IDM – ئەمدى توردىكى ناخشا-مۇزىكا MTV كىنولارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىينىلىپ يۈرمەيسىز!
مەيلى توردا بولسۇن ياكى ئې-خەت، QQ قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى بولسۇن، ھەمىشە بەزى تورداشلارنىڭ مەلۇم تور بەتتىكى ناخشا-مۇزىكا، MTV ياكى كىنو دېگەندەك ھۆججەتلەرنى قانداق چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى ياردەملىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. Internet Download Manager(قىسقىچە نامى IDM) بولسا دەل توردىكى ناخشا-مۇزىكىلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل يۇمشاق دېتالدىن ئىبارەت.
IDM بولسا، تور دۇنياسىدىكى ۋە تور كۆرگۈچىڭىزدىكى قويۇلىۋاتقان ناخشا، كىنو فىلەش(يەنە يۇمشاق دېتال) قاتارلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى بىمالال ھەم ئىنتايىن ئاسانلا چۈشۈرگىلى بولىدىغان بىر خىل ياردەمچى يۇمشاق دېتالدىن ئىبارەت. تۆۋەندە IDM ئارقىلىق توردىن MP3، FLV قاتارلىق كۆپ ۋاستە ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈشنى كۆرۈپ باقايلى.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: IDM نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
چۈشۈرۈپ بولۇپ دېتالنى قاچىلايمىز، ئۈستەل يۈزىگە قارىسىڭىز IDM نىڭ ئايكونى كۆرۈنىدۇ.
بۇ ئايكوننى قوش چېكىپ IDM نى قوزغىتىمىز ۋە كۆرۈنمە يۈزدىن 选项 نى باسىمىز.
رەسىمدىكىگە ئوخشاش تىزىملىكلەر ئىچىگە FLV دىگەن ھۆججەت نامىنى قوشۇپ قويىمىز، ئاندىن مۇقۇملاش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز(بولمىسا كىنو ناخشىلارنى ئوخشاشلا چۈشۈرەلمەيسىز).
ئەمدى مەيلى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى بولسۇن مەيلى بىلوگلاردىكى ناخشا كىنو فىلىملەر بولسۇن خالىغانچە چۈشۈرەلەيسىز . مەيلى سىز نىمىنىلا قويۇڭ قويغۇچنىڭ ئۈستىدە تۆۋەندىكى رەسىمدەك بەلگە كۆرىنىدۇ ،شۇنى بېسىپ چۈشۈرمەكچى بولغان جاينى كۆرسىتۈپ بەرسىڭىزلا تامام ( رەسىىمدىكىدەك)
چىققان كۆزنەكتىن چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى ساقلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىمىز ۋە Start Download كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، ھۆججەت بىز كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈشكە باشلايدۇ.
قانداق ئاسانمىكەن؟ ئەمدى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان MTV ياكى MP3 ناخشا ھۆججەتلىرىنى قىينالمايلا چۈشۈرەلەيسىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: MP3، MTV، تېخنىكا، چۈشۈرگۈ، چۈشۈرۈش، ناخشا، ھۈنەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 22,074 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: idm-download-internet-music-video-mtv.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىمسىز تورنىڭ سىگنالى ئاجىز؟ ئىچىملىك قۇتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاددى WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋېلىڭ!
- كېيىنكى يازما > ئۆيىڭىزگە ئەمدى يەنە ئاۋارە بولۇپ نەچچە مېتىرلىق كېلەڭسىز تور سىمى تارتىپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز!
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- بۇ قېتىمكى ئوسكارنىڭ نامزاتى – مۇز مەلىكە(Frozen) فىلىمىنىڭ ناخشىسى: Let It Go
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ۋا ۋا ………بۇ نەرسىنى مەن ئشلىتىپ باققان …… ياخشى نەرسە بۇ ………..
بۇ
خىلى بولدى مەن بۇ تورخۇمارغا خۇمار بولۇپ قالغىلى ….. لېكىن تۇنجى قىتىم ئىنكاس يىزىشىم ……….
مەن بۇ دېتالنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەن ، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق ، يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تاپالمىغانتىم ، بۇ يېشىۋېتىلگىنىمۇ ياكى ؟
مەنمۇ بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇنى ئىشلىتەتتىم. كاساپەت نەشرىنى تولا يېڭىلايدۇ، يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنىڭ نومۇرلىرى ئىشلىمەي ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ كاشىلىسى چىقىپ ئادەمنى جىلە قىلىۋېتىدۇ.
لېكىن-زە سۈرئەت دېگەن ۋەھشىي تېز جۇمۇ!
مەن بۇ دېتالنى چۇشۇرۋالدىم ناھايېتى قولايلىقكەن
مەنمۇ بۇرۇن ئىشلەتكەن بىراق ئارىدىن 3يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ .
تەدبىركارغا رەھمەت
بەك شاشلىق قىلىپ تۇرۇۋېلىپ…يۇيۇۋەتكەن ئىدىم، ئەمما ياخشىلىقىدا گەپ يوق
كومپىيۇتۇرغا قاچىلىسام serial number…序列号… تەلەپ قىلىدىكەن….ئۇنى قانداق قىلىدۇ….
مەندىمۇ بۇنۇڭغا ئوخشايدىغان بىرسى باتتى
مەن ھەممە ئىشنى جايىدا قىلدىم لېكىن چۈشۈرىدىغان يە چىقمايۋاتىدۇ .
يىشىل نەشىرى ئەمەسكەنغۇ؟ قانداق گەپ بۇ؟!
مەن ھازىر ئىشلەتتىم بۇنى،كىنونىڭ ئالدىدىكى يەتتە مىنۇتىلا چۈشتى كەينى يوق،قاندا قىلىمە ئەمدە؟
ھەقىقەتەن ياخشى دېتالكەن ،مەن سىناپ كوردۈم ،رەھمەت سىزگە
http://www.xiazaiba.com/html/543.html
بۇ ئادرىستىمۇ باركەن
ناھايىتى ياخشى قورالكەن .تورىخومار ئەپەندى رەخمەت سىز گە ؟