قورسىقى تويغاننى كۆرگەن، ئەمما بۇنداق جېنىدىن تويغاننى كۆرمىگەن!! ھىندىستاندىن «ئۆمۈچۈك پالۋان» چىقتى!
تەلۋىلەشكەن قالتىس كىشىلەر ھىندىستاندا ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس جۇمۇ؟ تېخى يېقىندا ھىندىستانلىق مۇلازىمنىڭ كەسپىي ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. مانا ئەمدى ھىندىستانلىق «ئۆمۈچۈك پالۋان»مۇ چىقىپتۇ!! جاندىن تويغان بۇ ئاداشنىڭ ماھارىتىگە قاراپ ھېلىغۇ ئۆمۈچۈك پالۋانكەن، كېپىنەك پالۋانمۇ شۇ ھامان تاشقا ئايلىنىپ كەتكۈدەك!!
ئېسىڭىزدە بولسۇن! بۇنداق رېئاللىقتىن ھالقىغان ماھارەتلەر پەقەت ئاشۇنداق جېنىدىن تويغان تەلەيلىك كىشىلەرگىلا ماس كېلىشى مۇمكىن، پەقەت كۆرۈپ قويسىڭىز، ئاندىن ئېچىلىپ قالغان ئاغزىڭىزنى يۇمۇپ قويسىڭىزلا بولدى، ئەمما ھەرگىز دوراپ سالماڭ! بۇنداق ئىشلارنى قىلغاندىن، ئۆيدە ئولتۇرۇپ جۇڭگو پۇتبولى كۆرگەن مىڭ ئەۋزەل!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىرلىق,قالتىس,ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cattle-train-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPad ئالاي دېگەنمىدىڭىز؟ مەن سىزگە iPad ئالماسلىققا 10 دانە سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرەي
- كېيىنكى يازما > مۇنداق رەسىم سىزغاننى كۆرگەنمىدىڭىز؟ ئوخشىمىغان رەڭلەرنى تۆكۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئۆزگىچە رەسىم
ياۋپانا دىۋان دىگەن سەنما ھە
ئۇلارنىڭ پويىزلىرىنىڭ ئىشىكلىرى جۇڭڭودەك تاقالمىغاندىكىن شۇنداق قىلىدىغان گەپ.
مەۋەدە ئاندا قىلماڭلا باللا، سولىنىپ كېتىسىلەن
ھاھاھاھاھاھا…..جىڭ گەپ . (يۇمۇرگەپكە سەت ئۇستكەنسەن ئاداش)ما يازغان ئىنكاسىڭ ئۈچەيلىرىمنى ئۇزۋەتكىلى تاس قالدى جۇمۇ،،
ئىتىۋەتمىگەنگە خوش بوسا بولدا دەيمە …
بۇ فىىلىىمىنى ھىلىقى روسلار كۆرسە ئىككىنىچى پۇيىزغا ئىسلىمىغۇدەك
قارۋاي ئاداش پۇيىزغا بىكارغىلا چىقىدىكەنغۇ ،ئىسىلىپلا
بۇ بىر سىز ئېيىتقاندەك قاراملىقكەنگۇ؟
ئۇنداق قىلماي بىر پويىزنىڭ يۇزىنى قىلىپ چىقىپ قويسا بوممامدۇ دەيمەن، ئېسىلىپ يۇرۇپ ئەمدى …..
پويىزنىڭ يۈزى قانداق يىرىدە بولىدۇ……..
جاندىن تويغانلا ‹ئۇ›نى دوراڭلار!!!
كىچىك ۋاقتىمدا مەكتەپتىن قايتقاچ ئىشەك ھارۋىسىنىڭ كەينىگە ئېسىلىۋالاتتىم… ئېسىمگە كەپ قالدى
بىزمۇ مەكتەپتىن قايتقاندا تىراكتۇرلارنىڭ ئارقىسىغا يۈگۈرەپ چىقىۋالاتتۇق. ھەي ھازىر ئۇنداق يۈرەك يوق دە !!
ماۋۇ ساراڭنى سىنغا ئالغانمۇ قىززىقكەن، بىرە تەنتەربىيەنىڭ بولامدۇ ھاراقنىڭ بولامدۇ ماركىسىنى كىرىشتۈرۋەتمەي…..
مانا دىۋانىلارمۇ ئا بىكەتتىن ما بىكەتكە تىلەمچىلىك قىغىلى مىڭىپتۇ ،ئۇنداق قىلغاندىن بەلەت ئىلىپ تورخۇمارغا ئۇدۇللا كىلىڭلا مۇنداق،تىلەمچى دىگەن مۇشۇ يەردە .ھە راست بەلەت ھەقسىز جۇمۇ
4 كۈن بولدى يىڭىلىق يوقما؟
ھەقىقى ماھارەتكەنغۇبۇ
ھە ياخشكەن””`
بىرەسى يىقىلىپ چۈشۈپ پويىزنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ ئېسىل فىلىم بولاتتىكەن …..
ئۇمۇچۇك پالۋانمۇ دۇرىيالمايدۇ ئۇلانى !قايسىڭلادا ئۇنداق يۇرەك بار ! ھىندىستاندا نۇپوس كوپ بىرەر ئىككىسى ئۆلسىمۇ ئازلاپ قالمايدۇ
دەلتى پارامۇشلارنىڭ جېنى ئەزان ئوخشايدۇ ؟!
ھەقاچان دادىسى-ئاچىسى 5روبلى بەرسە قىلىدىغان قىلىق تاپالماي ،چېڭلوڭنى دوراپ ئىشلىگەن ‹قانتازىيىلىك›كىنولىرى ،ئۇ ‹نوچىلار›نىڭ …
دەلتى پارامۇشلارنىڭ جېنى ئەزان ئوخشايدۇ ؟!
ھەقاچان دادىسى-ئاچىسى 5روبلى بەرسە قىلىدىغان قىلىق تاپالماي ،چېڭلوڭنى دوراپ ئىشلىگەن ‹قانتازىيىلىك›كىنولىرى ،ئۇ ‹نوچىلار›نىڭ …