تور ئويۇنى ئوينايدىغان باللا بامۇ؟ 暗黑破坏神3 ئويۇنىنىڭ بىر قىسىم CG لىرىنى كۆرگەچ مۇڭداشمامدۇق؟
تورخۇماردا ئىزچىل تاق كىشىلىك ئويۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما ھېس قىلىشىمچە، يەنە تور ئويۇنىنىمۇ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بالىلار ئاز ئەمەسكەن، شۇڭا بۈگۈن ماۋۇ 暗黑3 توغرىلىق پاراڭلىشىپ باقاي دەپ قالدىم.
暗黑3 ئېلان قىلىنغىلىمۇ نەچچە ئاي بولۇپ قالدى. ھازىرغىچە تېخى دۆلەت ئىچىگە ئەكىرگىنى يوق، ئويناۋاتقانلارمۇ بىر بولسا ئامېرىكا نۇسخىسى ياكى تەيۋەن نۇسخىسىنى ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇزۇنغا قالماي چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى ئېلان قىلىنارمىش، تۆۋەندىكى CG سىنلار دەل ئاشۇ نۇسخىسىنىڭ تەييارلىقلىرى ئوخشايدۇ، كۆرۈپ باقسام خېلىلا فەچەت ئىشلەپتۇ، ئادەمنىڭ ئويۇننى ئوينىغۇسى كېلىپ قالىدىكەن، قېنى ئويۇن كىرىپ بولغۇچە ئاۋال سىن ئارقىلىق خۇمارىمىزنى باسقاچ تۇرىلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، ئويۇن، تور، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,920 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: diablo3-pw-cg-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [ئۇيغۇرچە خەتلىك] تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىپ ئىشلەنگەن تارىخى فىلىم «Fetih(فەتىھ) 1453» نىڭ DVD نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما > فرانسىيەدىكى ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئىشلەپ چىققان كارتون – تۈلكە پەرىشتە
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
ئوخ…………….خو، ئاخىرىنى دېمىسەممۇ بولار ھە؟
بۇگۇن دىۋان تالىشىدىغانلار يوقىلاپ كەتتىمۇ ياكى بىرەر يەرگە پەتىلگىلىمۇ ؟
سىلىمۇ ئوينايمەن دەپ كەپ بولالمىلىغۇ؟ بىللە ئوينىساق بولاتتى. ئويۇننى ئويناۋاتقىنىمغا ئىككى ھەپتىچە بولدى. ئازراق تەسىراتىمنى سۆزلەپ باقاي.
ئويۇن پەچەت ئىشلىنىپتۇ. 2-سىگە قارىغاندا 10 يىللىق سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر مانا مەن دەپ نامايەن قىلىنغان. مەن ئامېرىكا مۇلازىمېتىرىدا ئويناۋاتىمەن. سېتىۋالغىنىم پۈتۈن مۇلازىمېتىرغا چۈشىدىغان پۈتۈن تىللىق نۇسقىسى ئىدى. تەيۋەن ۋە ياۋرۇپا مۇلازىمېتىرىدىمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ. لېكىن ئەتە ئۆگۈن دۆلىتىمىزگە كىرىپ قالسا ئوينىغىلى بولامدۇ يوق بىلمىدىم.
نۆۋەتتە ئامېرىكا مۇلازىمېتىرىدا ئويۇننىڭ تولۇق ئىقتىدارلىرى ئېچىۋېتىلگەن. تەيۋەن ۋە ياۋرۇپا مۇلازىمېتىرىدا قورال-ياراقلارنى كىم ئاشتى قىلىپ ساتقىلى بولمايدۇ. ئوينايدىغانلار بولسا ئامېرىكا CDKEY نى سېتىۋېلىپ ئوينىشى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدا ئامېرىكا مۇلازىمېتىرىدا 繁体中文 لىك كۆرۈنمە يۈزدە ئوينىغىلى بولىدۇ.
بۇ ئويۇن تۈپتۈن تور ئويۇنى بولماستىن پۈتۈنلەي تورسىز ئويۇن 单机游戏 ھالىتىدە ئوينىسىمۇ بولىدىغان لايىھەلەنگەن بولۇپ، 暗黑破坏神 نىڭ خاسلىقىغا ۋارىسلىق قىلىنغان. 开始游戏 بىلەن تورسىز ئويۇننى باشلساق، 公开游戏 بىلەن تور ئويۇنىنى باشلىيالايمىز. يەنى باشقىلار بىلەن گورۇپپا تۈزۈپ جەڭگە چىقالايمىز.
ئويۇندىكى CG نىڭ پەچەتلىكىنى HD سۈزۈكلىكتىكى سىنلاردىن كۆرۈۋالالايمىز. ھەرىكەت ئۈنۈملىرىنىڭ ئېنىقلىقى، فىزىكىلىىق قائىدىلەرگە كۈچلۈك ئېتىۋار بېرىلگەنلىكى دېگەندەك ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىدىغان ئويۇنخۇمارلارنى بۇ ئويۇن ھەرگىز ئۈمىدسىز قالدۇرمايدىكەن.
ئوينايدىغانلار كېلىڭلار. مەن ئامېرىكا مۇلازىمېتىرىدا. 60-دەرىجىلىك 20 مىڭ DPS لىك ياۋايى ئادەمدىن بىرسى بار. ۋاقتىم بوپقالسا يېڭىياچىلارغا يولباشلاپ بېرىمەن.
مېنىڭ BattleTag ىم Pasiban#1272
مەن شۇ جۇڭگو نۇسخىسىنى ساقلاپ ئولتۇرغان، گەپلىرىڭىزنى كۆرۈپ شۆلگىيىم تېخىمۇ ئېقىشقا باشلىدى.
ئويۇن ناھايىتى پەچەت !ۋەقەلىكى سەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ! ئاساسلىقى دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ توقۇنىشىنى دىگەندەك پۈچەك گەپلەر!كىچىك باللانىڭ ئۇينىشىغا قەتئىي ماس كەمىگۈدەك دەپ ھىس قىلدىم!بۇ ئويۇندا شەيتانىۋى بەلگىلە ۋە ئەڭ كۆپكەن !
BLZZARD شېركىتى بۇ ئويۇننىمۇ ئاخىرى يۇقىرى پەللىگە ئەكەپتۇ.
مەن مەخلۇقلار دۇنياسىنى( 魔兽世界 ) بىر مەھەل ئوينىغان . 85_دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەندە ئويناپ توختاپ قالدىم، بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ ئوينىمىغىلى، ھازىر 90_دەرىجە ئېچىلىدىكەن دېگەن مىش-مىش گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئېچىلسا يەنە باشلاپ كېتىمەن. بۇ ئويۇننى(مەخلۇقلار دۇنياسىنى ھە) ئوينايدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قۇرغان بىر QQ توپى بار . 82529341 . ئويناۋاتقان ياكى يېڭىدىن ئوينىماقچى بولغان بالىلار بولسا قېتىۋېلىڭلار.
熊猫人之谜 نىڭ CG سى پەچەت چىقىپتىكەن، تورخۇمارغا يوللاپ قويىلى
ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى ئەلۋەتتە بىزگە بەكلا يات. بۇ ئويۇننى ئويناشتا ۋە ياقتۇرۇپ قېلىشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبلەر ماڭا ئىنتايىن ماس كەپقالدى.
1. مەن ئۆزۈم بىر RPG ھەۋەسكارى.
2. ماڭا كۆپ چىقىم كەتمەيدىغان ئېسىل ئويۇن بولىشى كېرەك. بۇ ئويۇننى گەرچە سېتىۋېلىش كېرەك بولسىمۇ، پۇلىغا يارايدىكەن دەپ ھېس قىلدىم. بۇ سېلىشتۇرۇش – دۆلەت ئىچىدىكى RPG ئويۇنلىرىغا قارىتىلغان.
3. ۋەقەلىك – كونا دەۋر تەسۋىرلەنگەن سېھرىي دۇنيا بولىشى كېرەك ئىدى.
4. ئويۇننى توردا باشقىلار بىلەن بىللە ئوينىغىلى بولسا، جابدۇق سېتىۋالغىلى ۋە ساتقىلى بولسا، ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن ئىستىمال قىلىنسا، يەنى توردا ئوينىغان شارائىتتىمۇ كىيىن يەنە پۇل سەرپ قىلىنمىسا.
5. ئويۇننى خالىغان ۋاقىتتا توختىتىپ خالىغان ۋاقىتتا داۋاملاشتۇرغىلى بولسا، ئويۇندىكى بىرەر سەۋەب بىزنى ئويۇنغا باغلىۋېلىپ مەجبۇرىي داۋاملاشتۇرغۇزمىسا.
6. ئويۇن – ھازىرقى دەۋرگە مۇتلەق ۋەكىللىك قىلالىسا.
7. مەك كومپىيۇتېردىمۇ ئوينىغىلى بولسا (بۇ ئويۇن – بۇ يىل ئېلان قىلىنغان Retina ئېكرانلىق MacBook Pro غا ماسلاشتۇرۇلۇپ 2880 دە 1500 نەچچىلىك ئېكرانغا ئالاھىدە ئىشلەنگەن. قېنى HD ئويۇن ھەۋەسكارلىرى؟!!!)
8. ياسىغۇچى شىركەت – دۆلىتىمىزدىكى ئادەمنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان دەرىجىدىكى ئىنساپسىز 运营商 لاردەك ناچار بولمىسا. ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە ئوينىغۇچىلارنى ئويلاشقان شىركەت بولسى.
…
لەغمەن پىشىپ قاپتۇ. تاماق يەۋالاي. ماۋۇ ئويان مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشكەچكە ماڭا سەت خوش ياقتى. مەن ئويۇننى مۇشۇ جەھەتلەردىن مۇلاھىزە قىلىپ ئويناۋاتىمەن. لېكىن ھېلىقىدەك جەننەتۇ دوزاق دېگەن يەرلىرىگە خىيال پىكىرىمنى ئەكىرىپ قويمىدىم. چۈنكى ئۇ پەقەتلا ئويۇن لايىھەلىگەنلەرنىڭ خام خىيالىى خالاس. ئۇ مەيداننىڭ ئىسمىغا ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مەن قاراڭغۇ يورۇق مەيدان دەپلا ئۆتۈپ كەتتىم. چۈنكى بۇ مەن بۇ ئويۇننى ئويناشتىكى سەۋەبلىرىمنىڭ بىرى ئەمەس.
مەن بۇ ئويۇننى سېتىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئويناۋاتىمەن. سېتىۋالغىنىم پۈتۈن خەلقئارا نۇسخىسى بولسىمۇ، ئەمما تور سۈرئىتى سەۋەبلىك كورىيەدىكى ئاسىيا مۇلازىمىتىرىدە ئويناۋاتىمەن. راستىنى ئېيىتقاندا بۇ ئويۇننىڭ داۋاملىق قىزىقتۇرۇش خاسلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. 2-سى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن ئويۇن. شۇنى دەپ كېچىلەردە تۈنەپ باقمىغان ئويۇنخۇمارلار ئاز بولسا كېرەك. ئەمما 10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە كومپيوتېر ئويۇن ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. 3-سى گەرچە ئاۋالقىسىغا قارىغاندا جىق ياخشىلىنىش ۋە يېڭىلىق بولسىمۇ، يەنىلا ئاۋالقىسىدەك ئويۇنخۇمارلارنى ئۆزىدە تۇتۇپ تۇرالمىدى. بۇ ئويۇن سېتىلغاندا نۇرغۇن ئويۇنچىلار ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋېلىپ ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇزاققا بارمايلا ھەرقايسى مۇلازىمىتىردىكى ئويۇنچىلارنىڭ سانى ئىنتايىن تىزلا چۈشۈپ كەتتى. لايىھىلىگۈچىلەرمۇ ئاۋالقى نەشىردىكى ئۇسلۇب، مەزمۇنغىلا ۋارسلىق قىلسا، ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى، ھەمدە يېڭى پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.
بۈگۈن 1.0.4 يېڭىلاش بولىقى ئىلان قىلىندى. خېلى كۆپ ئۆزگەرتىشلەر بار ئىكەن. كەچتە ئوبدانراق ھېس قىلىپ باقاي.
تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىڭىزگە تەشنامىز. قارىماققا بۇ ئويۇننىڭ ئوينايدىغانلار ئارىمىزدا خېلى باردەك قىلىدۇ.
بۇ ئويۇن دۆلەت ئىچىگە رەسمىي كىرگەندەك ئاندىن ئوينايمىكىن دەيمەن.
ھە راسىت: lol ئويناۋاتقانلار يوقمۇ ئارىمىزدا؟
LOL غا كەلسىڭىز 皮尔沃特夫 بۇ رايوندا ئويناپ قويىۋاتىمەن 987 胜场 ، بىللە ئوينىساق بولىدۇ
ئىككى ئاينىڭ ئالدىدىلا بۇ ئويۇننى كۆرۈپ قىزىقىپ ئوينىغان ئىدىم ….بىراق دەرىجەم 12 گە چىققاندا بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتكەندە، 60 نەچچە دوللار بولمىسا ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىكەن… ئامالسىز توختاپ قالدى. سىلەر بۇنى سېتىۋالدىڭلارما بۇ ئويۇننىڭ يەككە كومپىيۇتىر نۇسخىسى يوقمىدۇ؟ ھەي! ئەگەر بۇ ئويۇن جۇڭگۇغا كىرسە شۇ ھامان خەنزۇچىلىشىپ، ئويۇننىڭ ھەقىقى ئۈنىمىنى بۇزىدۇ………
شۇنداق. سىز يېڭى ئۆگەنچى قىسمىنى سېتىۋاپسىز، ئەمدى پۇل خەجلەپ Key سېتىۋېلىپ ئويۇننىڭ دەرىجىسىنى رەسمىي نەشىرگە كۆتۈرگەندىن كېيىن كەينىنى ئوينىيالايسىز، بىز ھەممىمىز شۇنداق ئويناۋاتىمىز.
ئەستاق! بۇ نىمە ئىش بولغىنى ئەمدى كۇرىيە تىلىغا ئايلىنىپ قاپتىغۇ؟مەن بۇ تىلنى بىلمەيمەن… ئەسلى ئېنگىلىزچە ئىدى… سىز 60 دوللارغا سېتىۋالدىڭىزما ؟ مەن كەينىنى ئوينىيالمىدىم… باشقا ئۆتكەللەرمۇ ياخشىمىكەن؟ بۇ ئويۇننى بېسىپ چۈشىدىغان ئىككىنچى ئويۇن چىقماسمىكىن!
پۇلغۇ ئانچە مەسىلە ئەمەس،مەن بۇ ئويۇننى بەكلا ياختۇرۇپ قالغان ئىدىم.لېكىن بۇ ئويۇننىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ياخشى ئەمەسكەن. دېمەكچى بولغىنىم مۇسۇلمانلار ئوينىسا بولمامدىكىن دەيمەن.شەخسەن ئۆزەممۇ ئويناش كېرەكمۇ؟ ئوينىماسلىق كېرەكمۇ ؟دېگەن يەرگە كېلىپ توختاپ قالدىم. مەن بۇرۇن Diablo II نى بەك ياختۇرۇپ ئوينىغان. ھازىر بولسا Diablo III نى ئويناۋاتىمىز . مەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىشلار زىيادە شەرت قويۇپ تۇرىۋالىدىغان ئويۇنلارنى ياخشى كۆرمەيمەن.
ھە راسىت! ئەگەر بۇ ئويۇنغا قىزىقسىڭىز مۇشۇ خىلدىكى يەنە بىر ئويۇن بار ئويناپ بېقىڭ!Titan Quest بۇ ئويۇننى ئويناپ بېقىڭ بۇمۇ بوپ قالىدۇ….ئەگەر ياخشى ئويۇنلار بولسا ماڭىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويارسىلەر ! لېكىن ئويۇنغا بەك قىزىقىپ نامازنى تاشلاپ قويماڭ! ھەممىنىڭ ئۆز ۋاقتىنى تاپقىنى ياخشى … ئاللاھقا ئامانەت