iPhone دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تەس ئەمەس! iOS تىكى ئۇيغۇرچە ئەپ – خاتىرەم(iPhone/iPad ھەممىنى قوللايدۇ)
ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قارلۇق شىركىتى خاتىرەم نامىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزى تۈزۈپ چىققان تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق خاتىرەمنىڭ پەقەت iPad نۇسخىسىلا بولۇپ، iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىگە نىسبەتەن، خاتىرەم بىلەن ئۇچرىشىش شارائىتى يوق ئىدى. بۈگۈن بۇ ئەپنىڭ iPhone نەشىرى App Store دا رەسمى ئېلان قىلىنىپتۇ. ئەمدى iPhone/iPad شارائىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قىينىلىپ ئولتۇرمايسىز، ھەتتا تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ ھاجەتسىز…
تۆۋەندىكىسى قارلۇق شىركىتىنىڭ App Store دىكى چۈشەندۈرىشى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەد ياكى ئايفوندا ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، سىنا، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى “كىلاسسىك ئۆلچەم” بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى
يازمىنى گۈدۈك، سىنا، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار
ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى
خاتىرەم نۆۋەتتە iOS 5.0 دىن يۇقىرى نەشىرىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز! يەنى سىز بىر تىيىن خەجلىمەي، شۇنداقلا تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ iPhone/iPad مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز! بۇ ئەپ ئارقىلىق بىز ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە يېزىقىدا ئۇيغۇرچە يازالايمىز. يازغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ خالىغان جايلارغا كۆچۈرۈپ بارالايمىز. ئۆزىدىن بىۋاستە گۈدۈك، iMessege ۋە ئېلخەت قاتارلىق جايلارغا خەت يوللىيالايمىز. ھازىرچە ئاساسلىق ئىقتىدارلار ھازىرلىنىپتۇ. بارا-بارا باشقا ئىقتىدارلىرىنىڭ داۋاملىق مۇكەممەللىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قارلۇق شىركىتى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ئېچىۋاتقان بولۇپ، بەلكىم ئۇزۇنغا قالماي كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىنكەن. ئاخىرىدا قارلۇق شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەپ پەقەت iOS5.0 ۋە شۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرىدىلا ئىشلەيدۇ.
خاتىرەمنى چۈشۈرىۋېلىش(iPhone ۋە iPad نەشىرى):
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، iPad، iPhone، ئەپ، ئۇيغۇرچە، خاتىرە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,998 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: xatirem.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە RSS ئوقۇغۇچ – iPhone/iPad قاتارلىقلارنى قوللايدۇ
- كېيىنكى يازما > Siri ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم 4S بولۇشى ھاجەت ئەمەس! iPhone4 شارائىتىدا Siri ئىشلىتىش
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتۇق!
خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن. ھازىرقى كۆڭۈلدىكى خەت بەكلا كىچىك.
ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، خاتىرەمنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ چىققانلىقىدىن ئالەمچە خوشاللىققا چۆمدۈم.
خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى مەنچە كىچىك ئەمەس. بىراق تەڭشىگىلى بولسا راس ياخشى بولاتتى.
تۈرمىدىن قاچۇرغان تېلىفۇن بولسا ئۇيغۇرچە خەت نوسخىسى قاچىلاپ قويسا خەتلەر تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدىكەن.
بۇ خاتىرەم ئەپنى قانداق قاچىلايدۇ مەن ھىچ قاچىلىيالمىدىم
قاچىلاپ باققانلا بامۇ
قاچىلاش تەپسىلاتىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلا
يانفۇن تىپى iPhone4S 5.01 ئىدى
iTunes دىن ھۆججەت چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى بىلىدىغانسىز؟
4.3.3 نەشىرىدە ئىشلەيدىغان نەشىرىنىمۇ ياسامدىغاندۇ يا ؟
بىزغۇ تۈرمىدىن قېچىپ ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمىز ، بۇ كىرگۈزگۈچ بىۋاستىلا كىرگۈزگۈچلەر تىزىملىكىگە قوشۇلىدىكەن ، تىزىملىكتىن خۇددى ئېنگىلىزچە ياكى ئەرەبچە … دىگەندەك ، ئايفۇننىڭ ئۆزىدە بار بولغان كىرگۈزگۈچلەرنى تاللىغانغا ئوخشاشلا تاللاپ ، بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىكەن ، بۇ تەرىپى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا توغرا كېلىدىغان « خاتىرەم » دىن ئىلغار ، ئەمما يامان يېرى تۈرمىدىن قاچمىغان ئايدېۋايسلارغا قاچىلىغىلى بولمايدۇ ،
ئەگەر 4.3.3 لەرگە قاچىلىنىدىغان نۇسخىسىمۇ ياسىلىپ قالسا تۈرمىدىن قاچماي ئىشلەتسەكمۇ بولاتتى … ،
ھازىر پەقەت مۇشۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى دەپلا تۈرمىدىن قېچىۋاتىمەن .
مەنچە ياسالماسلىقى مۇمكىن. ئەسلىدىنمۇ، سېستىمىدىكى كىرگۈزگۈچ قىسمىغا قوشۇلىدىغان كىرگۈزگۈچنى ئايرىم ئەپ شەكىلدە ياساپ App Store دا سېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىش. سىز QQ، بەيدۇ دېگەن كىرگۈزگۈچلەرگە قاراپ بېقىڭ، قايسى بىرىنىڭ سىرتتىن ئايرىم قاچىلايدىغان نۇسخىسى باركەن؟ QQ نىڭمۇ ئەڭ يېڭى نەشىرىدە ئۆزىنىڭ كىرگۈزگۈچى ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرىۋېتىلگەن. 4.3.3 دە ئىشلەيدىغان نەشىرىنى ياسىماسلىقى مۇمكىن، مەنچە بالدۇرراق iOS5 كە يېڭىلىغىنىڭىز ئەۋزەل.
قالتىس ئىش بولدى جۇما! تورخۇمارنىڭ مۇشۇنداق يېرىنى دەيمىز.
كۈتكىلى …..ھا!!!!
91 يانفۇن چوماقچىسىدىن قاچىلىغىلى بولمىدى دوسار چۈشۈرۈپ رار شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار مىنىڭ بەكمۇ ئىشلەتكۈم باتتى مەن iphone4ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە دىتاللارنى كۆرسەم بەكمۇ خۇرسەن بولىمەن لىكىن زە تازامۇ بىر ھەي
مەن بۇ ئەپنى iTunes قاچىلاپ باقتىم لىكىن قاچىلانمىدى
قاچىلاپ باققانلا بامۇ
iphone ئالغاندا سىنايلى ئەمدى….
5.0 ئەمەستى ئەمەسما !!!!!
مېنڭنمۇ 5.0 ئەمەستى، لىۋېمىزنى تامشىتىپ تۇرۇپ تۇرايلى ئەمدى
قېنى ئۇ iPad/iPhoneدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە يارايدىغان دېتال؟ يوقۇرىدىكى ‘باھاسى: ھەقسىزخاتىرەم
iPhone/iPad لەردە ئىشلەيدۇ
مەنبە: تورخۇمار« دېگەن يەردىكى AppStore دڭن چۈشۈرۈش دېگەننى باسسام باشقا بەت ئېچىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ يەردە يەنە باشقا چۈشۈرۈشكە ئالاقىدار ۇلۇنۇسى يوچچۇ؟