نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

كارتون ۋە كارتون ئىشلىگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ – Animator vs Animation

 كارتون ۋە كارتون ئىشلىگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ - Animator vs Animation

2006-يىللىرى، «Animator vs Animation» دىن ئىبارەت بۇ قىسقا كارتوننىڭ 1-قىسمى تورغا قويۇلغان چاغدا خېلى چوڭ غۇل-غۇلا قوزغىغان ئىدى، كېيىن 2-قىسمىنىڭ ئاخىرىدا فىلىمدىكى باش پېرسوناژ تۈرمىگە چۈشكەندىن كېيىن، ئۈستەل يۈزىدىكى بۇ جەڭمۇ بېسىققان بولغان. يېقىندا چىققان 3-قىسىم بولسا ئالدىنقى قىسىمنىڭ ۋەقەلىكىگە ئۇلاپ ئىشلەنگەن بولۇپ، جەڭ مەيدانى يەنىلا Windows XP نىڭ ئۈستەل يۈزى قىلىپ بېكىتىلگەن ھەمدە جەڭنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكىدىنمۇ ۋەھشەت دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن!

ئالدىنقى ئىككى قىسىمنى كۆرۈپ بولغانلار بىۋاستە ئۈچىنچى قىسىمغا ئاتلاپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ، 3-قىسىم جەڭنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ جىددى بولۇپ، ئۈستەل يۈزىدىكى يېڭى قەھرىمانلاردىن IE8، Google Chrome قاتارلىق يىگىتلەرمۇ بۇ جەڭگە قىزغىن ئىشتىراك قىلغان.

1-قىسىم:



2-قىسىم:



3-قىسىم:



无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئورۇن ئەپ قويۇپ كەچتە كۆرەي…دىۋان تالىشىش ماھىرى بوپ كەتتىمغۇ مەن :mrgreen:

  2. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەھرالىقلاردىن دىۋان ئاشمايدۇ دېمىسىمۇ ؟! :mrgreen: :grin:

    • سەھرالىق :

      ئەلۋەتتە،‹‹دىدەك مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆي قالماپتۇ،قەلەندەر ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭ…›› ئەلۋەتتە مەن شەھەرگە كەلگەندىن كىيىن،مەسە-كالاچلىرىمنى قاقمايلا دىۋانغا بەداشقان قۇرىمەن… سەھرالىق مانا مۇشۇنداق ئەدەپسىز :mrgreen:

  3. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3 جىسى كۆمەپتىكەنمەن …ئاجايىپ چىقىپتۇ … بولسا مۇشۇندا بىر ئويان چىقسا … كومپۇيۇتۇر ئىكرانىدا مۇشۇندا بىللە ئىلىشىدىغان …بىز كود كىرگۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان …

    • ئۇيغۇربەگ :

      پروگرامما ئۇقمايدىغانلار كەچكىچە ئۆلۈپ بىرىدىكەندە :???:

  4. قەدىردان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىچە -كىچە ئولتۇرساقمۇ دىۋان تەگمەيدىكەن بىزگە! :cry:
    ماۋۇ مۇشۇ فىلىمنى ياسىغان بالىنىڭ توربىكىتىكەن كىرىپ كۈرۈپ باقساڭلار بولىدىكەن !
    ئادرىس:http://www.alanbecker.net
    تەدبىركار ئەپەندىن بولسا مۇشۇ ۋورىدپىرىسنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبىنى نەدىن تاپقىلى بولدىغانلىقىنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىز !رەھمەت ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم!

  5. سۈرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپىيۇتېردا قىيامەت قايىم قىلىۋەتتىغۇ ئەمدى :grin:

  6. ئامالىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى نىمە دىتالدا ياسىغاندۇ ،ئەجەپ پەيزىكە؟

  7. نىدا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشتىكى ئىككىسىنىمۇ كۆرگەنتىم، 3-سىگە باشتىكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئاۋاز ئۈنۈمىگە بەكرەك كۈچەپتۇ، شۇڭا بەك ھەيۋەت بىلىنىپ كېتىپتۇ. كاساپەتلەردە، تەسەۋۋۇر دېگەن ئاجايىپ جۇمۇ!

  8. قايىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۈزۈك نۇسخىسىنى نەدىن تاپىدىغاندىمىز بۇنىڭ…

 汗