.
3. كۈچەپ سىلكىش. دەسلىۋىدە بۇ ئۇسۇل ئازراق ئەسقېتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇسۇل پەقەت ئۈسكۈنىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سۇغا نىسبەتەنلا ئۈنۈملۈك. لېكىن بەزىدە ئۇقۇشماي تېشىدىكى سۇنى سىلكىپ ئىچىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر جايلارغا كىرگۈزىۋېتىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سالماڭ، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن پاكىز ئېيتىۋەتسىڭىزلا بولدى.
ھازىر كۆپ قىسىم تېلىفونلارنىڭ سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بار، بىراق، يەنىلا بۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەيمىز دېگىلى بولمايدۇ. قېنى كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قانداق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى باركىن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، تېلىفون، ساۋات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,024 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: rescue-wet-gadgets.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆيىڭىزگە ئەمدى يەنە ئاۋارە بولۇپ نەچچە مېتىرلىق كېلەڭسىز تور سىمى تارتىپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز!
- كېيىنكى يازما > [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
مېنىڭ لەپتوپۇممۇ سۇغا تۇنجۇقۇپ قۇربان بولغان ئىدى. جەسىدىنى بولسىمۇ 50 سومغا سىتىپ ئۆزۈمگە تەسەللى تاپقان . ھازىرغىچە بىر يىلغا يىقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، چەكسىز ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۇنى ئەسلەيمەن.
تېلىفونىڭىزنى قەدىرلەپ، سۇدىن يىراق تۇرۇڭ…
مەنمۇ بۇنداق تېلفۇن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋاللارغا بىر قانچە قېتىم يۇلۇققان ئىدىم تېلفۇنۇم چۈشۈپ كەتسىغۇ مەيلى مەن تېلفۇنۇمنى چۈشۈرۈۋەتتىم چۈنكى تېلفۇنۇم يانچۇقۇمدا ئىدى بۇ بىر قىزىقارلىق ھىكايە مەن بۇيىل 7-ئاي مەزگىلىدە دوستلۇرۇم بىلەن سۇغا چۆمۈلۈش ئۈچۈن بېرىپ ئامراق يانفۇنۇمنى يانچۇقۇمدىن ئېلىۋەتمەي تۇرۇپ سۇغا سەكرەپ ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويدۇم چۈنكى ئۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ ، مەن ئۇنىڭدىن سورىمىغان چۈنكى مەن مەست بۇلۇپ قالغاندە
ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن، ماۋۇ كۆپچىلىك بەكرەك دېققەت قىلارسىلەر، بولۇپمۇ ماۋۇ دوخوپكا، تۇنۇر، ئوچاق، قازاننىڭ ئىچىگە سېلىپ تېلفۇننى پىشۇرۇپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلارسىلەر
مىنىڭ يانفىنۇم ھاجەنخانىغا چۇشۇپ كىتىپ شۇ ۋاقىتتىلا ئۇنى سۇزىۋالدىم ھەم باتارىيىسىنى چىقىرىپ ئاپتاپقا قاقلىدىمبىر كۇندىن كىيىن باتارىيىسىنى سىلىپ سىنىسام ھىچقانداق چاتاق چىقمىدىلىكىنئۇنىڭدىن گۇپۇلدەپ ئاچچىق سىسىق ………..پوقنىڭ پۇرىغى چىقىپ تۇراتتى ئۇنىڭدا سوزلىشىش ئەمەس يىقىنمۇ ئەكەل گىلى بولمايتى .شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلدىڭ دىمەمسىلەر يىڭىدىن بىرنى سىتىۋالغىچە يانفۇنومغا ئەتتىر سىپىپ ئىشلەتتىم
ئالامەت بىلىمكەن…..
تېلفۇن سۇغا چۈشۈپ كەتكەنگە شۇنداق خوش بوپ كەتتىڭلىمۇ يا باللا…؟ بەك خۇشالغۇ ھەممەيلەن….
يۇمۇرغۇ بۇ يۇمۇر….
مەن سۇغا تاشلاپ باقمىغاندىكىن دەھشەت كۈلىۋەتتىم جۇما…
مەن بۇرۇنقى رەڭلىك نوكىيا يانفونۇمنىڭ كىرئالغۇغا چۈشۈپ كەتكىنىنى تۇيماي،بىر ۋاقىتتا تاپالماي تېلفون قىلسام،سۇ ئىچىدە چىرىغى يېنىپ،ئەلەملىك تىترىگەن ئىدى.
تېلىفۇنى ھاجەتخانىغا چۈشۈپ قەتلى بوپ كېتىشتىن قورىققانلار Galaxy Note2 نى ئىشلىتىڭلار ، نېمىشقا دىمەمسىلەر ؟ چۈنكى ئۇ ھاجەتخانىنىڭ تۆشۈكىگە پاتمايدۇ !
جىڭ گەپ…..
يېز خالاسىغا پېتىۋېردۇ
ما گېپىڭلارنى ئېتوت قىلپ ئشلەيدىغان بولسا تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈپ ئۆتتۈرۈپ قويىغىدەك جۇما؟
تىلفۇننىڭ سۇدا شىھىت بولىشى توغرۇلۇق مىكرو ئەسەر يازساقمۇ خېلى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ مۇشۇ ئىنكاسلار ئارقىلىق
ھەي نېمە دېەۇلۇك ئەمدى شۇمۇ بىرساۋاك بولار،ئەڭ يايشىسى بەك قىممەت تىلاۇن ئىشلەتمىگەن تۇزۇك