90% تىن ئارتۇق كىشى Ctrl + F ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەيدىغان ئاددى بىر تېخنىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن!!!
تەخمىنەن بىر يىللار ئىلگىرى، گۇگېل ئىزدەش مۇتەخخەسسىسى Dan Russell بىر دوستىنىڭ ئۆزىگە لازىملىق مەلۇم بىر بۆلەكنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، توپتوغرا بەش مىنۇت سەرپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز بىر ئوي پەيدا بولىدۇ، زادى قانچىلىك ئادەم ئۇنىڭ ئاشۇ دوستىدەك، Ctrl + F نى بېسىپ ئۆزىگە لازىملىق ئۇچۇرنى ئىزدەشنى بىلمەيدىغاندۇ؟
يېقىندا، «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ سىتاتسىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %90 تىن ئارتۇق كىشى مۇتلەق كۆپ قىسىم يۇمشاق دېتال(توركۆرگۈ، يېزىق تەھرىرلىگۈچ، Word, PPT ۋەھاكازالار…)لاردا Ctrl + F كۇنۇپكىسىنى باسسا «ئىزدەش» ئىقتىدارىنىڭ قوزغىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
Russell مۇنداق دەيدۇ: «2000 ئادەم ئىچىدە، %90 ئادەم بۇ مەشغۇلاتنى بىلمەيدىكەن. مەن ئىلگىرى نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقىلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ بىرەر تېكىستنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى كۈزەتكەن، ئۇلار ئۆزىگە لازىملىق بىرەر مەزمۇننى ئىزدىمەكچى بولغاندا خېلى قىينىلاتتى. مەن ئۇلارغا Ctrl + F تېخنىكىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى دەپ بەرگەن چېغىمدا، كۆپ قىسىم كىشىلەر تولىمۇ ھەيران قالدى، ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ تولىمۇ ئالاھىدە ئىش بولۇپ ھېسابلىناتتى، چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى بۇ ئىش ئۈچۈن ئاز ئاۋارە بولمىغان ئىدى.»
ھەقىقەتەن شۇنداق. Ctrl + F گەرچە سىزگە ئانچە بەك ئەسقاتمايدىغان، تىلغا ئالاھىدە ئېلىپ كەتمىسىمۇ بولىدىغان ئادەتتىكى بىر كىچىك تېخنىكا بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا سىزنىڭ خېلى كۆپ قىسىم ۋاقتىڭىزنى تېجەپ بېرەلەيدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، ئۆگىنىش، ئۈنۈم، ئىزدەش، تېخنىكا، خىزمەت، ماتېرىيال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,692 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: using-ctrl-f-hotkey.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 7 دىكى ئاۋاز تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ تۇيۇقسىز يۇقىرىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- كېيىنكى يازما > سىمسىز تورنىڭ سىگنالى ئاجىز؟ ئىچىملىك قۇتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاددى WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋېلىڭ!
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- بىر دانە ۋاسكېتبولنىڭ 24 كىنونىڭ ئىچىدىكى ساياھىتى
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- ئالاھىدە ئۈنۈم ئوينايدىغان دادىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۈنۈملىرى
دىۋان!!!بۇنىمۇ بىلمەمدىكەن ماڭغا ئوخشاش؟!!
ئەمدى بىلىۋالغانسىز؟ گېپىڭىزنىڭ بېشىدىكى نېمە گەپ ئۇ؟ يا بلوگدا ئاپتوماتىك قوشۇلۇپ قالدىمۇ؟
دىۋانىلەرنىڭ (دىۋانچىلارنىڭ
)مەخسۇس ئىمزاسى ئۇ!
ئەمدى بىلىۋالدىم
سىناپمۇ ‘ئۈلگۈردۈم
مەن بۇنى بىلەتتىم ، لىكىن نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تازا ئېنىق بىلمەيتتىم ۋە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەنكەنمەن ! ئەمدى بىلىۋالدىم !
لىكىن ئۇيغۇرچە يىزىپ ئىزدىگىلقى بولسا ۋەھشى بولىتى…
نىمىشقا بولمايدىكەن بولىدۇ ، ئىزدەپ سىناپ بىقىڭ ئاۋۋال …
ئۆزىڭىز نۇرمال كۆرۋاتقان ھەر قانداق ئۇيغۇرچە مەزمۇندىن ئۇيغۇرچە ئىزدىيەلەيسىز ئەپەندىم .
توۋا خۇدايىم مەمەت ئۇرايىم …. مۇنداقمۇ ياخشى ئىشلار بار ئىكەن تېخى
مەنغۇ ئەزەلدىم ئىشلىتىمەن بۇنى …
مەن ئىشلىتەتتىم. بىراق ctrl+f بىلەن ئەمەس ئاتايىيەن تور كۆرگۈچنىڭ بەت ئىچىدىن ئىزدەش ئىقتىدارىنى تېپىپ ئاندىن ئىزدەيتتىم. قىسقىسى ماۋۇ كۇنۇپكىنى بېسىپلام ئىزدەش ھالىتىگە ئۆتۈشنى بىلمەيدىكەنتۇقمەن. ئۆگىنىۋالدىم.
خېلى كۆپ دېتاللاردا ئىشلەيدىكەن بۇ ئىقتىدار. تېلېفوندا يېزىلدى.
ھا ھا – ئازراق ئويلىنىپ خىيال قىلغان بولسا بىلەتتى
ھە*********~~~~
مەنمۇ ئۆگىنىۋالدىم جۇما ھېي ما تېخنكىنى
كارامەت ھۈنەركەن جۇمۇ . مەنمۇ باشقىلارغا تەشۋىق قىلىپ قويمىسام!
بۇ تېخنىكىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن زور ئىكەن. بۇلتۇر بىر دوستۇم بىر نەرسىنى ئىزدەشنى دېگەنتى، ئىزدەپ بولغۇچە نەچچە ئۇچۇر قىلدى: تاپتىڭمۇ دەپ. مەن ياق دېسەم، قانداق ئىزدەۋاتىسەن؟ دىدى. كونا ئۇسۇلنى دپ بەرسەم، بىر ھازا مازاق قىلدى.