كلاسسىك ئويۇن: ئىتتىپاقداش پىدائىيلار(Commandos 2) خەنچە نەشىرى | 盟军敢死队:勇往直前
Pyro Studios شىركىتى بىزگە ئېلىپ كەلگەن بىر يۈرۈش ئويۇن «ئىتتىپاقداش پىدائىيلار(خەنچە نامى: 盟军敢死队)» نى ئارىمىزدا بىلمەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك. مېنىڭ كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇش تارىخىمنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەكمۇ، بۇ ئويۇننىڭ نۇرغۇن ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى مەن بۇ يۈرۈش ئويۇنلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋە ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئىككىنچى بۆلۈمى – «ئىتتىپاقداش پىدائىيلار: جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» ناملىق قىسمى بولۇپ، كۆپچىلىككە قايتىدىن بىر تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم…
ئويۇن 10 نەچچە خىل ئوخشىمىغان مەيدانغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىز 9 نەپەر پىدائىينى باشقۇرۇپ، ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان پىدائىينىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئويۇندىكى دۈشمەنلەردىن پەيدىنپەي غالىپ كېلىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋى ئىنتايىن تۆۋەن، 2005-يىلىدىن بۇرۇنقى كونا سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلاردىمۇ شۇنداق نورمال ئويناپ كەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپتىن ئەنسىرەش تامامەن ھاجەتسىز.
يۇقاردىكىسى ئويۇننىڭ تۇنجى مەشىق سۈپىتىدىكى مەيدانى بولۇپ، بىرىنچى ئۆتكەلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىلا خېلى يۇقىرى. جەڭگىۋار ھالەتتىكى تەگمۇزىكىسى بىلەن ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن جەڭ مەيدانى بىرلىشىپ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان تېخىمۇ قالتىس بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
ئويۇن جەمئىي 3 دانە ISO ھۆججىتىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تولۇق چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئۈچ دانە ISO ھۆججىتىنى IMGBurn ئارقىلىق بىۋاستە ئوپتېك دېسكىغا ئويۇۋېلىپ تەرتىپ بويىچە قاچىلىسىڭىزمۇ، ياكى LevinISO ئارقىلىق بىرىنچى ISO ھۆججىتىنى مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا شەكلىدە تەسۋىرلىۋېلىپ قاچىلاشنى باشلاپ ئىككىنچى دېسكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئىككىنچى ISO ھۆججىتىنى ئوپتېك دېسكا شەكلىدە تەسۋىرلەپ كۆرسىتىپ تەرتىپ بويىچە ئۈچىنچى ISO ھۆججىتىنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە كۆرسىتىپ بەرسىڭىزمۇ، ۋە ياكى بىراقلا ئۈچ دانە مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا تەسۋىرى قۇرۇپ تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى(迅雷 دا چۈشۈرىسىز):
ئىتتىپاقداش پىدائىيلار: 1-تەسۋىر ھۆججىتى | 2-تەسۋىر ھۆججىتى | 3-تەسۋىر ھۆججىتى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 2D,ئويۇن,جەڭ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 789 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: commandos2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > يېزىق ۋە جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم ياردەمچى – Office 2010 كۈچەيتىلگەن نەشىرى
- كېيىنكى يازما > 360 قورالى بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
مەن 使命召唤نى ياقتۇرىمەن، سىنىپتىكى ئويۇنچىلار بىلەن بىللە تورخانىدىن چاڭ چىقىرىۋىتىمىز…
بۇنىمۇ ئويناپ باقاي قىنى
使命召唤7 يېڭى نەشىرى بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىمۇ بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەرمەن
使命召唤7 قىسقا فىلىمىنى كۆرگەنتىم … بەك پىچەتتەك قىلىدۇ ….
تەدبىركار ئەپەندى … مەن ئوت تۈلكىنى قاچىلىغانتىم … يېزىق مەسىلىنى ھەل قىلدىم … لىكىن تور بەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈلمەسلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلالمىدىم … ئەجىبا ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى web2.0 تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەسمىدۇ ؟
دەل توغرا
شۇنداق، ھەتتە IE6 دە نورمال، IE8 دە نورمال ئەمەس ئىشلار تولا… ھەتتا EOT نورمال ئۇلانمىغان تور بەتلارمۇ چىقىپ قالىدۇ.
تۇلۇقسىزدا سەت ئوينايتىم بۇ ئويۇننى، بىر مەيداندىن ئۆتەلمىسەك يەنە بىر مەيدان ئېچىلمايتى، ئۇ چاغلاردا توردىن مەيدان ئاتلاش كودىنى ئىزدەشنى بىلمەيدىغان ۋاقلىرىمىز بولغاچقا ھەپتىلەپ ئويناپ كېتىدىغان مەيدانلار بار ئىدى… ھەي،،،شۇ چاغدا ئوينىغان ئويۇنلىرىمنىڭ پلاستىنكىلىرى ھازىرغىچە كونا ئاياق قېپىدا ساقلاغلىق، كېيىن بالامغا بېرەمەن.
مەن كومپىيوتېر ئويۇنى ئويناشنى مۇشۇنىڭدىن باشلىغان دېسەممۇ بولىدۇ. تۇنجى قېتىم ئويناپلا قىزىقىپ قالغانتىم. 1-،3-،4- قىسىملىرىنىمۇ ئويناپ باقتىم لېكىن بۇنىڭدەك ياقمىغان. 2-3-4-قىسىملىرىنىڭ دېسكىلىرىنى ساقاپ قويغان پات-پات ئويناپ قويىمەن.
راست گەپ قىلسام،مۇشۇ ئويۇننى ئوينىغاندا بەك دۆتمىكىن دەيمەن ئۆزۈمنى،ھازىرغىچە بىرمەيدان ئاتلاپ كۆرگىنىم يوق…
بىز بۇ ئويۇننى ئوينىغاندا تاكتىكا بىلەن ئەمەس قاراملىق بىلەن بىر دۈشمەن كۆرسەك بىرنى ئېتىپ ئويناپتىكەنمىز.. كېيىن توردىن باشقىلارنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ۋاھ دەپ قالغان ۋاقىتلارمۇ بولغان. ھەقىقەتەن كىلاسسىك ئويۇنلار.
تورىۇمار ئەپەندى-1-2ئايلىق تىرىشچابلىقىم نەتىجىسىدە بىر ئۇيۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.ئەمگەك مىۋەمنى قوللاش يۈزىسىدىن تورخۇمار بىلوگىدا ئىلان قىلىپ بەرسىڭىز بۇلامدۇ؟
http://marhaba11.blogbus.com/
چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرچە ئۇيۇن-دىگەن تىما شۇ!
ئەمگىكىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم، بىراق چۈشۈرۈپ بولاي دېگەندە NOD32 ۋىرۇس باركەن دەپ چۈشۈرگىلى قويمىدى. خاپا بولماي تولۇق تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز، ۋىرۇس يوق پاكىز ھالەتتە كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلساق تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن.
ئالدىراشچىلىقتا ئىملا خاتالىق كۈرۈلۈپ قاپتۇ،كەچۈرۈڭلار،بۇ مەن ئەڭ ئۆچ كۈرىدىغان ئىش ئىدى!
ئىملا خاتالىقىلا ئەمەس، گراماتكىلىق خاتالىقمۇ بار ئىكەن.
گىراماتىكىلىق دىمەكچىمۇ ياكى گىرامماتىكىلىق دىمەكچىمۇ پىرىستان ئەپەندى؟
مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا خاتالىق سادىر قىلىپتىمەندە…
قاچىلاش ئۇسۇلى بەكلا مۇرەككەپمۇ قانداق بولسا مۇشۇنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرپ بىر تىما يىزىپ قويغان بولسىڭىز مۇشۇنداق iso شەكلىدىكى ئويۇنلارنى قاچىلاش ئۇسۇلى توغىرسىدا بىر تىما يوللاپ قويغان بولسىڭىز بىلىدىغانلارغۇ قاچىلاپ ئوينايدىكەن بىلمىگەنلەر چۈشۈرگىنىم بىلەن قاچىلىيالمىسام دەپ مەيۈسلىنىپ كىتىپ قالىدىكەنمىز
بولىدۇ، بۇنى مەنمۇ ئويلاپ تۇراتتىم
nod32 دىن باشقا ۋېرۇسخورلاردا بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلمەيدۇ.بۇ ئۇيۇن ئەسلى ھەقلىق،بۇ يىشىۋىتلگەن نەشىرى بولغاچقا كۈرۈلگەن مەسىلە!ۋېرۇسخورنى تاقىۋىتىپ تۇرۇپ پىرىستىن يەشسەك بۇلىدۇ!
ئۆمرۈمدە ئەڭ ياقتۇرۇپ ۋە ئاخىرىغىچە تۈگىتىپ ئوينىغان بىردىن- بىر ئويۇن مۇشۇ! ھېچقانداق ئۇستا كۆرمەي، ماتېرىيال كۆرمەي، ئۆزىنىڭ ئېنگلىزچە (خەنزۇچە) ياردىمىگە تايىنىپلا ئويناپ تۈگەتكەن بارلىق يوللىرىنى. ئۇ چاغلاردىكى جاپانى بىر دېمەڭ ……
بۇ ئۇيۇننى مەندەك ياقتۇردىغانلار يوقتۇ بەلكىم، ئاجايىپپ ئويناپتىكەنمەن مەنمۇ. ئاۋۇ روسيىدىكى ۋەزىپىدە دۈشمەننىڭ مەرگىنىنى ئاتالماي 15 كۈن قىينالغان ئىدىم. كىيىن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۆمىلەپ، 3 پاي ئوق بىلەن بېشىغا چەنلەپ تۇرۇپ تاڭ قىلىپ سۇقۇپتىكەنمەن.
كىيىنكىيەنى 4-بۈلۈمىمۇ ئەڭ ياقتۇردىغان قىسمى. 4-بۆلۈمنىڭ كىيىنكى ئۆتكەلللىرىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە بەك تەسكى…. بىچارە مەرگىنىمنى ئاسرايمەن دەپ بىر دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ نەچچە كىچە دۈم يېتىۋېلىپ دۈمچەك بوپ قالاي دىگەنلىرىم…. ھاھھا…. ھەجەپ يېڭى قىسمى ھەققىدە خەۋەر يوق دىسە.
رەخمەت سىزگە ~~~مەن چۇشۇرىۋالدىم