نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows,كىچىك تېخنىكىلار > يازما مەزمۇنى

Windows 7 دىكى ئاۋاز تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ تۇيۇقسىز يۇقىرىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

بەلكىم كۆپچىلىك بىر مەسىلىگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. Windows 7 دە بىز بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن QQ پاراڭلاشساق ياكى كىنو كۆرۈۋاتقاندا QQ دىكى دوستلاردىن ئۇچۇر كەلگەن بولسا ئاۋاز شۇ ھامان تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ سەل تۇرۇپ يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ. QQ دىكى ئۇچۇرنى جىق قوبۇل قىلىدىغانلار ئۈچۈن، بۇ تولىمۇ بىر ئاۋارىچىلىق. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى تېخى سېستىمىدىن ياكى قاتتىق دېتال قىسمىدىن مەسىلە چىققان ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ Windows 7 نىڭ ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن قولايلىق يارىتىش مەقسىدىدە قوشۇلغان يېڭىچە ئىقتىدارى بولۇپ، بەزىدە يۇقارقىدەك سەۋەپ تۈپەيلى بۇ ئىقتىدار تېخى قولايسىزلىق تۇغدۇرۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. ھەل قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق:

1. ۋەزىپە ستونىدىكى ياڭراتقۇنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز ۋە 播放设备 نى تاللايمىز.

2. چىققان كۆزنەكتىن 通信 دېگەن تۈرنى تاللاپ، ئەڭ ئاستىدىكى 不执行任何操作 نى تاللاپ 确定 نى باسساقلا كۇپايە!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. شەمسى 2011.05.03 , 19:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قولايلىق بولۇش ئۈچۈن قوشۇلغان يېڭى ئىقتىدار ئەكىسچە قولايسىزلىق ئېلىپ كەپتۇدە… مىكروسوفت ئويلىمىغان ئاۋارىچىلىق تورخۇماردا ھەل بوپ كېتىپتۇ مانا.

  2. سەھرالىق 2011.05.03 , 20:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ نېمە ئىشتۇ دەيتىم، تازا ناخشا ئاڭلاۋاتسام، يامان يېرىگە كەلگەندە مۇشۇنداق … ئەمدى ياخشى بولدى:mrgreen:

  3. روھچىن 2011.05.03 , 21:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ تۇلا يۇلۇققان بۇ مەسىلىگە .

  4. قانۇنچىلىق 2011.05.04 , 00:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تېخى windows7 دەۋرىگە قەدەم بېسىپ باقماپتىمەن

  5. ئۇيغۇربەگ 2011.05.04 , 23:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىچىك چاتاقكەنغۇ ئەسلى، مەن تېخى سېستىمامدىن چاتاق چىققان چېغى دەپ….:mad:

  6. نۆل ۋە بىر 2011.05.05 , 15:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تىخ دىل كومپۇتېرلارلا شۇنداق بوپ قالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

  7. شۇڭقار 2011.05.06 , 14:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن windows7 ئىشلىتىپ بۇ مەسىلىگە ئۇچۇرماپتىمەن. ئەمدى يولوقۇپ قالسام مۇشۇ تىمىدا دىيىلگىنى بويىچە ھەل قلىمەن:smile:

  8. 1+1 2011.05.08 , 19:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量