ئۆيىڭىزگە ئەمدى يەنە ئاۋارە بولۇپ نەچچە مېتىرلىق كېلەڭسىز تور سىمى تارتىپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز!
ئۆينى بېزىگەندە كۆپ ھالدا مۇشۇ سىم تارتىش ئىشلىرىنى تولۇق ئويلىشىپ بولالمايدىكەنمىز. پىلانىمىزدا بىر ئۆينى كومپىيۇتېر قويىدىغان قىلىپ لايھەلەيدىكەنمىز. ئەمما كېيىنچە يەنە باشقا ئۆيگە كومپىيوتېر قۇيۇش خىيالى كېلىپ قالىدىكەن. ۋە ياكى تور ئىشلىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىكەن. سىمسىز تور(wifi) قىلىشقۇ بولىدىغان ئىش. ئەمما باشقىلار تورىڭىزنى ئىشلىتىۋېلىش ياكى تور سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئاۋارىچىلىقتىن خالى بولالمايدىكەنمىز…
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1.سىم تارتىش ھاجەتسىز؛
2.توك سىمى ئۇلانغان ۋە تور ئورنىتىلغانلا بولسا 电力猫دېگەن بۇ ئۈسكىنە بىلەن ھەممە ئۆيىڭىزدە توك چاتقۇچقا چېتىپلا تورغا چىقالايسىز؛
3.يوللاش سۈرئىتى تېز؛
4.ھېچقانداق قوزغىتىش پىروگىراممىسى قاچىلىمايسىز.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
نەچچە ئۇرۇندا تورغا چىقماقچى بولسىڭىز 电力猫دىن شۇنچىنى ئالىسىز.سىرتتىن كىرگەن 宽带سىمىنى 路由器غا چاتىسىز ۋە مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ شۇ 路由器غا كومپىيوتېرنى چېتىپ تورغا چىققۇدەك ھالەتكە ئەكىلىسز.
ئاندىن 路由器دىن چىققان بىر سىمنى 电力猫غا چېتىپ 电力猫دىن چىققان سىمنى ئۆيىڭىزنىڭ خالىغان جايىدىكى توك چاتقۇچقا چېتىپ قويىسىز.ئەمدى ئۆيىڭىزدىكى خالىغان ئورۇندىكى توك چاتقۇچقا 电力猫دىن يەنە بىرنى چېتىپ ئۇنىڭدىن چىققان تور سىمىنى كومپىيوتېرىڭىزغا ياكى تور ئىقتىدارىنى قوللايدىغان تېلۋۇزۇرىڭىزغا چېتىپ خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز. ھازىر يامان ئەمەس 路由器 نى 80 دىن 150 كىچە ئارىلىقتا ئالغىلى بولىدۇ. ناۋادا توردىن ئەكەلدۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرگە قاراپ بېقىڭ. 电力猫 مۇ تاۋباۋ تورىدا بار، بۇ يەرنى بېسىپ مۇۋاپىقتىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزلا بولدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: wifi، تور، تېخنىكا
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,074 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: internet-with-the-power-cat.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > IDM – ئەمدى توردىكى ناخشا-مۇزىكا MTV كىنولارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىينىلىپ يۈرمەيسىز!
- كېيىنكى يازما > كىچىك ساۋات: سۇغا چۈشۈپ كەتكەن رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى قانداق قىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؟
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش ئۇسۇلى
- ناۋادا WiFi سىگنالىنى كۆرگىلى بولسا…
دىۋاندا مىق بار~!
بىر ئاز كېيىن قاپتىمەن ئەمەسمۇ
ئاۋال بىر wifi قاپلاپ بولالمىغىدەك ئۆي بولغاندا بىر گەپ بولسۈن
بۇنىڭ ئايلىق ئىجارىسى يوقمىكەن
ئالمىنىڭ تور تارقاتقۇچىدا تامنىڭ سىرتىنى چەكلىگىلى بولىدۇ…
يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ! بۇ ئالما ئىشلىتىدىغانلار، كومپيۇتىر توك بىلەن ماڭىدۇ دېسە ئالمىنىڭ كومپيۇتىرى ئىلىكتىر كۈچى بىلەن ماڭىدۇ دېگىلى تاس قالىدىكەنمىزا؟ ھازىرقى 路由器 لارنىڭ ھەممىسىدە تور كارتىنىڭ MAC ئادرېسىنى سۈزىدىغان ياكى چەكلەيدىغان ئىقتىدار باغۇ؟
بىۋاستە توك مەنبەسىگە چاتسا خەتىرى يوقمىكەن؟ مېنىڭچە wifi غا پارول بېكىتسە بولىدۇ ئەمەسمۇ.قايسىلا بولسا سۈرئىتى تېز، مۇقىم بولغىنى ياخشى
توۋا !~
بىۋاستە توك مەنبەسىگە چاتىدىغان يىرىى سەل ئادەمنى ئەنسىرتىدىكەن ، پۇرلا قىپ ئىس چىقسا ئىشنىڭ تۈگىگىنى شۇ !
لىكىن بىخەتەر بۇلامۇ؟
بىۋاستە توك سىمىغا ئۇلاپ ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسەك قانداق بۇلار؟ ئازراق خەتەلىكتەك ھېس قىلىمنا .سىناپ باققانلار بامۇ؟
ئەنسىرەش ھاجەتسىز،چۈنكى ئۈسكىنىنىڭ ئىچىدە توك بىلەن تور سىگىنالى ئايرىۋېتىلدۇ.بەزى سياڭگاڭدا ئاللىقاچان مۇشۇ تېخنىكا ئارقىلىق تورغا ئۇلاش ئىشقا ئاشقان.
تېلۋىزوردىكى بىر قىز بىر ئوغۇل ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان بۇيۇملارنى قولىغا ئېلىۋېلىپ توختىماي ‹‹ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ›› ‹‹بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ›› دەپ توختىماي باشقىلارنى سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلىۋاتقان ئېلانلىرى كۆز ئالدىمغا كېپ كەتتى… چېقىشىپ قويدۇم ھە… مەن يەنىلا ئومۇملاشقان نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ تۇراي. چاتاق چىقىپ قالسىمۇ دىككىدە بېرىپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
بۇنداق ئۇسۇل قوللانساق قوشنىلارمۇ خالىغانچە بىزنىڭ تورنى ئىشلىتىپ تورغا چىقىپ كەتمەمدۇ ؟ ئۇلارمۇ چىقىۋالىدىغان ئىش بولسا تور سۈرئىتى تەبىئىيلا ئاستىلايدۇدە … مۇشۇ توغۇرسىدا چۈشەنچە بەرسەڭلار … ياكى 路由器 نى قوشنىلار توردىن پايدىلناممايدىغان قىلغىلى بولامدۇ ؟؟؟ بۇ يەردە چۈشەندۈرۈش سەل بىئەپ بوپ قالسا QQ رىم 7256207 ، ياردىمىڭلارنى كۈتىمەن ، بۇ نەرسە ماڭا بەك ياققانتى …
ھە مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا 2ئۆيدە خالىغانچە ئاچالايمەن…بىراق بىرنى ئاچقاندا يەنە بىرى تەڭ ئېچىلمايدۇ،بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم ،ئەسلى مودىمدىن ئىككىسى كېرەككەندە….رەھمەت بىلۋالدىم…
بۇنىڭدا باشقىلار سىزنىڭكىنى ھەرگىز ئاچالمايدۇ…خاتىرجەم بۇلۇڭ چۈنكى سىز ۋە باشقىلار ئىشلەتكەن تور 账号نىڭ مەخپىي نۇمۇرى بار تۇرسا …مەن باشقىلارنىڭكىنى ئاچاي دەپمۇ ئاچالمىدىم كۆپ سىناپ باقتىم..
路由器 غا ئۇلىۋەتسە ADSL 帐号 بىلەن مەخپىي نۇمۇرنى سۈرۈشتە قىلمايلا ADSL نى ئۇلىۋىتىدۇ … قارىغاندا سىز 路由器 ئىشلەتمەپسىز ، شۇڭا بىرنى ئاچقاندا يەنە بىرنىڭ تەڭ ئىچىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى … 路由器 ئۇلىۋەتسە ADSL 帐号 مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى بولمىغاندىن كىيىن تامامەن قوشنىلارمۇ خاتىرجەم چىقىۋىرىشى مومكىن …
قوش تىللىق يازما!
ياخشى ئۈسكۈنىكەن. 路由器 دىن ئۆز كومپيوتېرىدىن بۆلەك كومپيوتېرلارنىڭ mac ئادرېسنى چەكلىۋاتسا ھېچكىم تورغا دەخلى قىلالمايدۇ.
بۇ ئۈكىنىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بوغاندا قانچە مىتىر غا تاتىدىغانلقىنى قالدۇرۇپ قويماپسىلىغۇ!!!!
مەن تىخى wifi دىگەننى چۈشەنمەيمەن
چاتقۇچتىن تۇتۇن چىكەتسە ئىشنىڭ قاملاشىقىنى شۇ ! ئىش تامام ۋەسسالام ! توك بىلەن تور بىر بولسا بىخەتەر ئەمستەك ھىس قىلمەن جەنپەننى تۇتسام توك تۇىۋالدىغاندەك بولدى ئويلىماي بەدەنلىرىمدىكى تۇك تەتى يېنىپ كەتتى
بۇ ئۈسكۈنىنى چاتسا تور ھەققى قانداق ھىساپلىنىدۇ؟مەن دۇكانغا تور تارتىش ئۈچۈن خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بارسام ، دۇكىنىڭىز ئەتراپىدا تور توچكىسى يوق ، تور ئورناتقىلى بولمايدۇ دەپ رەت قىلغان . شۇڭا مەن بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىپ تورغا چىقسام بولامدۇ؟