isoBuster ئارقىلىق كۆچۈرۈش چەكلەنگەن VCD/DVD پلاستىنكىلىرىنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈش ئۇسۇلى
ھازىر يېڭىدىن چىقىۋاتقان بەزى ناخشا پلاستىنكىلىرىدىكى ناخشىلارنى، كىنولارنى كومپيۇتېردا قويغىلىمۇ بولمايدۇ ، كۆچۈرىۋالاي دېسىڭىز كومپيۇتېرغا كۆچۈرىۋالالمايسىز. ھەتتا بەزىلىرى مەخپىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دىسكىنى سالسىڭىز ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما VCD, DVD ئاپاراتلىرىدا نورمال كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ چاغدا سىز isoBuster نىڭ كارامىتىنى ھېس قىلىپ قالىسىز!
IsoBuster دېتالى سىغىمى كىچىك دېتال بولۇپ، بۇ دېتال ئارقىلىق VCD, DVD قاتارلىق ئوپتىك دىسكىلارنى ئېچىپ كۆرگىلى ، كۆچۈرگىلى بولۇپ قالماي، بۇ دېتال ئارقىلىق يەنە باشقا مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا ھۆججەتلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ، كۆچۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ دېتال ھازىرقى كۆپ قىسىم شەكىلدىكى مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا ھۆججەتلىرىنى قوللايدۇ.
دىققەت: isoBuster نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى مەزكۇر يازما ئاستىدا
isoBuster نى چۈشۈرۈپ قوزغاتقاندىن كېيىن ئومۇمىي كۆزنەك كۆرۈنۈشى، Windows تىكى بايلىق باشقۇرغۇچقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى سول تەرەپتە ئوپتېك دېسكىنى تاللىساق، ئوڭ تەرەپتە ئىچىدىكى مەزمۇنلار كۆرۈنىدۇ.
كۆچۈرۈش چەكلەنگەن VCD/DVD پلاستېنكىسىدىكى ئۇچۇرنى سۆكۈپ ئېلىش
ياكى DVDدىسكىسىنى دىسكا قوزغاتقۇچقا سالغاندىن كېيىن سول تەرەپتىكى كۆزنەكتە دىسكا ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. يەنى سول تەرەپتىكى DVD+R نىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى باسساق، ئۇنىڭ ئاستىدا Session ، بۇنىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى چەكسەك، Track 01،بۇنىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى چەكسەك kino كىنو دېگەن تۈردىن ئىككىسى كۆرۈندى(مېنىڭ سالغان دىسكامنىڭ نامى kino ). ئۇنىڭ ئالدىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى چېكىپ، يايسام ئۇنىڭ ئاستىدا uyghur ۋە 谍影重重 دىگەن ئىككى تۈر كۆرۈندى. مەن uyghur دېگەن تۈرنى تاللىسام، ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە دىسكىدىكى uyghur دېگەن مۇندەرىجە ئاستىدىكى بارلىق فىلىملەر كۆرۈندى.
ئەمدى كۆچۈرمەكچى بولغان فىلىم ھۆججىتىنى تاللاپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بىر چەكسەك تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك كۆرۈنىدۇ.
تىزىملىكتىن بىرىنچى تۈر يەنى Extract دېگەن تۈرنى تاللىساق ، ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بىز بۇ كۆزنەكتىن ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، جەزىملەشتۈرسەكلا، ھۆججەتنى كۆچۈرۈشكە باشلايدۇ. رەسىمگە قاراڭ:
%100 توشقاندا ئاندىن كۆچۈرۈپ بولغان بولىدۇ. بىز پەقەت ئۆزىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇندىن ھازىر تاللىغان ھۆججەتنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقساقلا بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
isoBuster يېشىل نەشىرى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: دېسكا,كىنو,كۆچۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 531 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: isobuster.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > ئاجايىپ تاتلىق ۋە ئۇماق لايىھەلەنگەن بىر يۈرۈش 阿狸 ئىسىملىك QQ چىراي ئىپادىسى توپلىمى
- كېيىنكى يازما > فانتازىيەگە تولغان كلاسسىك ئويۇن – قەھرىمان سام HD: ئىككىنچى قېتىملىق مۈشكۈلات
ساقلاپ قويۇپ تۇراي، ھازىرچە بۇنداق VCD/DVD پلاستېنكىسىغا يۇلۇقۇپ باقماپتىمەن.
يەنىلا نوچى يازمىلار تورخۇماردا بار جۇمۇ
ۋاي ۋوي،تالاغا بىر چىقىپ كىرگىچە ئالىدىغان يەرنى ئەپ بوپتا بوۋايلا
مەن بەك ئېھتىياجلىقتىن بۇ نەرسىگە .
بۇ دىتالدا ۋىروس بار دەيدۇ .جىنشەن
ئۇنداق ئەمەستۇ؟ باشقىلارمۇ سىناپ باقساڭلار بوپتىكەن.
360 مۇ ۋىروس بار دەپ كۆرسەتتى
ئەسلى چۈشۈرۈش ئادرېسى بىكار قىلىندى، يېڭى مەنزىلدىن لازىملىق نۇسخىسىنى تاپالىشىڭلارغا ئىشىنىمەن.
مەندە بىر Mp3 قويغۇچ بار ئىدى، يېقىندا بۇ قويغۇچنى كومپىيوتىرغا سالسام ئىچىدىكى مەلۇم بىر مۇندەرجىدىكى بارلىق ناخشىلار كۆرۈنمىدى.. مەن بارلىق ئۇسۇللارنى( سېستىمنىڭ يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى، تىزىملاش جەدۋىلىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى، Winrar ئارقىلىق ئېچىش ئۇسۇلى…) قوللىنىپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى پەيدا قىلالمىدىم ، بىراق Mp3 قويغۇچتا نورمال كۆرۈندۇ ھەم نورمال قۇيۇلدۇ. بۇ مەسىلنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك؟
ياردەم قىلساڭلار.
ئاشۇنداق پىلاستىنكىلارنى قىرىشنى ئۆگەنسەك بولاتتى ئەمدى!
ئەركىن ئابدۇللانىڭ 吉他王子 دېگەن دېسكىسى مۇشۇنداق . ئىچىگە كىرسە قۇپقۇرۇق .
سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ھەقىقەتەن تورداشلارنى قايىل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ رەخمەت سىزگە !!! بىر چاغلاردا بۇ دىتال مەن ئۇچۇن شۇنداق لازىم بولغانتى …………..