[ئۇيغۇرچە خەتلىك] تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىپ ئىشلەنگەن تارىخى فىلىم «Fetih(فەتىھ) 1453» نىڭ DVD نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپلا داۋرىڭى ئۈزۈلمىگەن، تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىپ ئىشلەنگەن تارىخى فىلىم«Fetih 1453» نىڭ DVDRip نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ۋە نۆۋەتتە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىنىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.
فىلىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
فەتىھ ( بويسۇندۇرغۇچى) – تۈركلەر تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك غازى، مۇھەممەد2 نىڭ شەرەپ لەقىمى. 1453-يىلى ئەمدىلا 23ياشقا كىرگەن مۇھەممەد2 ئۆزى بىۋاستە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، شەرقى رىمنىڭ قولىدىن مۇقەددەس شەھەر كونىستانتىنۇپولنى تارتىۋېلىپ نامىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىدۇ ھەم 1000يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنى تارىخ سەھنىسىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسى رەسمى يوسۇندا ئاسىيا-ئافرىقا -ياۋروپاغا سوزۇلغان چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلىنىدۇ. تۈركلەر شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دېمەك تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە 1453 -يىلىمۇ، خۇددى يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1923-يىلىدەكلا مۇھىم يىلنامىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ گرېكلارنىڭ ۋە جۈملىدىن پۈتكۈل خرىستىيان ياۋرۇپاسىنىڭ ماتەم كۈنىدۇر. شۇڭا ھەريىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى(ئىستانبۇل فەتېھ قىلىنغان كۈن) ئىستانبۇل ئۈچۈن ئادەتتىكى كۈن بولسىمۇ، ئەمما گرېتسىيىدىكى شەرقى كاتولىك مەزھىپىدىكىلەر ئۈچۈن قاباھەت كۈنىدۇر.(ۋەتەن بلوگىدىن ئېلىندى)
فىلىمنى چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | فەتېھ 1453 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇرۇش، تارىخ، جەڭ، چۈشۈرۈش، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 29,988 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: fetih-1453-dvdrip.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆتمۈشتىكى ئويۇنلارنىڭ ئەسلىمىسى – 150 سكونتتا PC ئويۇنلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئەسلىمىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى
- كېيىنكى يازما > تور ئويۇنى ئوينايدىغان باللا بامۇ؟ 暗黑破坏神3 ئويۇنىنىڭ بىر قىسىم CG لىرىنى كۆرگەچ مۇڭداشمامدۇق؟
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
دىۋاندىن بىرنى فەتىھ قىلغاندەك تۇرامدىم قانداق؟
شۇنداق بولۇپتۇ، نام شەرىپىڭىزنىمۇ لايىقلاشتۇرۇپ «فەتھى دىۋان» دەمسىز يا؟
ماشا ئاللاھ! ئوبدان بوپتۇ…
پاناھ ماۋۇ يۇكسەلنى ، بۇگۇن بىز ئۇچۇنمۇ ماتەم كۇن بولدىغۇ، چۇنكى دىۋانمۇ فەتىھ بۇلۇپ كەتتى، دىۋاننىڭ ئىسمىنى نېمىگە ئوزگەرتەي دەيسىز؟
قاپىيە كەلتۈرۈپ چاپان دەيلى!
ھە راست توردىن كورگىلى بولغان ۋاقتىدىلا كورەي، بولمىسا چۇشۇپ بولغۇچە ئىچىم سىقىلىپ كېىتىدىكەن
پاھ،بەك ياخشى بولدى،مەن بۇكىنونىڭ ئىلاننى(预告片)2ئاينىڭ ئالدىدا youku.com دا كۆرگەن قاچانمۇ كۆرۈشكە نېسىپ بولادىگەنتىم ئاخىرى تورخۇمار تورىدا كۆرىدىغان بولدۇم ،كۆپ تەشەككۈر سىزگە تورخۇمار ئەپەندىم.
1453-يىلى كونسىتانتىيەنىڭ فەتىھ قىلىنىشى ئوسمان تۈرۈك ئمپىرىيسىنىڭلا غەلبە شادلىقى ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئسلام ئۈممىتىنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان شادلىقى. مۇھەممەد2 ھەقىقەتەنمۇ ئېسل ،تەقۋا ئاللاھدىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقىدىغان بىر پادىشاھ ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قلىسۇن!ئامىن.
بۇ كىنو راستىنلا بولىدىكەن.
بۇ كىنونى ئاق بۈركۈتتىكىلەر خەتلىك تەرجىمە قىلىشقا باشلىدى، ئىنشائاللاھ، ئاز كۈندە پۈتىدۇ، شۇ چاغدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغايمىز
مەن بۇنىڭ 2.5جىبايتلىق سۈزۈك نۇسقىسى بىلەن يېزىق ھۆججىتىنى تاپتىم
قېرىندىشىم، سىغىمىنى گېگابايت دەپ ئاتارسىز.
سىز تاپقان شۇ يېزىق ھۆججىتى باشقا كىنونىڭ subtitle دەك قىلىدۇ. ئۇنى تۈنۈگۈن مەنمۇ توردا كۆرگەنتىم.
ئەگەر فىلىم بىلەن يېزىق ھۆججىتىنى سېلىشتۈرۈپ بېقىپ، توغرا تاپقانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرەلىسىڭىز، www.koklem.comغا كېلىڭ، بىز شۇ يەردە تەرجىمە قىلماقچى. بۇ فىلىمنىڭ تېزرەك ئۇيغۇرچىلاشتۈرۈلىشىغا زور تۆھپە قوشقان بولىسىز.
لىكىنزە ما نۇركابىلدىن تارتقان تورنى بەك كۆپ بۆلىۋىتىپ چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى.
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا بىر گەپ بولا
ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىنماقچى ، سىزمۇ قاتناشمامسىز؟
تۈركچە دىگەندەكلەردىن ئانچە – مۇنچە خەۋىرىم بولسا قاتنىشارمەن ئۇنى
چۈشۈرگىلى بولمىدى.
چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى، ئەمدى خاتىرجەم چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە تەرجىمە خەتلىكى چىقسا بولاتتى، تەقەززا بوپ كەتتتىم،،،
چۈشمەيۋاتىدا؟
ما بۇلۇت كىنوخانىسىدا كۆرگىلى بولمامدا ماۋۇ كىژنونى؟
چۈشۈرۈش ئادىرىسدا خاتالىق بار ئىكەن ، ئېچىلمىدى ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولغۇدەك .
چۈشۇرۇپ بولغانلار مۇقىم بىرە تور دىسكىسىغا يوللاپ چۈشۇرۇش ئادىرسىنى قالدۇرساڭلارچۇ، بۇ ئادىرىستىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ.
تور دېسكىدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى قوشۇلدى
ئۇيغۇرچە خەتلىكى روزا ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئاقبۈركۈت تورى بىلەن قۇتيار تورىدا ئېلان قىلىنماقچى، ئىنشائاللاھ.
(توردىن بۇ خەتنىڭ يېزىق ھۆججىتىنى تاپقانلار، ئاۋال شۇ يېزىقنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭلار. مۇشۇ فىلىم نامىدا، باشقا كىنونىڭ تۈركچە يېزىق ھۆججىتىنى تورغا يوللاپ قويغان ئالدامچىلار باركەن.)
سىزگىلا قاراشلىق بولۇپ قالدۇق، مەنمۇ ئاق بۈركۈت چۈجىسى
ئاستىغا ئۇيغۇرچە خېتى چىقىپ تۇرامدۇ يا؟
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقىپ بولدى،خاتىرجەم كۆرىلى بىر
http://v.youku.com/v_show/id_XNDM3MTIyOTIw.html
ماۋۇ يوۇكۇدىكى ئۇيغۇرچە خېتى يوق
مەن چۈشۈرۋالدىم رەھمەت
فىلىمنىڭ ئەسلىي ھۆججىتىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلارچۇ؟ لىنۇكىستا چاقماق بولمىغاچ ئىلاج يوق!
ھۆججەت چاقماقنىڭ تور دېسكىسىدا بولغاچ، مەخسۇس چۈشۈرۈش قورالىدا چۈشۈرۈش كېرەككەن.
توردېسكىسىدىن چۈشۈرۈش دىگەن يەردىن كىرىپ ھۆججەت ئىسمىغا بېسىپ چۈشۈرسىڭىز بولدۇ
مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم رەخمەت…
تەدبىركار ئەپەندىم بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرچە خەتلىك توربەتلەردىن بىرەرسىنىمۇ سوزلىمەپسىز غۇ ! ؟
بۇفىلىمنى تەرجمە قىلىشقا ئەك كۈچ چىقارغان : http://turanim.com/?fromuid=55
ئىدى .
فىلىمدە ھەممە گۇرۇپنىڭ ئىسمى تولۇق يېزىقلىقكەن.
تۇرانىم ئەپەندى، بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىشقا ئەڭ كۈچ چىقارغىنى پەقەت تۇرانىملا ئەمەس، قۇتيار، ئاقبۈركۈت، شاھئۇيغۇر قاتارلىقلارمۇ بار، ئەجەبا تەدبىركار بىرنىمۇ دېمىسە ئاچچىقىڭىز كەپتۇيۇ، ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋاپسىز، ۋاقىت ئوقى، تەرجىمە، پىرىسلاش قاتارلىق جەيانلاردا ھەممىلا بىكەت تەڭ كۈچ چىقاردى، بۇلارنى نەچچە كۈندە ئۇنتۇپ قالساق بولماس؟؟؟
توۋا خۇدايىم، بىز بۇ يەردە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىقىدىن خۇشال بولۇپ يۈرسەك ئەيمەنمەستىن تۆھپە تالىشىپ يۈرگىنىڭىزنى قاراڭ.
خەت ئۆزىنىلا چۈشۈرگىلى بولمامدۇ؟
ئىسمى تولۇق يېزىلغان ھەممە گۇرۇپپىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ئۇلىۋاغان گەپما، مىيەگە؟
ھەي سەن ئاقساقال ئىشىڭنى قىلغىنە ماڭ. سەن نىمىنىڭ دەستىدىن قۇتيار تورىغىمۇ كىرمەس بولدۇم ساخچىدىن مىڭبىن يامان دىگەندەك فىلىمنى تەرجىمە قىلغان بىكەت باشلىقلىرى گەپ قىلمىسا سەن دەللالغا نىمە دەزى كەتتى،. تەرجىمە قىلغان ئادەم يالغۇز كۆرۈشنى ئويلىغان بولسا تورغا يوللىمايىتتى
ھاھا…
كىملىكىڭنى بىلىپ بولدۇم. سەن چۈپرەندە بىلەن تەڭ بومايمە…
مەنمۇ بەزى جايلاردا نامسىز نامىنى ئىشلتىمەن، لىكىن بۇ ئاۋۇ نامسىز مەن ئەمەس جۇمۇ؟
ئالدىرماي ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋالاي
ئىشقىلىپ مۇشۇ فىلىم ئۈچۈن كۈچ چىقارغان كۈچ چىقارمىغان ھەممىڭلارغا رەھمەت ئىيتىمىز؟
بۇ فىلىمنى بەك چۈشىنىپ كۆرگۈم بار ئىدى ، بۈگۈن ئالدىرماي ئولتۇرۇپ ، يىغلاپ يۈرۈپ كۆرۈپ بولدۇم ، ئىككى ئۈچ كۈنگىچە ئويلىنىپ ئاندىن باشقىدىن — ئويلىغانلىرىمنى قالدۇراي ، ھەر قايسى خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر تەشەككۈر …
ھېچكىم باھا يازماپتىغۇ بۇنىڭغا،مەنمۇ ئولتۇرۇپ باقاي كونا بولسىمۇ
تورخۇمار ئەپەندىم ، ماۋۇ تىمىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ، يىڭىلاپ قويسىڭىز ، بۇ فىلىمنى شۇنداق كۆرگۈم بار ئىدى. ياردەم قىلسىڭىز ؟