ئۈچ چوڭ پالۋاننىڭ بىرلىشىپ ماشىنا ئادەمگە جەڭ ئېلان قىلىشى – Iron Man’s Adventures
بەلكىم كۆپ قىسىم تورخۇمار دوستلار بۇ ئۈچ پالۋاننى ئايرىم-ئايرىم فىلىملەردە ئۇچراتقان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئۈچ پالۋان(ئۆمۈچۈك پالۋان، تۆمۈر پالۋان، يېشىل گىگانت ئادەم)نىڭ كارامىتىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، ناۋادا بۇ ئۈچەيلەن بىرلەشسە قانچىلىك چوڭلۇقتىكى زەربە بېرىش كۈچى ھاسىل قىلالايدىغاندۇ؟ ئىشىنىمەنكى جاۋابىغا قىزىقىدىغان تورداشلار چوقۇم خېلى كۆپ، ئۇنداقتا يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت!
بۇ قىسقا فىلىمنىڭ نامى «تۆمۈر پالۋاننىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى – Iron Man’s Adventures» بولۇپ، فىلىمدە ئاساسلىق ئۈچ پېرسوناژ – ئۆمۈچۈك پالۋان(SpiderMan)، تۆمۈر پالۋان(Iron Man) ۋە يېشىل گىگانت ئادەم(The Incredible Hulk) نىڭ، ئىنسانلارنى قوغداش جەريانىدا بىر غايەت زور ماشىنا ئادەم بىلەن ئېلىپ بارغان جەڭ ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن. گەرچە پۈتكۈل فىلىم ئاران 5 مىنۇتقا يېقىن بولسىمۇ، بىراق فىلىمدىكى ئۈنۈم كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇرىدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىن,فىلىم,كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 739 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iron-mans-adventures.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > 魂斗罗 تۇيغۇسىدىكى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنىنى چۈشۈرۈش – Normal Tanks
- كېيىنكى يازما > ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ۋە كۆرۈنمە يۈزى پۇزۇر لايىھەلەنگەن ئويۇن – Shatter
ئۆمۈچۈگۈم تاماشا كۆرگىلى كەپتىكەن ئەسلى!…
ئۆمۈچۈك سىلنىڭمىتى ئاۋۇ كۆك ئىشەك باياتىن بارتى مۇشۇيەردە، بىر دەمدە گېزىتكە چىقىپتۇ.
ھەممىدىن يامىنى يىشىل گىگانىت ئادەم بىلەن تۆمۈر پالۋان ئىكەن
قىسقا فىلىملەرمۇ بارغانسىرى نادىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ جۇما…