Win7 دىكى كامېرا – Windows 7 دە كامېرا(摄像头) ئايكونىنى كۆرسىتىش
يېقىندىن بۇيان تەدبىركارنىڭ تۈرتكىسىدە، Windows 7 گە كۆچىۋاتقانلار خېلى ئاۋۇپ قالدى جۇمۇ، بىراق بىر قىسىم تورخۇمارلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، Win7 دا كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسى تولۇق قاچىلانغان بولسىمۇ، XP دىكىگە ئوخشاش كومپيۇتېرىم كۆزنىكى ئىچىدە كۆرۈنۈپ تۇرمايدىكەن، يەنە بىر قىسىم لەپتوپ(笔记本) ئىشلەتكۈچىلەر بولسا، لەپتوپقا توپلاشتۇرۇۋېتىلگەن كامېرانى باشقۇرۇشتا قولايسىزلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى يەنە بىر ئاددى قورال بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
كامېرا ھازىر ھەر بىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن مۇھىم بىر جابدۇق بولۇپ قالدى، QQ قاتارلىق ئالاقە قوراللىرىدا قارشى تەرەپنى كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلىشىش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردا يەنىلا كامېراغا تايانماي بولمايدۇ(سېپى ئۆزىدىن قۇرۇق گەپ!)، بىراق Win7 غا كۆچكەندىن كېيىن كامېرانىڭ سىنبەلگىسى XP دىكىگە ئوخشاش 我的电脑 ئىچىدە كۆرۈنمەس بولۇپ قالدى، قانداق قىلىش كېرەك؟
Ecap دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قورال سىغىمى ئىنتايىن كىچىك ۋە قاچىلاش ھاجەتسىز بولۇپ، مەشغۇلات يۈزىمۇ پەۋقۇلئادە ئاددى، Ecap نى قوزغاتقاندىن كېيىن پەقەت 安装Win7摄像头软件 نى بېسىپ قويساقلا بولىدۇ. كامېرا ئارقىلىق رەسىمگە چۈشسىڭىزمۇ، سۈرەتكە ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: كامېرانى كومپيۇتېرغا چېتىپ، قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى نورمال تونۇتۇپ مەشغۇلات قىلىڭ، بولمىسا Ecap سىزگە بىر تال ئايكون چىقىرىپ بېرىشتىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ناۋادا كامېرايىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى تاپالمسىڭىز، ئاستى قىسىمدىكى ھەممىباب كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
ھۆججەت تەپسىلاتى:
ھۆججەت نامى: Ecap
ھۆججەت سىغىمى: 203KB
پرېستېن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Ecap نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com | ھەممىباب كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: win7,كامېرا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 372 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: win7-camera.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > QQ2010 SP3.1 رەسمى نەشىرىنى چۈشۈرۈش | ئورتاق دوستلار سانىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان
- كېيىنكى يازما > بىر مۇنەۋۋەر بلوگ قانداق تاۋلىنىپ چىقىدۇ؟ بلوگگېرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا دىققەت قىلىڭ…
رەھمەت سىزگە
ئاپلا ،سافا يەنە قالماپتۇ
ھەي دىۋان …..
داۋاملىق كىرسەم سافا غەللىسى قىلامسىلە باللا
تەدبىركار ئەپەندىم توردىن مۇشۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى بىزگە تەۋسىيە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ مەنمۇ بۇنىڭدىن كۆپ خۇرسەن.
تېخى ئەتتىگەن مۇشۇ نەرسىنى بىر دستۇمنىڭ كومپىيوتىرىغا قاچىلاپ بەردىم ئۇ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى .
ھېچبولمىغاندا تەدبىركار ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتارسىلە سافا غەللىسى قىلماي.
سافا، دىۋان، ئورۇندۇق يەنە بىرنېمە دېگەندەك گەپلەرنى ئىشلەتمىسەك قانداق، ، تېمىلار بىر بەلەن يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ بىر قىسىم بالىلار خەن بېكەتلىرىدىن ئۆزلەشتۈرگەن پىس پاس گەپلەرنى ئۇيغۇر بەتلىرىمىزگە قاملاشمىسىمۇ ئەسكى پايتىمىدەك سۆرەپ كىرمەكتە، ،