Android مەستانىلىرى ئۈچۈن نەپس ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بىر دانە Windows 7 نىڭ Android ئۇسلۇبى
Android سېستىمىسىدىكى يانفونلارنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تۈپەيلى، ئارىمىزدا Android سېستىمىسىدىكى ئەقلىفون ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى. بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىم بولسا، Android نىڭ سېستىما ئۇسلۇبى ئەمەس، بەلكى Windows 7 نىڭ Android ئۇسلۇبى! Android مەستانلىرىنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چۈشىرىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
ئالدىنقى قېتىم Windows 7 نىڭ بىر دانە Mac ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەندىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلار ماڭا E-Mail يوللاپ يەنە شۇنداق ئۇسلۇبلار بولسا كۆپچىلىككە داۋاملىق تەۋسىيە قىلىشىمنى ئېيتقان ئىدى. بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغان Android ئۇسلۇبىمۇ لايىھەلىنىش جەھەتتىن ناھايىتى سۈزۈك ۋە كۆركەم چىققان بولۇپ، قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددى. يەنى ئۇسلۇبنىڭ فورماتى themepack شەكلىدە بولۇپ، قوش چېكىپ ئۇسلۇبنى ئورنىتىش مەقسىدىگە يېتىپلا قالماي، يەنە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 1920X1200 رەزمېردىكى Android ماشىنا ئادىمىنىڭ تەگرەسىملىرىگە ئېرىشەلەيسىز!
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Android ئۇسلۇبىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com | تەگرەسىملىرىنى ئايرىم چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، windows7، سېستىما، گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,416 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: android-for-win7-theme.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > GIF شەكىلدىكى فوتو-سۈرەتلەر: فوتوگرافلىقنى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەندە؟!
- كېيىنكى يازما > Windows 7 دىكى ئاۋاز تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ تۇيۇقسىز يۇقىرىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
- 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
بۇ ئۇسلۇبنى مەن بەش كۈن بۇرۇنلا ئىشلىتىپ بولغان. تورخۇماردا ئەمدى كۆرۈنۈپتا؟
مەن چۈشۈرۋالدىم ئەمىسە
مەن باشلىۋەتتى
تەگلىك رەسىملەرنىڭ چۈشۈرگەن ئىدىم لېكىن ئىچىدىكى android 18 [vikitech] ئىسىمدىكى رەسىمنى كۆرۈپلا ئىشلەتكىم كەلمىدى
كۆركەم ئۇسلۇب ئىكەن، مەن ھازىرغىچە Windows 7 ئۇسلۇبلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن كۆركەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن مىكروسوفت تەمىنلىگەن كلاسسىك ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، باشقا ئۇسلۇبقا كۆچكەنىدىم. ئەمدى بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقاي. ئۆزگىچە ئۇسلۇب، ئۆزگىچە تۇيغۇ!
مەنمۇ چۇشۇرۋەتتىم ئەمىسە
مەنمۇ تېلفۇنۇمغا قاچىلۋالاي جۇما،ھازىرقى ئۇسلۇب سەل كۈزۈمگە سەت كۈرۈنۈپ قالدى
فەچەتكەنگۇ بۇ!!!ھەممە نەرسەم ئانجىروئېد بوپكەتتى…ھا ھا ھا
قىلالمىدىم؟؟؟؟؟؟