ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت مىنىش ئاللىبۇرۇن مودىدىن قالدى، ھازىر دىگەن بىر چاقلىق موتو مىنىمىز!!!
قالتىسمىكەن؟ بۇ Ryno Motors تەرىپىدىن ياسالغان تاق بالونلۇق موتسىكىلىت، نۆۋەتتە ئاللىقاچان رەسمىي تۈردە بازارغا سېلىنىپ بولدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 45 كىلومېتىر يول يۈرۈشكە بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 40 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئوقەتنى مىنىپ كوچىدا ماڭسىڭىز، نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىشىڭىز تۇرغانلا گەپ!
iPad ،iPhone دا زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا,قاتناش,موتسىكلىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: single-wheel-motorcycle.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ناۋادا سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنەكلەرنىڭ تەقدىرى قانداق بولار ئىدى؟
- كېيىنكى يازما > Windows 8 كەلدى! Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرى ئېلان قىلىندى!
دىۋان
تەڭپۇڭ لۇقنى قاندا تەڭشىگەندۇ
ئالدىرىماي تۇرساق چاقى يوق موتسېكىلىتلارمۇ چىقىدۇ تېخى…
ئاۋۇ موتونىڭ يىرىمىنى كېسىۋىپتۇ …….
بۇمۇ بۇپ قويغۇدەك
چىقماس بوپقاپتۇ.
ۋاي ما خەقلىنى … جاھاننىڭ كەينىدە قاپتۇ … ئۇچىدىغىنى چىقىپ بولغان تۇرسا
بولدىغان موتوسىكىلىت ئىكەن، 8- ئايلىق مۇئاشىمغا بىرنى ئىلىپ ئىشقا مىنىپ بىرىپ قىزلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتمىسەم، بىراق ئىككى ئادەم پاتمامدۇ قانداق؟ بىرى كەينىمدىن يۇگرەيدىغان بولدىدە!
جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتى بىزلەرگە ھەممە نەرسىنىڭ مىكىرو نۇسخىسىنى ئاتا قىلىدىكەن . ئېنتىرنېتنى مىسال ئالساق . ئەڭ بۇرۇنقى ئونىۋېرسال توردىن – كەسپى تور – شەخسى تور – بلوگ – مىكروبلوگ – ئەمدى نىمە چىقاركىن .
ئوغۇرلاپ ئەكىتىشكىمۇ ئاسانكەن، كۆتۈرۈپلا ئەكەتسە ۋەلىسپىت ئوغۇرلىرىدەك…،
پۇلى خېلى باردەك قىلىدۇ. 3500$. ¥ ئەمەس $ جۇما
بۇنى تازا ھەيدەپ كىتىۋېتىپ بىرلا تۇرمۇزلىسا قانداق بولار ھە….؟!
بۇ موتونىڭ تورمۇزى يوقتۇ ھەقىچان، تورمۇزنى دەسسەپلا قاللسا مىنگەن ئادەمنىڭ قاڭشىرى يوق بولار.
ھەي بۇ بىر چاقلىق موتوسىكىلىتتە يىقىلىپ كەتسەك قانداق قىلامىز
ئەمدى نۆۋەت ماشىنىلارغا كەپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئىككى چاقى قىسقىرايدىكەندە پات يېقىندا
ئۇنداقتا ئۇ يەنىلا موتسىكىلىت بوپ قالمامدۇ ؟
ئىت يولۋاس بولماس ، موتو ماشىنا (ماشىنا )
(بولماس) دېمەكچى ئىدىم خاتا كەتتىيا ئاللا…..
دۆلتىمىزگە بۇ تىپتىكى موتسىكىلىت كىرەرمۇ؟
ھەيدىگەندىغۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغاندۇ. لېكىن تورموز تۇتقاندا ئالدى چاقىغا كۈچ بەكرەك كېلەتتى، ئادەم دۈملا چۈشمەمدىكىنە؟ بۇ پرىنسىپىنى چۈشىنەلمىدىم