GIF شەكىلدىكى فوتو-سۈرەتلەر: فوتوگرافلىقنى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەندە؟!
ھازىر نىيۇيورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق Jamie Beck بولسا بىر نەپەر فوتوگراف. ئۇ بىر قىسىم GIF شەكىلدىكى فوتو-سۈرەتلەرنى ياساشقا ماھىر بولۇپ، بىر سۈرەتنىڭ كۆپ قىسىم ھالىتىنى تىنچ قويۇپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەرنى ياساپ چىققان. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى…
PS: رەسىملەر سەل چوڭ، شۇڭا تولۇق ئۈنۈمىنى بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا نادىر پەيتلەرنى قولدىن بەرمەي دېسىڭىز، ئۇنداقتا بىر ئاز سەۋر قىلىڭ. ئەلۋەتتە FireFox قا ئوخشاش نادىر تور كۆرگۈلەردە ئانچە كۆپ ساقلاپ كەتمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن.
يۇقارقىدەك سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ھەققىدە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ باھا ئارقىلىق تېمىغا ئەگىشىپ مېڭىشىنى قارشى ئالىمەن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەسەۋۋۇر,فوتو سۈرەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,844 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gif-photography.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 3D كۆزەينەك تاقىماي 3D كىنو كۆرۈپ باققان، ئەمما 3D مودا كىيىم كېچىلىكى كۆرۈپ باققانمۇ؟
- كېيىنكى يازما > پىئانىنودا چېلىنغان 魂斗罗 مۇزىكىسى، مۇزىكىغا قوشۇلۇپ ھەر بىر ئۆتكەلنى ئەسلەپ چىقايلى…
ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن، خاررى پوتتېردىكى رەسىملەرنى ئەسلىتىدىكەن… (بىزنىڭمۇ تورخۇمارنىڭ دىۋانلىرىدىن ئورۇن ئالىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولىدىكەن ھە)
ئۆزلۈكسىز ھەرىكەت ھالىتىدىكى رەسىملەرنى ۋاقىت ئوقىغا تىزىپ ئەڭ ئاستىنقى قاتلامغا تىنىچ رەسىمنى ئىشلىتپ ھەرىكەت ھالىتىدكى قاتلاملارنىڭ ھەرىكەت فوكۇسىدا بولمىغان ئورۇنلىرىنى ماسك ئارقىلىپ يېپىپ قويۇپ چىقارغىلى بولىدۇ،
ئەجەپ قولاشتۇرالمىدىم گېپىم، گاچىلىشىپ قاپتىمەن
ماۋۇ بولىدىغان ئىشكەن . …. سىناپ باقمىسام.
ناخشمۇ ياخشىكەن
ئاجايىپ تېخنىكا بىلەن ئىشلىنىپتۇ
ھەجەپ پەيزى تېخنىكا ئىكەن ، لېكىن بەك تەستە ئېچىلىدىكەن كاسافەت
رەسىممۇ چوڭدۇ ھەقىچان … بۇنداق رەسىم ئىشلەشنى كاللامدا ئازراق تەسەۋۇر كەلدى جۇمۇ …
ئادەتتە بۇنداق رەسىملەر ھەركەتلەنسە بىر ھەركەت تۈگۈپ بولغاندا يەنە بىر ھەركەتنىڭ ھەركەتلىنىدىغان ۋاقتىدا ئازراق چىنىپ قالاتتى لىكىن بۇ رەسىملەرنىڭ ھىچقايسىسىنى چاندۇرماي ئىشلەپتۇ ھەقىقەتەن يامانكەن لىكىن بىر رەسىمنىڭ ئۈزك ھالىتىنىڭ چىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم ئاۋۇ قىزنىڭ بىشىغا نەرسە چىچىۋاتقان ھالىتىدە چىنىپ قالغان يىرى باركەن ھى ھى!!!
ئۇنچىلىك چانمىسا چىچىۋەگەندەك بولاپ قالمامدۇ …
بەك فەيزى چىقىپتۇ
ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن، تورئوينايدىغانلىنىڭ ھەممىسى بىر كۆرسە بولغۇدەك رەسىلەركەن.
قانداق ئىشلىدى بۇنى؟
مەن ئىتىمنىڭ بۇرنىنى مېدىرلىتىپ باققان، لىكىن بىر پارچىلا رەسىم ئىشلەتكەن ئېدىم
ۋاھ پىچەت جۇمۇ psدا مۇ بۇنداق چىقار غىلى بولماس دەيمەن
تېخنىكا دىگەننى مۇشۇنداقمۇ ئوينايدىغانلار با دىسە
aeياكىpsھەرئىككىسىدە ئىشلىگىلى بولىدۇ،يەنە بولساcanon5d بىلەن فىلىم ھالەتتە ئېلىپ ئاندىن ھەركەتلەنمەيدىغان قىسمىنى قاتۇرۇلما ھالەتتە ھەركھتچان قىسىمنى بولسا فىلىم شەكىلدە بىرلەشتۈرمىز بەلكىم بەك ئاسان پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ورۇنلاشتۇرسىلا چانمايدۇ…بۇمېنىڭ پەرىزىم.
ساقلىۋالدىم ماۋۇ رەسىملەرنى تەكەللۇپ قىلمايلا
كىرىشتۇرگىنى ئىنىق تۇرمامدۇ ئەنە!!
تېخنىكا دېگەن بەك يامانكەن جىمۇ بۇ گۇيلاردا، قالتىس دېمەي ئىلاجىمىز يوق
زادى بەك پەيزى ئىشلەپتۇ، بەزىدە تۇرۇپلا قورقۇنۇچلۇق كىنولاردەك تۇيغۇ بىرىپ قۇيامدۇ نىمە كىشىگە…؟!