سىمسىز تورنىڭ سىگنالى ئاجىز؟ ئىچىملىك قۇتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاددى WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋېلىڭ!
ئىشىنىمەنكى، ھازىر يانفون، لەپتوپ قاتارلىقلارنىڭ ئائىلىلەردە ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە ئۆيدە سىمسىز روتېر ئارقىلىق تورغا چىقىش ئومۇمۇملىشىپ كەتتى، ئىشقىلىپ ھازىر wifi ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر خېلىلا كۆپ، iPhone دەيمىز، PSP دەيمىز، ۋە ياكى باشقا Android تاختا كومپيۇتېرلىرى دېگەندەك…ئەمما بەزىدە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۆيدىكى WiFi سىگنالى تازا ياخشى بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز، ئۇنداقتا بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئاددى بىر دانە WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋالايلى! زادى رولى بولامدۇ يوق، سىناپ باققاندىلا بىلىمىز…
بىرىنچى باسقۇچ، بىر دانە ئىشلىتىلىپ بولۇنغان كولا ياكى پىۋا قۇتىسى تاپىمىز ۋە پاكىز يۇيىمىز
ئېغىز قىسمىدىكى ھالقىنى ئاجرىتىپ ئالىمىز
پىچاقتەك تىغلىق ئەسۋاپلار ئارقىلىق قۇتىنىڭ ئاستى قىسمىنى يۇمىلاق شەكىلدە كېسىۋالىمىز، قۇتىنىڭ ئاستى قىسمى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلىدۇ
يەنە شۇ پىچاق بىلەن قۇتىنىڭ ئۈستى قىسمىنى يۇمىلاق شەكىلدە كېسىۋالىمىز(دىققەت: پۈتۈنلەي كېسىۋېتىشكە بولمايدۇ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاق سىزىق بار ئورۇننى كەسمەيمىز، شۇنىڭدەك ئاق سىزىق چوقۇم قۇتا ئاغزىغا يېقىن جايدا بولۇشى كېرەك)
ئاق سىزىق قويۇلغان جاينىڭ قارشى تەرىپىدىن گورزېنتال ھالەتتە بىر دانە قىزىل سىزىق سىزىۋالىمىز ۋە بۇ سىزىقنى بويلاپ كېسىمىز
تاشقى قاپنى ئاچىمىز ۋە ئاق سىزىق قويۇلغان جايدىكى قۇتا ئاغزىدىن روتېرنىڭ ئانتېناتىسىنى چىقىرىۋالىمىز، تاشقى قاپنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئېگىپ قويساق بولىدۇ
WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچنى ياساش تامام!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: wifi، تور، تېخنىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,872 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: boost-wifi-signal-with-a-can.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 90% تىن ئارتۇق كىشى Ctrl + F ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەيدىغان ئاددى بىر تېخنىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن!!!
- كېيىنكى يازما > IDM – ئەمدى توردىكى ناخشا-مۇزىكا MTV كىنولارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىينىلىپ يۈرمەيسىز!
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش ئۇسۇلى
- ناۋادا WiFi سىگنالىنى كۆرگىلى بولسا…
مەن سىملىقنى ئىشلىتىمەن، تەرەققى قىلىپ سىمسىزغا كەلگەندە ئىشلىتىپ باقاي
رەھمەت ، بۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن ، مەنمۇ ئۈگىنىۋالدىم .
خاتىركومپىيوتىرنىڭكىنى كۈچەيتكىلى بولغان بولسىچۇ…………
ئۆيىڭىزنىڭ تېمىنى شۇنداق ياساڭ، سىگنال مەنبەسى بار تەرەپنى قىلمىسىڭىزلا بولىدۇ.
رەھمەت . ئۆيدىكى wifi سىىگىنالى ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدى. ئوبدان پايدىلانسام بولغۇدەك . ئوزەممۇ ئىزدىنىپ باقماپىتمەن.
تەدبىركار سىزمۇ سىناپ باقتىڭىزمۇ يە ؟ ئۈنۈمى بولامدىكەن ؟
شۇنىمۇبىل مىگەن!!!
ئانچە روشەن پايدىسى يوقكەن كاساپەت …
يەنىلا مەخسۇس كۈچەيتكۈچكە يەتمەيدىكەن. ئۈنۈمى راست تۆۋەنكەن. يەنە سىناپ باققانلار بارمۇ؟
مېنىڭغۇ پۇلۇم يوق!
مەن مىكرو بىلوگدىن كۆرۈپ سىناق باققان ئىدىم . ئانچە روشەن پەرقى بولمايدىكەن .
ھاھاھاھا مەن سىناپ باققان ئىدىم مەھەللىگە چىقسام سىگنال يوق ئىدى ھازىر مەھەلىدە ھاۋا يەپ ئولتۇرغاچ تورغا چىقىدىغان بولدۇم ! بولىدىغان تېخنىكىكەن ماۋۇ
تور خۇمار ئاللا بۇرۇن سىناپ سىناقتىن ئۆتكەچكە سۆزلەۋاتىدۇ !…….. چاۋاك چاۋاك