نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

iOS 6 نىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى: iTunes بىلەن App Store بىرلەشتۈرۈلۈپ iStore دەپ ئاتىلىدىكەن

ios6-beta

ئىلگىرى تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم خەۋەرلەردە، ئالما شىركىتى بۇداقى WWDC2012 دە iOS 6 نى ئېلان قىلىدۇ دېيىلگەن ئىدى، دەرۋەقە، WWDC 2012 گە 4 كۈن قالغان ۋاقىتتا، YouTube دا iOS 6 دىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار تونۇشتۇرۇلغان سىن ئاشكارىلانغان، سىندىكى iPhone نىڭ سىستېما نەشىرى iOS 6.0 10B24 ئىكەن.

سىندىن ھېس قىلغىلى بولىدىغان نۇقتىلار شۇكى، iOS 6 دە iTunes بىلەن App Store بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن ۋە يېڭىدىن iStore دېگەن نامدا ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرى دېگىنىمىزدەك، بۇ نەشىرىدىن باشلاپ Google Maps پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، Apple نىڭ ئۆزى تۈزگەن خەرىتە يۇمشاق دېتالى ئورنىغا دەسسىتىلگەن. يەنە iOS ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بېرىقى ئارزۇسى، لۇغەت يۇمشاق دېتالى قوشۇلغان. بۇ لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى يەنە توردىكى سۆزلۈك ئامبارلىرىنىمۇ ئىشلىتەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا iOS 6 دە Siri ئىقتىدارى داۋاملىق سەپلەنگەن. باشقا تەپسىلاتلارنى كۆپچىلىك سىندىن كۆرۈۋالالىشى مۇمكىن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 15 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 07-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: ios6-beta-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. xjalma : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    google نىڭ ئورنىغا سەپلىگەن ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ خەرىتىسى قانداق پەرق ئىتىدىغاندۇ ؟ :roll:

  2. چەۋەنداز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ سۈرئىتى تېز جۇمۇ :mrgreen:

  3. مەمەت ئېلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇكۇدىكى سىن چىقمايدىغۇ…

  4. چاقماق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىگەن سەنما!!!!!!!!!!!!!

  5. چاقماق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا ئىنكاس يېزىپ باقماپتىكەنمە بىر ئوڭ كەپتۇ ئەمدە تەپسىلى كورەي

  6. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن دىۋانچىلار يوققۇ

  7. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەت بولدى ھە :mrgreen:

  8. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرتىلىمۇ قۇشۇلىدىغان خەۋەرلەر بارئىدى.
    راس شۇنداق بۇلارمۇ ؟

  9. يىگانە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي قاچانمۇ دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقارمەن… :sad: :roll:

  10. ئاۋاتار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خوشۇم مۇ يوق بۇ تىلفۇن بىلەن مىنىڭ چۇنكى بۇنى ئالغۇداك پۇل يوق شۇ :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :wink: :wink: :wink: :wink:

    • سادا425 :

      شۇنى دەڭە زەھەر نەقى بۇ مونوپولچىلارنىڭ مەھسۇلاتى

    • ياۋايى :

      بۇ يەردە قىممەت بولغان بىلەن ئۇ يەردە ئەرزان…ئاما؛ يوق…ھەممىدىن ئىچىمنى سىقىدىغىنى كۆك چىش يوق…ماي ئالماشتۇغىلى بولمايدۇ…ئاشۇنداق ئاۋارىچىلىق…باكاغا بەسە ئىككىنچى تىلفۇن قىپ ئىشلىتىپ قويىمەن…

  11. ۋەيرانى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچان ئېچىلىدۇ بۇ يىغىن؟

  12. قاراخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچىغا ئائىت ئۇچۇرلار يوق ئوخشىمامدۇ…

  13. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمەك iOS 6 يەنە تۆت كۈندىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىكەندە؟ياق-ياق يەنە ئوتتۇرۇرىغا چىقىش ئىھتىماللىقى يۇقىرىرراق…ئاللاھ خالىسا؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)