iPhone دا ئۇيغۇرچە فونت تونۇتمايمۇ خەلقئارا خەۋەر ۋە ئېقىم مەسىلىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەپ – خەۋەرلەر(Okyan News)
ئوكيان خەۋەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى كۈچلۈك ۋە نوپۇزلۇق خەۋەر تورى بولۇش سۈپىتى بىلەن تېز، ئەتراپلىق خەۋەرلىرى، چوڭقۇر تەھلىللەرگە تويۇنغان ئوبزورلىرى ئارقىلىق زىيارەتچىلەرنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەنىدى. ئوكيان خەۋەرلىرىنىڭ ئايفون سۇپىسىدىكى «خەۋەرلەر» يۇمشاق دېتالى سىزگە ئەڭ ئاز ئېقىم بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىشلەتكەندىن كېيىن ھېس قىلىسىزكى، بۇ كومپيۇتېردا خەۋەر كۆرۈشتىن كۆپ قولاي.
ئالاھىدىلىكى:
ئارتۇقچە ئېقىم مىقدارىنى ئاپتوماتىك سۈزىدۇ.
باش بەتتە تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر كۈندە يېڭلىنىدۇ.
خەۋەرلەرنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان سەھىپىلەر بويىچە كۆرەلەيسىز.
دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ ئىشلاردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز
قىسقىچە تەسىرات:
«خەۋەرلەر» ناملىق بۇ ئەپ قارلۇق شىركىتىنىڭ بىزگە «خاتىرەم»دىن كېيىن سۇنغان يەنە بىر دانە ھەقسىز ئۇيغۇرچە خەۋەر كۆرۈشكە بولىدىغان ئەپ بولۇپ، قىسقىغىنا ئىشلىتىش تەسىراتىمغا ئاساسلانغاندا، ئەپ مەيلى كۆرۈنمە يۈز ياكى مەشغۇلات جەھەتتىن بولسۇن، ئاددىي ۋە قولايلىق چىققان دېيىشكە بولىدۇ. خەۋەرلەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز ئىكەن، كىشىنى ئەڭ رازى قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئەپ ئىچىگە ئۇيغۇرچە فونت سىڭدۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق ھەرقانداق بىر iPhone دا توسالغۇسىز(مەيلى تۈرمىدىن قاچۇرغان ياكى قاچۇرمىغان بولسۇن) ھالدا كۈندىلىك يېڭى خەۋەرلەرنى نورمال كۆرەلەيدىكەنمىز. ئەلۋەتتە، تۇنجى نەشىرى بولۇش سۈپىتى يەنە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلىرى ساقلانغان بولۇش تەبىئىي. مۇشۇنداق نادىر ئەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى ۋە تېخىمۇ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا بېرىپ قارلۇق شىركىتىنى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، iPhone، ئەپ، ئۇيغۇرچە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,888 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: okyan-news-app.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەر يىلى تارقىلىدىغان ئەڭ مودا ئەپسانىۋى خەۋەرلەرنىڭ بىرى: يېڭى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى
- كېيىنكى يازما > iOS 6 نىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى: iTunes بىلەن App Store بىرلەشتۈرۈلۈپ iStore دەپ ئاتىلىدىكەن
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
مەنمۇ دىۋانغا چىقىپ باقاي، قانداق ھىسسىيات پەيدا بولاركىن
مۇشۇ ئەپ بازىرىدىن قانداق دۇكان ئاچىدىغاندۇ ھە…
ۋاھ نېمىدىگەن ياخشى ، بەك ياخشى بولدى
نەگىلا قارىسام ئالما بىلەن ئەنجۈر.مەنمۇ پۇل تاپقاندا ئالمىدىن بىر يۈرۈش ئالمىسام….
ئوكىيان خەۋەرلىرى ممېنىڭ كۈندىلىك ئېنتىرنېت مەشخۇلاتىمدا زادى كەم بولمايدۇ . بىز ئەڭ قىززىقىدىغان بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان سىياسى ۋە ئېقىم مەسىللىرى مۇشۇ ئوكىياندا !
ئوكياندا دا دا دا !!!!!!!!!!!!گۇاڭگوسىما بۇ؟
ئېلانغا ئوخشاپ قاپتۇ جۇمۇ !!!
android نۇسخىسىنىمۇ بازارغا سالسا بولاتتى….
يېڭى خەۋەر كۆرىدىغان androidسۇپىمۇ پات-ئارىدا مەيدانغا كەلگۈسى!
ئالمىنىڭغۇ چىقىپتۇ، ئەنجۈرنىڭ قاچان چىقار
ھەقىقەتەن ياخشى ئەپ. مۇمكىن بولسا ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان قىلىۋەتكەن بولسا
قارلۇق شىركىتىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن !
ئەنجۇرنىڭكىنى بازاغا سالسا ياخشىتى…ھازىر ئالما ئالما دىسە قولىدا 50 كويلۇق تىلفۇن بىلەن ئويۇنچۇق ئوتنىدا ئىشلىتىدىغانلا جىق …
بۇ ئەپنىڭ ئاندرويىد نۇسخىسى چىققىلى نەچچە ئاي بولدى.
Play Store دىن «بىلكان خەۋەرلىرى» ناملىق ئەپنى چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ. «بىلكان خەۋەرلىرى» مۇ خارەكتېر جەھەتتىن مۇشۇ ئەپكە ئوخشايدىكەن، ئۇيغۇرچە خەۋەر تاراتقۇلىرىدىن ئوكيان خەۋەرلىرى، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.ئۇيغۇرچە تۇنۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان بارلىق ئاندرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ماس كېلىدىكەن.
ئادرېسى مانا:
https://play.google.com/store/apps/details?id=net.uyghurdev.app.bilkannews&feature=search_result#?t=W251bGwsMSwxLDEsIm5ldC51eWdodXJkZXYuYXBwLmJpbGthbm5ld3MiXQ..
ھەي باللا ئۈستىدىكى ئادرىس ئېچىلمىدىغۇ؟؟؟؟
مەن ئاچسام نورمالغۇ؟
ئاۋۇ ئادرېسنى باسسىڭىز بىۋاستە ئېچىلماي تورخۇمارنىڭ كۆرسەتمە ئۇچۇرى چىقىدۇ، شۇ كۆرسەتمە ئۇچۇر بېتىدىكى ئادرېسنى باسسىڭىز بولىدۇ.
ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى-ئوكيان خەۋەرلىرى!…