نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows > يازما مەزمۇنى

سېستىما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى بىلەن مۇڭدىشىش

سېستىما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى بىلەن مۇڭدىشىش

تەدبىركار تور بېكىتىدە Windows 7 ئەسلى ھەقىقى نەشىرىنى تونۇشتۇرغاندىن بۇيان، نۇرغۇن تورداشلار چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ۋە رازى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا يەنە بىر قىسىم تورداشلاردىن، سېستىما ھەجىمى سەل يوغان، بەزى ئىقتىدارلار ئارتۇقچە، مۇشۇنى ئۆز كۆڭلىمىزدىكىدەك تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولماسمۇ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى دەل مۇشۇ تۈردىكى ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان تەۋسىيە خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتالدۇر.

Windows7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى(لاتىنچە نامى: Windows7 Master) بولسا، مىكروسوفت تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن يۇمشاق دېتال بولۇپ، 64 بىتلىق ۋە 32 بىتلىق Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسىنى مۇكەممەل قوللايدۇ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى Win7 ئەلالاشتۇرۇش قوراللىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. via win7china

Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى ئۆزىدە كۆپ خىل تۈردىكى ئەلالاشتۇرۇش ۋاستىلىرىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، سېستىما ئورۇقلىتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، ئەخلەت تازىلاش، بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش، تور ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئارتۇقچە ئىقتىدارلارنى چىقىرىش ۋە سېستىمىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى قوزغىتىشتەك كۆپ خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ناۋادا سىز سېستىمىنى يېڭىلا قاچىلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى چوقۇم سىزنىڭ سېستىما ئەلالاشتۇرۇشتىكى بىرىنچى تاللىشىڭىز بولالىغۇسى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:

يۇمشاق دېتال نامى: Windows7 Master
ھۆججەت سىغىمى: 5.53MB

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى | مەنبەسى: torhumar.com | Windows 7 رەسمى ھەقىقى نەشىرىنى چۈشۈرۈش



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 28-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: win7-master.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. تۇغلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت سىزگە!
    windows7 قاچىلاش جەريانىدا سىستىمامدىن چاتاق چىقىپ ghost.txt ھوججەتنى سوراپ تۇرۋالدى. باشقا ghostxp قاتارلىق نەشىردىكى سىستمىنى قاچىلساممۇ ئوخشاش ئامال بولماي分区 قىلىپ قايتا سىستىما قاچىلدىم. باشقا نۇرغۇن سىىستمىلارنىمۇ قاچىلاپ سىسناپ باققان بولساممۇ كومپىيوتىر بىلەن ماسلىشىش دىگەندەك ياخشى ئەمەس سىز تەۋسىيە قىلغان بۇ دىتالنىمۇ مەن ئىشلىتىپ باققان لىكىن ماڭا تازا ئۈنۈمى بولمىدى. بولسا ئۆزىڭىزنىڭ تەجىربىلىرىڭىزگە ئاساسەن ماسلىشىچانلىقى كۈچلۈكرەك يەڭگىل بىر سىستىما تونۇشتۇرسىڭىز. مىنىڭ windows7 نى بەكمۇ ئىشلەتكىم بار .
    سىزنى ئاۋارا قىلدىم

    • torhumar :

      سىز قارىغاندا ghost سېستىمىلارنى قاچىلاپسىز، مۇشۇ يازمىنىڭ چۈشۈرۈش قىسمىدىكى Windows7 نىڭ ئەڭ ياخشى نەشىرىنىڭ ئادرېسىنى بار، سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي…مۇشۇ Windows 7 دېگەن گۇيغا تېخى كۆچۈپ بولالمىدىم جۇمۇ…

    • torhumar :

      سەپلىمىڭىز 2007-يىلىدىن كېيىنكى سەپلىمە بولسا ئىككىلەنمەي كۆچۈشنى تاللاڭ. ئەتە ئۆگۈن ماۋۇ IE9 چىقسا XP دا ئىشلىتەلمەي، CSS تەڭشىشىڭىزگە توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ :lol:

  3. ۋەيرنى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇمكىن بولسا ماڭا Windows 7نى دىسكىدىن قاچىلاشنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن….

  4. ئۆركەش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Windows 7 نىڭ س دىسكا بىلەن د دىسكنى بىرلەشتۈرىۋالىدىغىنى قانداق ئىشتۇ….
    قايتا قاچىلاش ئۈچۈن س دىسكىنى فورماتلىسام، د دىسكاممۇ فورماتلىنىپ كەتتى… ئۇنى تەڭشىگىلى بولامدۇ، ئۆگىنىۋالسام بولاتتى.






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)